
قايسى كۈنى خەلق مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ئۇرۇق بىر ئادەم
-سىزگە پال سېلىپ بىرەي -دەپ ئېسىلىۋالدى. مەن
-ۋاي مەن بەش ۋاق ناماز ئۆتەيمەن. پال سالغۇزسا يامان بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوقىغان خىزمەتچى، بۇنداق خۇراپاتلىقلارغا ئىشەنمەيمەن - دىسەم،
-بىكارغا سېلىپ بىرىمەن. راست دىدىم. مىنى جىن ئىلىپ چىقىپ كەتكەن.. گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بىقىڭ -دەپ پەقەتلا ماڭغىلى قويمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىكارلىق بولسا ، ئاڭلاپ بېقىپ، خاتا چىقىپ قالسا، تازا تىللاي دەپ توختۇدۇم. ئۇ قەرت بىلەن ئىچىپ
-يولىڭىز بەك ئوچۇقكەن. كۆڭلى -كۆكسىڭىز بەك كەڭكەن. باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايسىزكەن. بىر تىينلىق ھارام نەرسە ياراشمايدىكەن. سىزگە يىقىندا كىلىدىغان بىر پۇل بار. ئىدارىدىن بىرەمدۇ ئىشقىلىپ. يەنە بىرسىدىن ئالامىغان پۇلىڭىز بار. ھۆكۈمەت ئورنىدا داۋالىشىۋاتىسىلەر. يەنە باشقا بىرسىدىن ئازراق ئىلىشىڭىز بار . يىقىندا ئۇنى ئالىسىز. بىر ئوغلىڭىز بار ئەقىللىق. لېكىن تۇرمۇشتا بىر ئېغىر غىمىڭىز بار. .... باشقا بىر ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىر ئەر كىشى ئىشقىلىپ يولدىشىىزمۇ داۋاملىق سىزنى ئويلايدۇ - دىمەسما شۇنداق كۈلگۈم كېلىپ كەتتى.
مەن دەل شۇ چاغدا بىرسىدە قالغان پۇلۇمنى" ئىلىپ كىتىڭ "دىگەچكە ئالغىلى ماڭغان. خەقتە پۇلىڭىز باركەن دىگىنى بەك توغرا چىقتى. خەقتىكى 50مىڭ يۈەن پۇلنى ئالالماي ، سوتتا يۈرگىلى 3يىل بولدى. يەنە ئاۋۇ كىلىدىغان پۇل دىگىنى مۇ توغرا چىقتى. ھىيتنىڭ ئالدىدا ئىدارىدىن بىردىغان پۇللار ئىكەنشۇ. ئەمدى ئىۋۇ تۇرمۇشتىكى ئېغىر غەم ئۇمۇ راست توۋۋا. ئاجرىشىپ كىتىپسىز دەۋەتكەن بولسا تىخىمۇ توغرا بولاتتىكەن. .........

... ئۇنىڭغا يانچۇقۇمدىكى ئىككى كوي پۇلنى بىرىپ ، ئىچىمدە ئاللادىن گۇناھىمنى كەچۈرۈشنى تىلەپ كىتىپ قالدىم. پۇل بىرىش سەۋەبىم ئۇ مۇھتاجلىقتاقالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.