بۇ 17قەۋەتتىكىbahitlik يوللىغان 2011-02-28 15:12 غا قارتىلغان :
تەلىم بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بەلكىم بۇ ئىشلار شۇنداق توغرا كېلىپ قالغاندۇ ، مەنمۇ چوڭ بۇلۇپ ھازىرغىچە پالچىلارغا پال سالغۇزۇپ باققىنىم يوق .....
ھە راست سوراپ باقسام ،سىھىرگەر لەر نىمىگە تايىنىدۇ ، بەزىلەر ئاسماندىمۇ ئۇچىدىكەن ،يەنە بەزىلىرى ئۇ تەرەپتىن بىر پارچە تېرىنى ،بۇ تەرەپتىن بىر پارچە تېرىنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ بىر -بىرىگە سۇقۇشتۇرالايدىكەن ..ئۇلاردا قانداق سېھىر بار ،ياكى ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدىغان ئىنسانلارمۇ؟ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىن چىققان قۇربانجان ئەۋلىيا دەپ نام ئالغان كىشىچۇ ؟ 
يۇقارقى سىز دىگەن سىھىر ئىشلىتىش ۋە ئىشىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىھىر ئىشلىتىش قەتئى ھارامدۇر . بۇ دىنىمىز ئىسلام شەرئىتىدە ئىغىر گۇناھلاردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ . سىھىر_ شەيتان ۋە كاپىر جىنلارنىڭ ئىنسانلاردا ئوتتۇرسىغا پاسىقلىق ۋە زەلالەت تىرىش مەقسىتىدە ، ئەقلى يەكۇن ساغلام بولمىغان ئادەملەرگە ئۆگەتكەن خاتا قىلمىش . بۇ قىلمىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ، ئىنساننى ئادالەتتىن ئۆگەيلەشتۇرۇپ، زەلالەتكە يىقىنلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كاپىر بولىدۇ .
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن :{لىكىن شەيتانلار ئىنسالارغا سىھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى ،سۇرە بەقەرە 102_ئايەت } يەنە شۇنىڭغا ئاساسلىنالايمىزكى :سەھىھۇل بۇخارىدا ،بەجالە ئىبنى ئەبدەدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن :
ھەزىرتى ئۆمەر بىزنى سىھىرگەرلەرنى ئۆلتۇرۇشكە بۇيرىغان ، بىز ئۇچ سىھرىگەرنى ئۆلتۇرگەن .
سۇيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :{ھاراق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغۇچى ،سىھرىگەرگە ئىشەنگۇچى ۋە سىلە_رەھىم(ئۇرۇق _تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت)نى ئۇزگۇچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ ، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى } بۇنىڭغا ئاساسەن ، كۆپىنچە ئىجمە-ئۆلىما ئالىملار سىھىر قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن .