- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 113
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3393
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- UID
- 4406
- يازما
- 113
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3393
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- توردا
- 4 سائەت
|
بۈگۈن بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتى باشلانغىنىغا نەق 5يىل بولدى .
ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتمەكتە ....ياردەم بەرگەن بالىلارنىڭ ئالدى ئالىي ئوقۇلنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ....
----------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور جامائىتى ،" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنىڭ بارلىق خەيىر -ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە تۆت يىل بولۇپتىكەن ،مانا ئەمدى بەشىنچى يىللىق خۇلاسىنى يېزىشقا نىسىپ بولۇپتۇ .
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى سىرىتتا بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن بىر ھەپتە كېچىكىپ 2010-يىلى بىر يىللىق ئېلىپ بارغان ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ تور ئەھلىگە سۇندۇم .ئۇشبۇ پەيىتتە مېھرىبانلىق پائالىيىتگە قاتناشقان بارلىق مېھرىبان تورداشلاغا ۋە تورچى بولمىغان ساخاۋەتچىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
2010-يىلى يىغىلغان پۇل سانى :4605سوم .
2009-يىلىدىن ئاشقان پۇل سانى :6659.24سوم .
جەمىئىي سومما :11264.24سوم .(ئون بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش تۆت سوم يىگىرمە تۆت تىيىن )
ئەمدى 2010-يىلى قىلىنغان خىراجەتلەرنى بايان قىلىمەن. ئىزچىل ياردەم قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى 5نەپەر ،ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،3باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نامى شەرەپلىرىنى ئاشكارايازمايمەن . ،بىلىشنى خالىغۇچىلار بولسا بورتالادا شەھرى بويىدىكىلەر مېنى ئىزلىگەي ،باشقا تورداشلار بىلمەكچى بولسا بىر سوم پىلانى پائالىيىتى ئالبومى ۋە ھېسابات خاتىرىسىنىڭ فوتو نۇسخا رەسىملىرىنى توردا ئەۋەتىپ بېرىمەن (كۆرۈپلا قالغايكى توردا قالايمىغان چىقارمىغاي،غورور بىباھا ! )
1. بورتالا شەھەرلىك ئوتتۇبۇلاق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتپىدە ئوقۇتۇۋاتقان بالىغا ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇل 400 سوم .
2.بورتالا شەھەر 9-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقان ئىككى بالىغا (بىر قىز بىر ئوغول )ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى 400 سوم . ئىككىنچى مەۋسۇملۇك پۇلنى بەرگىلى بارغاندا يەنە ئىككى بالىنىڭ قىيىنچىىقىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاڭلاپ ئۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا 200 سوم بېرىلدى .جەمىئىي 600 سوم پۇل .
3.مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتىدا ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلى 3819 سوم .
4.بورتالا تىببى مەكتىپىدە ئوقۇتىۋاتقان قىزنىڭ بىر يىللىق ياردەم پۇلى 1000سوم . (2010-يىلى 8-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈردى .)
5. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بورتالا 7-ئوتتۇرا مەكتىپىى تولۇق 2-سىنىپتىكى مەكتەپ بويىچە تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن 500 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ بالىنىڭ شۇ مەۋسۈملۈك 500 ئوقۇش پۇلىنى بەرگەن ئىدۇق .بۇ يىل ئىككى مەۋسۇمدە بۇ بالىغا 500سومدىن 1000 سوم ئوقۇش پۇلى بەردۇق .
6. بورتالا شەھرى سېلىمھاشىم كەنىتىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ مۇراجەتنامىسى ئۈچۈن قاسىمجان رىشىت (سەھرالىخ ) ئەپەندىم ئارقىلىق 200 سوم ئەۋەتتىم .
7.بورتالا شەھرى ئىتتىپاق يولى مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوسمانجان ئىسىملىك 31ياشلىق ئىككى بالىسى بار بىر يىگىتنىڭ ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالىنىۋاتقانلىق ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كىيىن شەخىسنىڭ تەلىۋى بويىچە مۇراجەتنامە يېزىپ بەردىم .ۋە بىر سوم پىلانىدىن 300 سوم ياردەم قىلدۇق . (بۇنىڭدىن سىرىت ئۇلارغا ھەر ئايدا شەخىس نامىدا ئۇن ماي گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرى ھەل قىلىپ بېرىشنى لايىق كۆرۈپ ياردەمنى باشلىدۇق ،كىچىك بالىسىغا بالىلاردىن يىغىپ كىيىم كېچەكلەرنى ئاپىرىپ بەردۇق .)
8. بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ھەققى ۋە يىللىق ھەققى 46 سوم .*
(بۇلتۇرقى ئېشىپ قالغان كىيىملەرنى پات يېقىندا يەنە بالىلارنى تېپىپ ئاپىرىپ بېرىمەن )
دېمەك 2010-يىلى خىراجەت قىلىنغان پۇل جەمىئىي 7365 سوم (يەتتە مىڭ ئۈچيۈز ئاتمىش بەش سوم )
11264.24 سومدىن 7365 سومنى چىقىرىۋەتسەك قالغان پۇل جەمىئىي 3899.24 سوم (ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز توقسان توققۇز سوم يىگىرمە تۆت تىيىن )
قىستۇرما ھېسلار :
ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتمەكتە ،2006-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق پائالىيىتى باشلانغان ئىدى ،مانا بۈگۈن 5يىللىق خۇلاسىسىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئۆگىنىشتە تىرىشچان ،ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوتتۇرا باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ ئۆگىنىپ ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ جەمىئەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ سوتسىيالىسىك ئىناق جەمىئەت،ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈنھەسسە قوشۇشنى تۈپكى مەقسەت قىلغان "بىر سوم پىلانى "مېﻬرىبانلىق پائالىيىتى جەمىيەتتىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى ،تور دۇنياسىدىكى مېﻬرىبان تورداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن 5يېشىنى ئۇزىتىپ ئالتىنچى يېشىغا قەدەم باستى .ئۇمۇ بەئەينى بىر بالا ئىدۇكى ئۇنى مانامەن سىز ،ئۇ ،ھەممەيلەن پەپىلەپ يۈرۈپ 5ياشقا كىرگۈزدۇق .بۇ جەرياندا تالاي تەسىرلىك ئىشلار بولۇپ ئۆتتى ،بۇنىڭ شاھىدى بولۇپ خاتىرە ئالبوم ۋە ھېسابات خاتىرىسى تۇرۇپتۇ .
،ئۇشبۇ قۇرلانى كۆرۈپ ئولتۇرغان ھەر بىر جان ئۇنىڭ 6ياشقا 16ياشقا 50ياشلارغا كىرىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ دەپ شەكسىز ئىشىىنىمەن .
خەيىر ، تور دۇنياسىدىن پايدىلىپ بورتالا شەھرىدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پائالىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈپ ئاز بولسىمۇ مېھرى -مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىپ ئاجىز دىللارغا سۆيگۈ ئاتا قىلدۇق . "مېھرىبانلىق پۇلدا ئەمەس يۈرەكتە " دەپ شۇ ئازغىنە بىر سوم ....بىر سوم پۇللارنى بىر يەرگە يىغىپ شۇ ئارقىلىق مېھرىبانلىق مىلودىيىسىنى ياڭراتتۇق .....تالاي دىللار سۆيۈندى ،تالاي كۆزلەر ياشلاندى ......ئالقىش ،مەدىيھە ،بارىكاللا ..... سادالىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىغىنىدا ئۆزىمىزنىڭ يامان ئىش قىلمىغىنىمىزنى ،جەمىئەتنىڭ بىز قوللىغانلىقىنى ،بىزنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېڭىدىن يېڭى جاسارەتلەر بىلەن گۈزەل ئەتە ئۈچۈن پىلانلار تۈزدۇق ....................
قوللار تىترىمەكتە ، تېخى بىر چاغدا زەربىلەر دەستىدىن "ۋاي قوي بولدى دەپ ئارقىغا يانغان ۋاقتىم بولغان ئىدى ،بىراق شاڭخەي مالىيە ئىقتىسات ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەيپىدىن ئەۋەتكەن 100 سوم پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقتىمدا "توۋا ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ناچار ئىقتىساتىدىن ئېشىنىپ بىر سوم پىلانى ئۈچۈن دەپ 100 سوم ئەۋەتىۋاتسا ،توختا ۋاپادارىم ،ئالدىڭغا قارا ،،،بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 100 سوم ئاز پۇلمۇ ،سەنمۇ شۇنداق ئوقۇغۇچى بولغان ،بىر تىيىن پۇلۇڭ قالمىغان ۋاقىتلار بولغان ،قارا ماۋۇ بالىغا قارا ،نىمە دىگەن ئالىيجاناپ ..نىمە دىگەن ئۇلۇغ پەزىلەتكە ئىگە بالا بۇ ،مۇشۇنداق ئېسىل تورداشلار "بىر سوم پىلانى "نى قوللاۋاتسا سەن يەنە نىمىگە چېكىنىتىڭ ،زادى نىمىگە مەيۈسلىنىتىڭ .! ئالدىڭغا قارا .تېخىمۇ تىرىشىپ مېھرىبان ئانىلارنىڭ،مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭ ،شۇنىڭغا ئىشەنكى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىئەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى بەختىيار كۈندە تالاي مېھرىبان يۈرەكلەر سەن بىلەن بىرگە ........دەپ مەدەتلەر بېرىپ كەتكەن ۋاقىتلار ئەسكە كەلمەكتە ..........
2006 -يىلى 12-نويابىر كۈنى بىر سوم پىلانىغا يىغىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىسغا ئېلىپ بارغان ئىدۇق .ئەنە ئەشۇ مەسۇم بالىلارنىڭ خوشاللىقلىرى كۆز ئالدىمدا ....
ئەنە ھېلقى "ئاكاشلار ،يەنە قاچان كىتاپ ئەكىلىسىلەر ....دەپ بىزگە سوئال قويغان بالىلار .........
ئەنە ھېلقى :رەھمەت بالام ،مەن پالانىنىڭ مومىسى ،سىلەرگە مىڭ رەھمەت ،سىلەر بولغاچقا نەۋرە قىزىم يىراق بېيجىڭدا شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ .............خۇدا يولۇڭلارنى ئاق قىلسۇن ...دىگەن ئوتلۇق تىلەكلەر .....
قەدىردان توردىشىم -بىر سوم پىلانى ساخاۋەتچىلىرى ،شۇنىڭغا ئىشەنكى بىز شۇ ئازغىنە بىر سوم پۇللىرىمىز بىلەن مېھرى مۇھەببەت زەنجىرى ياسىماقتىمىز .مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىمىز تالاي قەلىبلەر گە ھەقىقى سۆيگۈ مۇھەببەتتىن بىر دەرس بەرمەكتە .............
مېھرىبانلىق مىلودىيەسى يەنە ياڭرىماقتا ................
بىر سوم پىلانى خاتىرە رەسىملىرى ،ئالبوم ۋە ھېسابات خاتىرىسىنىڭ فوتو نۇسخسىنى كۆرۈشنى خالىغۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىدە بولغاي :
ئالاقىلاشقۇچى :ۋاپادارىم 912
تېلىفون :13565777257
چ چ :1227493241
2011-يىلى 9-يانۋار كەچ
شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .
/viewthread.php?tid=7824 |
|