- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 796
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 25559
- تىزىملاتقان
- 2010-7-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-22
- UID
- 3892
- يازما
- 796
- تېما
- 26
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 25559
- تىزىملاتقان
- 2010-7-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-22
- توردا
- 68 سائەت
|
خەتتاتلىق دېسە مېنىڭ باشلانغۇچ مەزگىللىرىم ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ... ئۇزۇن تۈرمىلەپ قويىدىغان بىر ئاق ۋاراقلىرى بولىدىغان ئاتامنىڭ، ياتاق ئۆيۈمگە ئېلىپ كىرىپ، قالامنى جۈپلەپ تازا يېزىپتىمەن... ئاتامغا كۆرسەتسەم كۈلۈپ كېتىپ، ماڭا ئىككى ئۈچ پارچە ھۆسنىخەت كىتابى بەردى، ئاتام ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدا ھۆسنىخەت ئۆگىنىپتىكەن، ماڭا ئاددىي يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئازراق جىجاپ ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن سىنىپنىڭ قارا دوسكىسىنى ئىگەللىۋالدىم، ھەم تەنەپپۇستا بور زايا قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. شەھەر ئىچى باشلانغۇچنىڭ ئالدىدا بىر دوسكا بولىدىغان، ھەر ھەپتە يېڭىلايدىغان، شۇنىمۇ بىزنىڭ سىنىپ ھۆددىگە ئېلىۋالغان... تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا قىسمىدىمۇ قارا دوسكىغا تازا ئەسقاتتى... ھېچ قالماشتۇرالمىسام نېپىز ۋاراقنى كىتابنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېلىپ بېسىپ چىقىراتتىم...
مۇبارەكنىڭ خەتتاتلىق توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرى ئەشۇ يىراق بۇرجەكلەرگە باشلاپ قويدى... كۆپ سۆزلىۋەتتىممۇ نېمە؟
بالىلىقتا ئارزۇ قىلمايدىغان نېمە بار دەيسىز؟ كىتابنى تولا ئوقۇپ يازغۇچى بولىمەن دەپ پو ئېتىپ يۈرگىنىممۇ، ماتىماتىكىدا نەچچە قېتىملىق مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشىۋېلىپ ماتىماتىك بولىمەن دەومۇ يۈرگەن، مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە رىياسەتچىلىك قىلىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ قىزىقىپ، ئۇسۇلنى ياىشى ئوينايسەن دېسە سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولۇپ تېخى... پۇتپولنى ياىشى تېپەلمەيسەن دېسە، كوماندىغا قاتنىشىپ، لوڭقا ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن بىر چاغلاردا... ھەي... ھەممىسى كەلمەسكە كەتكەن بالىلىقتا قالدى... |
|