- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 108
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- UID
- 10201
- يازما
- 108
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- توردا
- 3 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 20 نەچچە يىللىق ئۆمرۈمدە بىرەر پارچە روماننىمۇ تولۇق ئوقۇپ باقمىدىم، ھىچقانداق رومان ئوقۇپ باقمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. نىمىشقىكىن، رومان ئوقۇسا بەك كۆپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇش ھاياتىمدا 2009- يىلى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇپتىمەن. بۇلتۇردىن بېرى تور بىلەن بولۇپ كېتىپ، 2009- يىلىدىكىدەك ئۇنچە كۆپ كىتاب ئوقۇمىدىم.
تۆۋەندە 2009- يىلى بىر يىل ئىچىدە ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىمنى ئەسلەپ چىقماقچىمەن. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئارىيەت ئالغان، شۇڭا كىتابلارنى ئارىيەت ئالغان ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزدىم. بۇ تىزىملىككە 2009- يىلدىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئوقۇغان كىتابلارنى كىرگۈزمىدىم.
1. ھەزرىتى ئائىشە ( سەييىد سۇلايمان نەدۋىي يازغان)
بۇ كىتابتا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، (خەلىپە ئوسماندىن كېيىن) ئائىشە ئانىمىزنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ، مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىدەك ئىش ئىزلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
2. بۈگۈنكى زامان ئىسلام- ئەرەب پەلسەپىسى (سەي دېگۈي يازغان)
بۇ كىتابتا جامالىدىن ئافغانىي قاتارلىق زامانىمىزدىكى ئىسلام مۇتەپەككۇر- پەيلاسوپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
3. سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى (م مۇستافا مۇھەممەد ئەمارە تۈزگەن، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابتا ئىمام بۇخارىي توپلىغان ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئېسىللىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
4.مۇساپىرلار قاۋىقىدا (مەمىتىمىن ھوشۇر قاتارلىقلار يازغان)
بۇ كىتابقا بىر نەچچە پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن. مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ مۇساپىرلار قاۋىقىدا ناملىق ھېكايىسى ئاجايىپ قىزىقارلىق يېزىلغان.
5. يېڭى ئەسىر: مۇتەپەككۇرلار ساداسى ( شېللېر شىۋارتىز يازغان)
6. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى (سەيمىل خانتىڭتون يازغان، ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابنى مەن ئىنتايىن قىزىقىپ ئوقۇغان. دۇنيا ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە كەلگۈسى دۇنيا ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىنتايىن ئىلغار پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
7. سوۋغات ( رىزائۇددىن ئىبنى پەخىرىددىن قاتارلىقلار)
بۇ كىتابتا ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل ماقالىلىرى ۋە رىزائۇددىن ئىبنى پەخرىددىننىڭ ئەدەپ ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. ھەقىقەتەن باشقىلارغا سوۋغا قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
8. غەربنىڭ تەپەككۇرى( مورتېر ئادلېر يازغان، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابقا ئابدۇقادىر جالالىدىن كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئەگەر كىتابخانلارنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ياخشى بولسا، " بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز" دېگەن ماۋزۇدا بىر كىتاب يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تورداشلارنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ياخشى بولمىدىمۇ قانداق، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى تېخىچە يېزىپ چىقمىدى.
9.سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن يازغان)
بۇ كىتاب نەسىرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، قىسقا - قىسقا ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان. پەلسەپىۋىي ئىدىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، چۈشەنمەك بىر قەدەر قىيىن.
10. ئىبرەت، ئىبرەت، ئىبرەت ( يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق تۈزگەن)
بۇكىتابقا تارىختىكى داڭلىق پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېسىل سۆزلىرى ۋە بىر قىسىم ئىبرەتلىك ۋەقەلەر كىرگۈزۈلگەن.
11.ھەدىس شەرىپتىن ئۈنچەمارجانلار
بۇ كىتاب 700 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئىنتايىن كۆپ ھەدىس كىرگۈزۈلگەن. ئاساسەن سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇلمۇسلىمدىن تاللانغان.
12.ئەرلەرگە 101 تەكلىپ: كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر ( نۇرمۇھەممەدئۆمەر ئۇچقۇن يازغان)
بۇ كىتابتا تۇرمۇشتا دائىم يولۇقىدىغان بىر قسىم مەسىلىلەر ئىنتايىن ياخشى يېشىپ بېرىلگەن. ئەرلەرگە نۇرغۇن جەھەتلەردىن توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
13. كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەدەب- ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسلەر
بۇ كىتاب بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، ئەدەب- ئەخلاق دائىرىسىدىكى ھەدىسلەر توپلانغان.
14. مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز ( ئابدۇرېھىم دۆلەت يازغان)
بۇ كىتابقا ئىنتايىن ئېسىل ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەن ھازىرغا قەدەر ئوقۇپ باققان، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان كىتابلار ئىچىدىكى ماڭا ئەڭ يارىغان، مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاب. بۇ كىتابتا جەمئىيەتتىكى ناچار ئەھۋاللار ئىنتايىن ياخشى پاش قىلىنغان، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ كىتابنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
15. ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى (مىسىرلىق ئەھمەدئەمىن يازغان)
بۇ كىتابتا ئاساسلىقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋە ساھابىلەر دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان. بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ بار.
16. ئىسلام دىنى ھەققىدە قىسسە (فاڭ سىيى تۈزگەن)
بۇ كىتاب مېنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخمدىكى مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگەن، ئەڭ ساختا، ئەڭ ناچار، پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئىسلام دىنىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە بوھتان چاپلانغان، مۇسۇلمانلار ئىنتايىن مازاق قىلىنغان كىتاب. بۇ كىتاپ ئىران تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سالمان راشىدنىڭ "شەيتان داشتانى" ناملىق كىتابىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ساختا بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر مۇسۇلمان قاتتىق غەزەبلەنمەي تۇرالمايدۇ.
17. ئىسلامىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىدىيىسى (ليۇتيەنمىڭ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادىي نىزاملار، ئىسلامىي پۇل- مۇئامىلە ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان.
18. ئىسلام دىنى ۋە دۇنيا سىياسىيسى (جېن جىجيۇ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغان.
19. مۇقەددەس نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق تۈزگەن)
بۇ كىتابتا قۇرئان كەرىم، ھەدىس، قۇتادغۇبىلىك... قاتارلىق كىتابلاردىن قىستۇرمىلار بار بولۇپ، ئاشۇ كىتابلار ئاساسىي مەنبە قىلىپ يېزىپ چىقىلغان.
20. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما (مۇھەممەد سالىھ تۈزگەن)
بۇ كىتاب بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكتە ئاۋۋال قۇرئان كەرىمدىكى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىپ، ئاندىن شۇنىڭغا ماس ھەدىسلەرنى بايان قىلغان. ئايەت ۋە ھىدىسلەرنىڭ ئەرەبچە يېزىقى بىلللە بېرىلگەن.
21. ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر
بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ تۈرى ۋە شەكلى، ئادا قىلىش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان.
22. خاۋكىڭ نۇتۇقلىرى (ستىفىن خاۋكىڭ)
ستىفىن خاۋكىڭ ئىسىملىك بۇ كىشى ئىككىنچى نيوتۇن دەپ ئاتالغان بولۇپ، نىيوتۇننىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئەنگىلىيە خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىداماتىماتىكاپروففېسورى بولغان. بۇ كىشى ياش ۋاقتىدىلا پالەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، گەپ قىلالمايدۇ. قولى تۇتمايدۇ، پۇتى دەسسىمەيدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتىكى بىر ئادەم دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولغان.
23. سىياسىينىڭ رەزىللىكى (لوئىس پروۋىل يازغان)
سىياسىي ساھەدىكى نەيرەڭۋازلىقلار ئېچىپ بېرىلگەن.
24. ساغلام تۇرمۇش يولى _ ئەجداتلار ئۈگۈتى
بۇ كىتابتا قىسقا قىسقاھېكايىلەر ۋەپەيلاسوپلارنىڭ ھېكمەتللىك سۆزلىرى يېزىلغان.
25. جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق (مۇھەممەتجان راشىدىن)
بۇ كىتاپقا مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ئىنتايىن ئېسىل شىئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
26. ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ( ستىفىن خاۋكىڭ)
بۇ كىتاپتا نەزەرىيە فىزىكىسىدىكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان، بەك مۇرەككەپ.
27. ھىدايەت گۈلزارى 1- قىسىم
بۇ كىتابقا 10 يىللىق جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدىكى ئېسىل ماقالىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
28. ھىدايەت گۈلزارى 2- قىسىم
بۇ كىتابقا جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدىكى ئېسىل ماقالىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
29. ئىس تۈتەكتىن چىقىش (پەن جىپىڭ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا 2003- يىلىدىن ئىبارەت بىر يىل ئىچىدىكى شىنجاڭ ئىچى ۋە شىنجاڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن سىياسى ۋەقەلەر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ چارىلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
30. ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس ( توختى باقى ئارتىشى)
بۇ تەرجىمە كىتاب بولۇپ، ئاساسلىقى فىلەتونلار ژۇرنىلىدىكى ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان.
31. شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ (نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)
بۇ كىتابقا مۇھەممەدسالىھنىڭ قىزى بولغان نەزىرە خانىمنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار تونۇشتۇرۇلغان.
32. پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر ( ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ يولدىشى، مۇنەۋۋەر شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەرەب دىيارىدا ياشىغان چاغدىكى يازغان تەسىرات خارەكتىردىكى ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
33. ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (ئابدۇۋاقى ھاجىم)
بۇ كىتابتا غەرىبلىكلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ بارغان سەلىپچىلىك ئۇرۇشلىرى بايان قىلىنغان.
34. ئاشىق رىۋايىتى (ئەزىزى)
بۇكىتابقا شائىر ئەزىزىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
35. ھىدايەت نۇرى (ئەزىزى)
بۇ كىتابقا ئەزىزىنىڭ بىر قىسىم تاللانما ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
36. ئەدەب- ئەخلاق مىزانلىرى (رىزائۇددىن ئىبنى پەخىرىددىن)
37. بۈركۈت سايىسى (مارك ھېرتىسگارد، ئامېرىكا)
بۇ كىتابتا ئامرىكا مەركەز قىلىنغان، كىتاب ماۋزۇسىدىكى بۈركۈت بولسا ئامرىكىدۇر. ئافرىقا ۋە ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئامرىكىغا ئۆچ بولۇش، شۇنداقلا ئامرىكىغا قىزىقىش كەيپىياتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ئانالىز قىلىنغان.
38. بويتاق ئاشىقنىڭ مەخپىيىتى (ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا ئادىل تۇنىيازنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى (1998- يىلدىن ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن) يازغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
39. چۈمبەلدىكى كۆز (ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا ئادىل تۇنىيازنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
40. ھايات دېگەن مانا شۇ (مۇھەممەدجان راشىدىن)
بۇ كىتابقا مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ بىر تۈركۈم ئېسىل شىئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
41. سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر (ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن)
بۇ كىتابقا ئۇيغۇرچە بىر قىسىم ئېسىل كىتابلاردىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە سۆز جۈملىلەر كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بايان قىلىنغان.
42. كارل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى (كارل ۋېتىر)
بۇ كىتابتا مۇۋاپپىقىيەتلىك پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇلى بايان قىلىنغان بولۇپ، دىنىي ئەقىدەبويىچە تەربىيىلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. گەرچە بۇ كىتابتىكىسى خىرىستىيان دىنى بولسىمۇ، ئەمما، بىر قىسىم تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بولۇشى مۇمكىن.
43. مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ھاياتى (مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل)
44. ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى (ئابدۇقادىر جالالىدىن)
45. كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى (خېلىن كېللىر)
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن، قۇلىقى ئاڭلىمايدىكەن، ئېغىزى سۆزلىيەلمەيدىكەن (گاس، گاچا ھەم ئەما ئىكەن). مۇشۇنداقتۇرۇپ يەنە ساۋادىنى چىقارغان. كىتاب يازغان.
46. ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىزىم (ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان)
47. مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمھالى(مۇھەممەد خۇرەزى)
مەن بۇ كىتابنى كەم دېگەندە 4-5 قېتىم ئوقۇپ بولدۇم. بۇ كىتابنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. بۇ ئىنتايىن ئېسىل كىتاب.
48. خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى (شياۋ شيەن يازغان، ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: ئەگەر بىز ئۆز دىنىمىزنى بەزىبىر يات دىندىكى ئادەملەر چۈشەنگەنچىلىك چۈشەنگەن بولساق، ئەھۋالىمىز باشقىچە بولار ئىدى.
49. ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ( ئابدۇقادىر جالالىدىن)
50. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
يۇقارقى ئوقۇغان كىتابلىرىم ئىچىدە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى.
2009- يىلى ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن ئارىيەت ئېلىش خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانلىرى يۇقارقىلار. ( دەلمۇدەل 50 بوپتۇغۇ)
قۇرئاندىكى بىرىنچى ئايەت <ئوقۇغىن> دۇر. ئوقۇغان چېغىمىزدا توغرا خاتانى، ياخشى- ياماننى، پايدا- زىياننى ئايرىپ ئوقۇيلى.
تورداشلىرىمىزنىڭ قۇرۇق، ئەھمىيەتسىز... مۇھاببەت ۋەقەلىكلىرى سۆزلىنىدىغان ، تۇرمۇشتىكلى ئۇششاق پاراڭلار بىلەن تولغان رومانلارنى ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى، ئەمەلىي نەپ تېگىدىغان، ئادەمنى تەپەككۇرغا يېتەكلەيدىغان، ئەقىلنى ئاچىدىغان كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىتاب_ بىلىم بۇلىقى، بىلىم ئەقىل چىرىغى! |
|