مېنىڭ داداممۇ، ئاناممۇ، ئۇستازىممۇ كىتاب بولغان...كىتاب ئارقىلىق ھاياتنى، موھەببەتنى، تۇرمۇشنى، ياشاشنى بىلگەن ھەم بىلىپ كېلىۋاتىمەن....ئىشقىلىپ خەت يېزىقلىق قەغەزلا بولىدىكەن قەيەردىلا ئۇچرىسا قولۇمغا ئېلىپ نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىغا سەپسالىمەن...
مەنچە بولغاندا، ياش يىگىت- قىزلار ئابدۇراخمان قاھار ئاكىنىڭ "ھايات سىرى" رومانىنى بىر مەرتەم ئوقۇپ ئاندىن موھەببەتلەشسە، يىگىتلىرىمىز "مەمەت ئاۋاق" ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ "يىگانە ئارال"رومانلىرىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئوغۇل بالىلىقتىن سۆز ئاچسا ئىكەن....
"ئىز"، "ئويغانغان زىمىن"، "ئىلى دولقۇنلىرى"، "ئانا يۇرت" "سەئىدخان"، "بەختسىز سەئىدىيە"، "باھادىرنامە"، "تۈندىكى چاقماق" "ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە" "بەدۆلەت".... قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ تويمىغانلارغا كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ "قۇتادغۇ بىلىگ"، "زەپەرنامە"، "خەمسە"، "ئوغۇزنامە"...لىرىنىمۇ ئوقۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
"بۆرە ئانا" رومانى كىشى قەلبىنى ھەربىر قۇرىدا بىر قېتىم لەرزىگە سالىدۇ. "تەڭرىنىڭ ھۆكمى"نىڭ "ئاخىرى"نى ساقلاۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولدى.
رەھمەتلىك موتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۇر موھەممەدئىمىننىڭ "ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى" ناملىق كىتابى مېنى مىللىتىمنى قايتىدىن تونۇشقا موشەررەپ قىلغان...
ساۋادلىق بولساقلا كىتاب ئوقۇپ تۇرساق "دانىشىمەن"لەردىن بولالمىساقمۇ خارلىقتا قالمايمىز...
جىق گەپنى دىگۈم بارتى، تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويماي... |