- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 52
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1015
- تىزىملاتقان
- 2010-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-14
- UID
- 7016
- يازما
- 52
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1015
- تىزىملاتقان
- 2010-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-14
- توردا
- 55 سائەت
|
ئارسىلان، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى گەپلىرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن، ئەلۋەتتە چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك خانىم - قىزلار تىخىمۇ كەڭ قورساق بولسا، يىگىتلىرىمىزمۇ ئوخشاش ئەپۇ قىلىشنى ئۈگەنسە ، بىر ئائىلىدىكى ئوشۇقچە ئارازچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن ، ئاياللار كۆڭلى - كۆكسىنى دىڭىز - ئوكياندىنمۇ كەڭ تۇتقان بىلەن ئەر كىشى بۇنى چۈشەنمىسە ، يەنە بىكار . توشقاننىڭمۇ ئاچچىقى كەلسە ئادەم چىشلەيدۇ دەيدىغان گەپ بارغۇ ، سەۋرنىڭمۇ چىكى بار ، خانىم - قىزلارنى باشقىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ قورساق بولسۇن دەيدىكەنمىز ، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ بىر ئويلىنىۋىتەيلى ، پىچاقنى ئۆزۇڭگە سال ، ئاغرىمىسا كىشىگە دەپتىكەن .
جەمئىيتىمىزدە ھەقىقەتەن ئەرلىرىدىن ئورۇنسىز قۇسۇر ئىزدەپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ، خىزمىتىگە زور قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كىلىدىغان ئاياللار ئاز ئەمەس ، بۇنىڭغا كۆزىمىزنى يۇمىۋالمايمىز .بۇ تىمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلمەكچى بولغان مەزمۇنمۇ چوقۇم شۇنداقلارغا قارىتىلغان.
بۇ تىما ئارقىلىق كەڭ خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمىتىدە باشقىلارغا كەڭ - قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ ھارارەتلىك مىھىر - مۇھەببىتى بىلەن ئائىلىسىنى ئىللىقلىققا تولدۇرىشىنى ، يولدىشىغا گۈزەل خۇلقلىق ، نازاكەتلىك ئايال ، پەرزەنتلىرىگە مىھرىبان - كۆيۈمچان ئانا بولۇشىنى ، يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ خانىم - قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىشنى ، ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە پۇت - قولىنىڭ كۈچىگە ئەمەس بەلكى ئىككى ئىغىز ئورۇنلۇق چىرايلىق گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئارسىلان ،ناھايتى ياخشى تىما يولاپسىز . ئەگەر گەپلىرىم تىمىدىن چەتنەپ كەتكەن بولسا ياكى ئوشۇقچە ، بىرتەرەپلىمە بولۇپ قالغان بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى سورايمەن . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 20
باھا خاتىرىسى
|