- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 177
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1890
- تىزىملاتقان
- 2010-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-15
- UID
- 3193
- يازما
- 177
- تېما
- 22
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1890
- تىزىملاتقان
- 2010-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-15
- توردا
- 0 سائەت
|
تەكشۈرۈش خېتى
[align=justify] سۆيۈملۈك، گۈزەل، قەدىرلىكىم:[align=justify] راسىتىنى ئېىيتسام، بۈگۈنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، مەن ئۇنچە پىخسىقلىق قىلىپ كەتمىسەم بولاتتى، ئەسلى، توردىكى گۈزەل قىزلارنىڭ مۇھەببەتكە تولغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرمىسەم ياخشى بولاتتى. سەن ھەتتا <<ماڭا بۇلارنى چۈشەندۈرۈڭ>> دېگەندىمۇ مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، سېنىڭ يۈزۈڭگە بىر تەستەك سالىمىغان ۋە قۇلىقىڭنى چىشلەپ ئۈزۈۋالمىغان بولسام ياخىشى بولاتتى. سەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماڭا قانچە ھۆركىرەپ باقساڭمۇ، بەرىبىر مېنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنىڭ تونۇپ يېتىشىڭ كېرەك، ئىدى. مەن قاراڭغۇدىن قورۇققان بىلەن خوتۇن خەقتىن پەقەتلا قورۇقمايمەن. ئەمما نېمىلا. بولمىسۇن ئارىمىزدا بىر كېلىشمەسلىك يۈز بەردى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئويلانسام، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، سەنمۇ خىلى قاتتىق ئازابلانغان ئوخشايسەن، ئەمما مەن قىلغانلىرىمغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھېچقانداق ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسىمۇ،ئەمما سېنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلۈڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بۇندىن كېيىن، تەجىرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەپ، سېنى رەنجىتمەسلىككە تىرىشىمەن.
كاللامنى سىلكىۋىتىپ ئويلاپ باقسام، ئۆتكەن كۈنلەردە مەن نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپتىمەن، سېنىڭ قەلبىڭنى بىر-ئىككى قېتىم رەنجىتىپلا توختاپ قالغان بولسامچۇ، كاشكى! نەچچە قېتىم قەلبڭنى يارىلاندۇرۇپ، ۋەيرانە قىلىپ قويۇپتىمەن. بۇلارنى ئويلىسام، ساقال بېسىپ كەتكەن داپتەك يۈزلىرىم ئازراق قىزىرىدۇ. ئەمما مەن كېيىنكى كۈنلەرگە ئېشىنىمەن، مەن جەزمەن كۆپ پۇل تېپىپ سىزنى بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن، سىز ھەقىقەتەن مېنىڭ قەلبىمدىكى بىردىنبىر قىز.
مەن تۆۋەندىكى ئىشلاردا سىزگە كاپالەتنامە بېرىمەن:
1. بۇندىن كېيىن سىز يوق چاغلاردا يانفۇنۇمغا باشقا قىزلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرمەيمەن، QQ دا پاراڭلاشمايمەن، ئۇلار بىلەن ئىلگىرىكىدەك ئايرىمخانىلاردا ئۇچراشمايمەن. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسەم، سىز بۇلارنى <<بوپتۇلا>> دەۋەتسىڭىز، مەن ئۇۋا قىتتا، بۇنداق ئادەمگە تولىمۇ تەس بولغان، ئوغرلىقچە مۇھەببەتلىشىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
2. بۇندىن كېيىن يانفۇنۇمغا يات نۇمۇرلاردىن ئۇچۇر كېىلپ قالسا، ئەڭ ئاۋۋال سىزگە كۆرسىتىمەن. سىز كۆرۈپ بولغاندىكىن كېيىن جاۋاب قايتۇرىمەن. ئەگەر سىز جاۋاب قايتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قارىسىڭىز، بۇنداق ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئاۋارە بولماستىن، كەلگەن ھامان يانفۇنۇمدىن ئۆچۈرۋېتىمەن.
3. بۇندىن كېيىن ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر سىز بىلەن سوقۇشمايمەن، ئەمما سىزنىڭ ماڭا ۋارقىرىشىڭىز ۋە قول كۆتۈرۈشىڭىزگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا، سىز تېخىمۇ سەۋرچان، چېچىلمايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا، مېنىڭ سىز بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشىمنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، سىز مەن بىلەن قەستەن سوقۇشماسلىقىڭىز، تىللاشماسلىقىڭىز، ماڭا يامان تەلەپپۇزدا گەپ قىلماسلىڭىز كېرەك.
4. ئەگەر توردا گۈزەللەر ماڭا خەت يېزىپ، سىز بارمۇ دېسە، ئىلگىرىكىدەك <<يوق>> دېگەن جاۋابىنى ھەرگىز دېمەيمەن، چۈنكى مەن سىزگە سادىق بولغانىكەنمەن، ھەممە كىشىگە راست گەپ قىلىشىم كېرەك. ئۇلارغا ھەقىقىي ئىسمىمنى، ئۆي نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي دەپ بېرىمەن. ئەگەر بۇندىن كېيىن بۇلاردا بىخەستەلىك قىلىپ قويسام، سىزگە 100 سوم جەرىمانە تاپشۇرىمەن.
5. بۇندىن كېيىن، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا تېرىشىمەن، ھەرقانداق ئەھۋالدا سەت گەپ قىلمايمەن، ئادەم تىللىمايمەن . دېيىش چەكلەنگەن گەپلەر: ئاناڭنى، ئەبلەخ...
6. بۇندىن كېيىن، سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن، بۇلار ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە بازاردىكى ئىشلىرىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلارنى بېجىرىمەن، دەپ ئۆيگە كەچ قايتىپ كەلسەم، مەندىن ئاغرىنىپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ.
7. بۇندىن كېيىن، بىزنىڭ بىر ياستۇققا باش قويىدىغان ۋاقتىمىزغا چەك قويمىساق بولمايدۇ، ھەپتىدە پەقەت ئىككى قېتىملا بىرگە بولساق بولىدۇ، قالغان ۋاقىتتا، مەن ئاساسەن ياتاق ئۆيدە، سىز بولسىڭىز دالان ئۆيدە ياتىسىز. مېنىڭ ھەپتىدە كەچقۇرۇنلۇقى دالان ئۆيگە تۆت قېتىم كىرىش ھوقۇقۇم بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە بىر قېتىممۇ كىرىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ.
8. مەن ھەر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئىشلارنى تۈگىتىۋەتكەندىن كېيىن، چەتئەل تىلى ئۆگىنىمەن، ئارىدىن يەنە ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكىغا چىقىمەن. مېنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنامەمنىڭ مۇددىتى مۇشۇ ئۈچ يىل بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت بارلىق مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندەك، بۇ تەكشۈرۈشنامىنىڭمۇ ۋاقتى ئاخىرلىشىپ، بارلىق ماددىلىرى ئەمەلدىن قالىدۇ.
بۇ تېما ئەلكۈيى تورىغا تەۋە،ھەرقانداق سەۋەب بىلەن باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. |
|