كۆرۈش: 10125|ئىنكاس: 38

تەرجىمە فىلىم سودىگەرلىرى ھوشۇڭنى يىغ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7912
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 04:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندىن بىرى ئۈن-سىن بازارلىرىدا چەتئەلنىڭ داڭلىق فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە پلاستىنكىلىرى كۆپلەپ پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئۈن-سىن دۇكانلىرىغا كىرسىڭىز يېڭىلا ئىشلەنگەن داڭلىق چەتئەل فىلىملىرىنىڭ ئېلان تەشۋىقات رەسىملىرى ئىنتايىن سۈزۈك بېسىلىپ، چوڭ قاپلىق قىلىپ لاھىيەلەنگەن پلاستىنكىلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولماي تۇرالمايسىز. چۈنكى بۇ نادىر،ئېسىل فىلىملەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى شىركەتلەر ۋە نەشىرياتلار خەنزۇچە ئاۋازلىق تەرجىمە نۇسخىسىنى ئىشلىمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا بازارغا سېلىنىشى ۋە بازارنى بىر ئالغانلىقىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرىمىزدىكى تۇلپارلار نىمە دېگەن يامان ھە!
پلاستىنكا مۇقاۋىسىغا قارىسىڭىز، ئەسلى فىلىمنىڭ تەشۋىقات سۈرەتلىرىگە ئىشلەتكەن مۇقاۋا سۈرەتلىرى ۋە BlueRay  يەنى كۆك نۇر ھەقىقىي پىلاستىنكىلىرىغا ئىشلەنگەن مۇقاۋا سۈرەتلىرى بېسىلغان بۇلۇپ، كىشىنىڭ شۇنداق كۆرگۈسىنى كەلتۈرىدۇ.
ئەڭ يېڭى كىنۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بولغانلىقى ياكى مەيدانغا كەلگەنلىكى كىنو ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ تولىمۇ سۈيۈنىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەمما بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسى قانداق پۈتكەن؟ قانداق تەرجىمە قىلىنغان؟ تەرجىمە قىلىنىدىغان فىلىمنىڭ دىئالوگ مەنبەسى نەدىن يىغىلغان؟ ئاشۇ فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشقا مەبلەغ سالغان ئۈن-سىن سودىگەرلىرى زادى قانداق كىشىلەر؟  فىلىمنىڭ تەرجىمىسى ئۆلچەملىك چىققانمۇ؟...
توردا بىر توپ فىلىم ھەۋەسكارلىرى بار. ئەڭ يىڭى فىلىملەرنىڭ ئۇچۇرى، ھەقىقىي DVD پىلاستىنكىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى، فىلىمنىڭ سۈپىتى، مەزمۇنى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلارغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۈن-سىن بازارلىرىمىزدا پەيدا بولغان ئاشۇ فىلىملەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتىگە پىكىر بېرىش ھۇقۇقى بار، خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇش، پۇل ئۈچۈن خەلقنى ئالداپ، ئەخلەت تەرجىمىسىنى نادىر فىلىملەرگە كىرىشتۈرۈپ ھايانكەشلىك قىلىۋاتقان بەدبەخلەرنى پاش قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايمەن.
ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، بىر كىنو ھەۋەسكارلىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ نادىر ئىشلەنگەن چەتئەلنىڭ فىلىملىرىگە نىسبەتەن قايىللىقىم بۇلۇش بىلەن بىرگە شۇ كىنونىڭ تىلىمىزدىكى تەرجىمىسىگىمۇ ئالاھىدە يۈكسەك دىققەت ئىتىبارىمنى قارىتىپ كىلىۋاتىمەن.
ئۆتكەن يىلى دۇنيا كىنو ساھەسىنى زىلزىلگە سالغان داڭلىق فىلىم ]ئاۋاتار [ قۇيۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بازارلاردا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ فىلىمنىڭ DVD پىلاستىنكىسىمۇ فىلىم ئىشلىگۈچى شىركەت تەرىدىن بازارغا سېلىنماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقى مىنى قاتتىق تەئەجۈپلەندۈردى. پىلاستىنكىنىڭ 10 يۈەنلىك نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىنى تاپالماي 3 يۈەنگە كۈچۈرۈلمە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ قۇيۇپ، 5 مىنۇتلا كۆرۈپ، پىلاستىنكىنى داۋاملىق كۈرۈشكە تاقەت قىلالماي پىلاستىنكىنى ئېلىپلا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدىم. ئۈن-سىن تەرجىمانلىرىنىڭ بۇنداق ئېسىل فىلىملەرگە بۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ تەرجىمە قىلىشى ئىچىمنى ئېچىشتۇردى.  
شۇنداق بولسىمۇ شۇندىن بىرى ئۈن-سىن دۇكانلىرىغا پات پات بېرىپ ئەڭ داڭلىق، نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ چىققان چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان، دۇنيا كىنو ھەۋەسكارلىرىنى قايىل قىلغۇدەك تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن ياخشى كىنۇلارنىڭ نەشىر قىلىنغان ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ قۇيۇپ، تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇن ئىپادىلىنىشىنى ئۆزەم كۆرگەن ئەسلى تىلدىكى مەنىسى بىلەن سېلىشتۇردىغان ئادەت شەكىللەندى.
تەرجىمە قىلىنغان، ھەم قايسىدۇر بىر نەشرىيات تەرىپىدىن )پەمىمچە ئىچكىرىدىكى قانۇنسىز نەشىر قىلىش قارا ئۇۋىلىرى ئارقىلىق نەشرىيات ئىشلىتىدىغان پىلاستىنكغا كۆچۈرىلىدىغاندەك تۇرىدۇ( نەشىر قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بولمىسىمۇ ئەمما پىلاستىنكىلارنىڭ ھەممىسى نەشىرياتلار ئىشىلىتىدىغان ئۆلچەملىك پلاستىنكىلارنى ئىشلەتكەن شۇنداقلا پلاستىنكا ئۈستىگە بېسىلغان فىلىم تەشۋىقات سۈرەتلىرى ئىنتايىن سۈزۈك، مۇھىمى نەشىرياتلار تەرىدىن بېسىلىدىغان تاياقچە كود بېسىلغان.
بىر پلاستىنكىغا 6 دىن 10 غىچە فىلىم سىغدۇرۇلغان. سۈرەت سۈپىتى بەك سۈزۈك ئەمەس. ئەمما مۇزىكا ۋە تەرجىمە ئاۋازلار ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئەسلى ئاۋاز ئاساسەن يوق. تەگلىك مۇزىكا ھەم قۇشۇمچە ئاۋازلار ئاساسەن ئەينەن ئېلىنغان بۇلۇپ، بۇ تەرپى ماڭا يارايدۇ.

تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەردىكى ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكلەر:
ھەممە فىلىملەرگە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن فىلىم دېگەن سۆزلەر قوشۇلغان.
   بۇ ئالدامچىلار ئۆزى خالىغان فىلىملەرگە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دېگەن جۈملىنى قۇشۇش ھوقۇقىنى نەدىن ئالدىكىن، مەبلەغ   سالغۇچى ئوسكار مۇكاپاتىنى باشقۇرغۇچى ئورگانغا رەئىس تەك قىلىدۇ.
تەرجىمە قىلىنغان فىلىملەر ئاساسەن داڭلىق،ئېسىل فىلىملەر بولسىمۇ ئەمما ھېچقايسىغا ئەسلى فىلىمنىڭ نامىنى ئەينەن تەرجىمە قىلماي ئۆزى خالىغانچە نام قويغان. ئۆزلىرىنى فىلىم ئىشلىگۈچى دەپ قارىسا كېرەك.
  فىلىم تەرجىمىسىگە كەلسەك،
  تەرجىمە قىلىدىغان دىئالوگنىڭ مەنبەسى توردىن ياكى ئەسلى مەنبەدىن ئېلىنمىغان. ئادەمنىڭ تېخىمۇ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى، ئەسلى مەنە بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىنى سېلىشتۇرساق ئادەم كۈلۈپ تېلىقىپ قالىدۇ. ئەسلى تىلنى ئاڭلاپ تەرجىمە قىلسىمۇ مەنىسى ئۇنچىلىك ئېغىپ كەتمەيدۇ. فىلىمنى ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشۈنۈپ كۆرۈپ باققانلار تەرجىمىدىكى ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئاڭلىسا ھەرىكەتكە قاراپلا تەرجىمە قىلىپتۇ دەيدىغىنى ئىنىق.  بۇنى سېلىشتۇرۇپ باققانلار بىلىدۇ.
مۇشۇ يازمىنى يېزىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نادىر فىلىم قاتىل 47  دېگەن كىنونى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن ئەسلى  ۋە خەنزۇچە تىل ھۆججىتى بىلەن بىر قۇر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.
بۇ فىلىمنىمۇ ھەرىكىتىگە قاراپ تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئەڭ ناچار،شۇنداقلا خالىغانچە قىلىنغىنىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم.

نادىر فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ھېچ بولمىغاندا توردىن خەنزۇچە تەرجىمە تىل ھۆججىتىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىنمىغان. ئەسلى تىل ھۆججىتىدىنغۇ ئەسلى پايدىلانمىغان. تەرجىمە مەنبەسىنى پەقەت ھەرىكىتىگە قاراپلا تەرجىمە قىلىپتۇ دىمەي تۇرالمايمىز.


بىز ھەقىقەتەن نادان خەلىقكەنمىز. پۇلنى دەپ بىر بىرىمىزنى ئالدايدىكەنمىز. خەقنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىسىغۇ مەيلى ھېچ بولمىسا كىنۇلارنىڭ نامىنى ئەسلى مەنىسى بۇيىچە ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلمايدىكەن. يەنە كېلىپ بىر كىنونىڭ نامىنىڭ تەرجىمىسىنى بىر نەچچە خىل قۇيۇپ، بىر نەچچە پلاستىنكىغا زورلاپ قۇشۇپ قۇيىدىكەن.
ئۆتكەن يىل ئاخىردىكى ئەڭ نادىر فىلىم پىدائىيلار ئەترىتى نىڭ فىلىم نامىنىڭ ئۈچ تۆت خىل تەرجىمىسىنى كۆردۈم. ئالۋاستى ئەترەت، جاھان پالۋانلىرى،  تەڭداشسىز پالۋانلار، ياۋاغاز پىدائىيلىرى  دىگەندەك نام قۇيىۋالغان.  تەرجىمىسىمۇ يەنىلا ئەخلەت تەرجىمە.
خەنزۇلارغا قارايدىغان بولساق، ساختا نەشىر، تەرجىمە دېگەن ساماندەك. ئەمما ئۇلار تەرجىمىنى ئىنگىلىز تىلىدىكى تىل ھۆججىتىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە كىنو ئىسىمنى قالايمىقان قۇيىۋالماستىن ئۆلچەملىك ھالدا بىرلا نامنى ئىشلىتىدۇ. توردىمۇ ، ئۈن سىن ماگىزىنلىرىدىمۇ بىرلا نامنى ئىشلىتىدۇ. گەرچە ساختا نەشىر ئۇلاردا كۆپ ئەۋج ئالغان بولسىمۇ ئەمما تەرجىمە ۋە فىلىم نامىدا ئورتاقلىقىنى ساقلايدۇ.
بىزنىڭ نۇپۇسىمىز ئاز، ئۈن-سىن بازىرىمىز تار مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا بۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ بۇلىشى ئۈن-سىن ساھەمىزگە كۆز تىكىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ.
  ئامرىكىنىڭ كۆپ قىسىملىق نادىر تىلىۋىزىيە فىلىملىرىدىن  تۈرمىدىن قېچىش، ئېزىقىش (LOST) ، 21 سائەت قاتارلق فىلىملەر  تەرجىمە ۋە ئاۋاز بىرىش جەھەتتە ھەر ھالدا يامان ئەمەس تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما ھېكايە فىلىملەربولسا  يۇقارقىدەك كەمچىلىك ۋە مەسىللەر كۆپ.
فىلىم سودىگەرلىرى نادىر فىلىملەرنى دەستەك قىلىپ، سۈپەتسىز تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى پۇل تېپىشنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىق. ئۇيغۇر تىلى پاساھەتلىك تىل ئەمەسمىدى،  تارىختىن بۇيان خەلق قول قۇيىدىغان تەرجىمە فىلىملەردىن مىراسخور، سۇ بۇيىدا، قىزىل راۋاقتىكى چۈش، غەربكە ساياھەت دىگەندەك تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان فىلىملەرنىمۇ تىلىمىزدا پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىپ خەلقنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈٌرگەن ئىدىغۇ.
يېڭى فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە. ئەمما بۇنداق ئەخلەت تەرجىمىلەر كېرەك ئەمەس.
كۆپچىلىك يەنىلا نادىر فىلىملەرنى كۆرىمىز دەيدىكەنمىز ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىش، توردا، ئەتراپىمىزدا ئۇلار تەرجىمە قىلىغان فىلىملەرنى كۆرمەسلىكنى، قوللىماسلىقىنى تەشۋىق قىلايلى. ئۇيغۇر تىلىمىزنى ۋاسىتە قىلىپ خەلقنى ئالداۋاتقان بىرقىسىم ئۆز ئادەملىرىمىزگە يەنە داۋاملىق  ھالدا ئۈن-سىن ساھەسىمىزدىكى ئەخلەت مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى توسۇش بۇرچىمىز بار دەپ قارايمەن.
ئەگەر بۇ ئىشلار قانۇن ئورگانلىرى ياكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرغۇچى ئورگانلىرىمىز ياكى نەشرىيات تەرىدىن قاتتىق تۇتۇلغان بولسا بۇنچىلىك قالايمىقانچىلىق كېلىپمۇ چىقمىغان بۇلار ئىدى.
بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى پەقەت ئۇلارنى قوللىماسلىق، شۇندىلا ئۇلار يا بۇ ساھەدىن چېكىنىدۇ ياكى بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ.
بۈگۈن ئەتتىگەن رادىئودا بىر نەچچە نىزام ۋە قانۇن ئۈرۈمچى شەھرىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قۇيۇلىدۇ دىدى.بۇ بىلىم-ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش ،نەشىر ھۇقىقىنى قوغداش... دىگەندەك نىزاملاركەن.  خەۋەردە نەشىر ھۇقۇقىغا ۋە ئەقلىي مۈلۈك كەدەخلى قىلىدىغان ئىشلارنى چەكلەش ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئەسلىدە مۇشۇنداق قانۇن-نىزاملارئارقىلىق تەرجىمە فىلىملەرنىڭ ئەسلى قىممىتىنى قوغداپ قويسا بۇلاتتى.
كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن. مۇمكىن بولسا ئاشۇ كىنو تەرجىمە ساھەدە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىرەرىنى تەكلىپ قىلساق ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مەقسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغان بولساق بەلكىم بۇ قالايمىقانچىلىقلارمۇ ئوڭشىلىشى مۇمكىن.

  ئويلىساق، بىلىك كۇلۇبىدا كۆكلەپ چىققان ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنۇلارنى  كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈپ  چىققان بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن سۈيۈنمەي تۇرالمايمىز. شۇداقلا كۆپچىلىكنىڭ  ئۇلارنى تېخىمۇ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسلى مەنبەسى  ------------- بىلىك كۇلۇبىدىن نوكىيا يازمىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 12:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا " ئادانالىق " فىلىمىدىكى ئارتىسلارغا  بېرىلگەن ئاۋازلار بەك ياقىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
277
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9239
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 12:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار قانداق ھۇشىنى تاپسا بۇلار ،نوكىيا ئەپەندىم بۇ نوقتىدا سۆزلىمەپتۇغۇ.

UID
8514
يازما
133
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1270
تىزىملاتقان
2011-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 12:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىلەرنىڭ ھۇشۇنى يىغىدىغان ۋاقتىغىمۇ ئاز قالدى، چۈنكى دۆلىتىمىز گەرچە بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقىغا ئەھمىيەت بىرىش جەھەتتە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن ئىنتايىن كىيىن قالغان بولسىمۇ لىكىن  ھازىربۇرۇنقىغا نسبەتەن  نەشىر ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بىرىش جەھەتتا خېلى ياخشى ھالەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ئىلان قىلىنىۋاتقان بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزام ، خەۋەر ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشى مۇشۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دىمەك جەمىيەتنىڭ بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئەخلەتلىرىنى تازىلايدىغان  بۇ بوران ئىچكىرىدە چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى ، شىنجاڭغىمۇ ئاز كۈندە كىلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى ''ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغانلىقى'' ئېنىق.
تېخى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى دېڭىز پورتى تاڭگۇدا ئاشكارا تىزىپ سېتىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق يالغان يانفۇنلار ھازىر يىغىشتۇرۇلدى. يۇمشاق دىتال، كىنو تىلىۋىزىيە فىلىملىرىمۇ بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
پەقەت قانۇنلا كىشىلەرنىڭ ھۇشۇنى تاپتۇرىدىغان ھەقىقى قۇرال. شۇڭا كونىلار  قانۇن ۋە ھۈكۈمەت تەڭرىنىڭ زىمىندىكى سايىسى دەيدۇ ئەمەسمۇ؟

دەلىللەنگەن ئەزا

ياخشىلىق،تارىم،

UID
1651
يازما
190
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
73172
تىزىملاتقان
2009-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 13:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر بىزدىكى تەرجىمە فىلىمچىلىقتا ھەقىقەتەن مەۋجۇد مەسىلىلەردۇر...

سېنى سۆيىمەن ئۇيغۇرۇم!

UID
7912
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 13:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىدىكى تورداشلار ،بىلىك كۇلۇبىدىكى تورداش دوستلارنىڭ بۇ تىمىغا بولغان كۆز قارشىنى بىلمەكچى بولسا  ماۋۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ كۈرۈپ باقسا بولدۇ (بۇ يەرنى بېسىڭ بۇ يەرنى بېسىڭ)
http://www.bilik.biz/bbs/thread-23432-1-1.html

UID
7328
يازما
119
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3660
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 14:14:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇيلاش كېرەك ، بۇئىش مىنىڭچە ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،مەنغۇ بىرەرمۇ ئويغۇرچە تەرجىمە فىلىمنى پۇلغا سېتىۋىلىپ كۆرۈپ باقمىدىم ........ سىز ئويلاپ بېقىڭ  ئەگەر سىز تىلىنى چۈشەنمەي كىنو كۆرسىڭىز نىمە مەززىسى بولىدۇ .......شۇ سېتىۋالغانلار چۈشىنىشلىك يىقىملىق  ئۇيغۇر تىلىنى دەپ 3~10يۇەنگىچە پۇل خەجلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ .....ئارلىقتا بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغانلار بېسىپ تارقاتقانلار ،يەنە پارچە ساتقانلار ھەممىنى نەپ ئالالايدۇ(گەرچە قانۇنسىز بولسىمۇ) ........بىرتەرەپتىن ئويلىغاندا بۇ بىر ياخشى ئىش مەسىلە شۇ تەرجىمە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە دىمەكچى  بۇمۇ ئاستا -ئاستا ياخشىلنىپ قالار. ھەممە ئىش باشلىنىپلا مۇكەممە بوپ كەتمىگەندەك . ئەگەر خالىمىسىڭىز ئويغۇرچە تەرجىمە فىلىمنى كۆرمەي ئەسلى تىلدىكىنى كۆرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.....مىنىڭچە تەرجىمىگە چېتىلدىغان مەزمۇنلار دىننى ئېتىقات ،ئۆرۈپ-ئادەت،يىمەك ئىچمەك،مىللەت،جۇغراپىيلىك تېرىتورىيە قاتارلىقلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا  100% توغرا تەرجىمە قىلىش مومكىن ئەمەس پەقەت مەنىسىنى 100% چۈشەندۇرەلىسە بولدى  
    تەرجىمە ساھەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاش ئېلىپ ئېشلەۋاتقانلىرىنىڭمۇ سەۋىيەسىنىڭ ئۇنداق مۇكەممەل ئىنچىكە سىز ئويلىغاندەك تەرجىمە قىلالىشى ناتايىن ،ئىشەنمىسىڭىز سائەت بەشتە مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلىقئارا خەۋەرلەرنى بىركۆرۈپ ئاندىن يەتتە يېرىمدا  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ يەنە جاھاندىكى ئىشلار ....گېزىتلەردىمۇ شۇنداق كېسەل كۆپ ........
....................قىسقىسى بىز  تەرجىمە فىلىم سودىگەرلىرىدىن ئۇنچىۋالا بەك ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.   يەنە دىسەم نۇرغۇن گەپلەر بارتى قالغىنىنى تورداشلارنىڭ غۇلغۇلىسىغا قويدۇم

دىلمۇرات

UID
8514
يازما
133
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1270
تىزىملاتقان
2011-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 14:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتا ئايەت چۈشۈرۈشتىن يانمايمىز ھە باللا، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئامېرىكىلىقنىڭ كومپىيوتېرىمغا قانۇنلۇق سىستىما قاچىلايمەن دەپ كونا سىستىما ئىشلىتىپ يۈرگىنىنى كۆرگەنمەن.
ساپا دىگەننى پۇلغا ساتسا ئەرەپلەر ئەڭ ساپالىق بولۇپ كىتەتتى.

UID
6765
يازما
100
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
3191
تىزىملاتقان
2010-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 14:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،ئەمدى ئۆزەمنىڭ قىسقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسام نوكىيا نامىدىكى تورداش بۇ ماقالىسىنى بەك ئالدىراپ يېزىپ قاپتۇ،نىشانى مەقسىتى توغرا ھەم چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.بىراق بۇ تورداش ماقالىسىدە نوقتىنەزەرلەرنى ئوبدان يۇرۇتماپتۇ.مەسلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش كېرەك،گەرچە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قانۇنسىز بولسىمۇ ئەمما بەزى تەرەپلىرىنى چۈشىنىشكە قوللاشقا ھەمدە كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىشكە تىرىشىش ياخشى پىكىرلەرنى بىرىش كېرەك،بۇنى ھەم ئاپىرىپ مىللەتكە تاقاشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىنىڭ تېمىسى بەك قاتتىق ئىبارە بىلەن قۇيۇلغان ھەمدە ئاپتوردا پىكىر قالايمىقانلىقى كۆپتۈرمىچلىك بايقالغان.
3 يۈەنگە كۈچۈرۈلمە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ قۇيۇپ، 5 مىنۇتلا كۆرۈپ، پىلاستىنكىنى داۋاملىق كۈرۈشكە تاقەت قىلالماي پىلاستىنكىنى ئېلىپلا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدىم..

ماۋۇ جۈملىلەرنىڭ يالغانلىقىنى شەخسەن مەن سىزىپ قالدىم،5 مىنۇت كۆرمەي تۇرۇپ بىر كىنوغا باھا بىرىش ، بىر تەرجىمىگە باھا بىرىش بىر ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.شەخسەن مەن بۇنداق كىنو تەرجىمە قىلىش ئورۇنلىرىنى ئۇخمايمەن ھەم ئۇنداقلا ربىلەن مۇناسىۋېتىممۇ يوق.بىراق ئانا تىلىمىزدا مۇشۇنداق باشلىنىشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىنولارنى مۇتلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلا ئەمەس ھەرقايسى شىركەتلەرمۇ سېتىۋېلىپ قانۇنلۇق نەشىر قىلىش تەرجىمە قىلىش باسقۇچى باشلىنارمىكىن دېگەن ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن.

ئىنسان

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4140
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 16:26:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 8قەۋەتتىكىhuman يوللىغان 2011-01-30 14:33 غا قارتىلغان  :
بۇ ماقالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،ئەمدى ئۆزەمنىڭ قىسقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسام نوكىيا نامىدىكى تورداش بۇ ماقالىسىنى بەك ئالدىراپ يېزىپ قاپتۇ،نىشانى مەقسىتى توغرا ھەم چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.بىراق بۇ تورداش ماقالىسىدە نوقتىنەزەرلەرنى ئوبدان يۇرۇتماپتۇ.مەسلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش كېرەك،گەرچە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قانۇنسىز بولسىمۇ ئەمما بەزى تەرەپلىرىنى چۈشىنىشكە قوللاشقا ھەمدە كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىشكە تىرىشىش ياخشى پىكىرلەرنى بىرىش كېرەك،بۇنى ھەم ئاپىرىپ مىللەتكە تاقاشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىنىڭ تېمىسى بەك قاتتىق ئىبارە بىلەن قۇيۇلغان ھەمدە ئاپتوردا پىكىر قالايمىقانلىقى كۆپتۈرمىچلىك بايقالغان.
3 يۈەنگە كۈچۈرۈلمە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ قۇيۇپ، 5 مىنۇتلا كۆرۈپ، پىلاستىنكىنى داۋاملىق كۈرۈشكە تاقەت قىلالماي پىلاستىنكىنى ئېلىپلا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدىم..

ماۋۇ جۈملىلەرنىڭ يالغانلىقىنى شەخسەن مەن سىزىپ قالدىم،5 مىنۇت كۆرمەي تۇرۇپ بىر كىنوغا باھا بىرىش ، بىر تەرجىمىگە باھا بىرىش بىر ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.شەخسەن مەن بۇنداق كىنو تەرجىمە قىلىش ئورۇنلىرىنى ئۇخمايمەن ھەم ئۇنداقلا ربىلەن مۇناسىۋېتىممۇ يوق.بىراق ئانا تىلىمىزدا مۇشۇنداق باشلىنىشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىنولارنى مۇتلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلا ئەمەس ھەرقايسى شىركەتلەرمۇ سېتىۋېلىپ قانۇنلۇق نەشىر قىلىش تەرجىمە قىلىش باسقۇچى باشلىنارمىكىن دېگەن ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن.
كىنوغا باھا بەرمەپتۇ، ئاۋۇ ناچار ئەخلەت تەرجىمىگە چىدىيالماپتۇ، قارىغاندا بەك تەپسىلى كۆرەلمەپتۇق ،ئالدى بىلەن تىمىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازسىلا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش