- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- UID
- 52314
- يازما
- 111
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- توردا
- 180 سائەت
|
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدىكىلەر دائىم يەرنى كولايتتى . ئىككى يىلدا بىر قېتىم كولايتتى . كىيىن مەنمۇ سەل چوڭ بولغاندەك بولدۇم دە ، مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا گۈرجەكنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم . مەن تولاراق ئۇلار چۈشەلمەيدىغان دەرىجىدە ئەڭ تۆۋەن يەرلىرىگە ئاساسەن چۈشەتتىم . ئۇلار مېنى توپا تارتىدىغان ئارغامچىدا چېلەككە سېلىپ چۈشىرەتتى . شۇنچە كولىساقمۇ ئاران ئالتە - يەتتە مېتىر كولايتتۇق . مەن بەزىدە ئەندىشە قىلىپ قالاتتىم . نېمىدىن دېسەڭلە ، شۇ تاپتا ئەتىراپتىن سۇلار يىغىلىپ ئېقىپ چىقىشقا باشلىسا مەن سۇنىڭ ئارىسىدا قالارمەنمۇ دەپ .....
داۋاملىق كولايتتىم . ئەمما ، قارىماققا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى توپىلارنى كولىماق گۈرجەكنى مۇنداقلا ئىتتىرسە ماڭغان بولسا ، ئەمما قانچە ئويلىغانسېرى شۇنچە قاتتىقلىشىپ كېتىدىكەن .
بىر كۈنى مۇنداق ئىش بولغان . دەيمۇ دېمەيمۇ ؟
دەپبىرەي ھە . بىر كۈنى ئەتىگەندە يەنە كولاش ئۈچۈن چۈشكىنىمدە ، كېچىدىن ياقى بىر كىچىك چاشقان ئورەككە چۈشۈپ كېتىپتىكەن . چۈشىشىم بىلەن تەڭ ئۇ مەندىن قورقۇپ قاچىدىغان ، مۆكىدىغان يەر تاپالماي << مانا مۆكتۈم >> دەپلا ئىشتىنىمنىڭ پۇچقىقىدىن كىرىپ تىزىمغا بېرىپ كەتتى . ئۇ مەندىن شۇنچە قورققاندەك ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋارقىراپ سەكرەپ كەتكەن ئىدىم . ئۈستىدىكىلەر نېمە بولدى نېمە بولدى دىيىشىپ كەتكەن . بىر چاشقان دېسەم ، ماڭاۋە ، چاشقاندىنمۇ شۇنچە قورقامدۇ دىيىشىپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاشقاننى ئۆلتۈرۈشكە چىدىماي گۈرجەك بىلەن ئاماللارنى قىلىپ چېلەككە يېرىم شېخىل ئۇسۇپ تەڭ چىقىرىۋەتكەنىدىم .
ئويلۇنۇپ قالدىڭلارمۇ ھە ، بۇ بىر ئائىلە ، ياق بىر جەمەتتىكەر نېمىشقا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يەرنى كولايدىغاندۇ دەپ . بولۇپمۇ توقسىنىنچى يىلدىن كىيىنكى تۇغۇلغان باللا ھەيران قالىدۇ . ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى تۇربا سۈيى بولمىغاچ ، مۇشۇنداق يەرنى يەتتە مېتىرچە كولاپ ، ئون مېتىرچە تۆمۈر تۇربىنى قېقىپ ئاران دېگەندە ئىككى يىللىق سۇنىڭ باسما قۇدۇقتىن تارتىلىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرەتتۇق .
مەن شۇ ۋاقىتتا بىلگەن يەر ئاستىدىكى سۇنىڭ ياز ۋاقتى زېىننىڭ يۈزى ئىسسىق ۋاقىتتا سوغۇق بىلىنىدىغانلىقى ، ئەمما قىشنىڭ كۈنىدە سوغۇق ۋاقىتتا ئۇ سۇنىڭ سەل ئىسسىقراق چىقىدىغانلىقىنى . مەن شۇنىڭدىن زېمىن ئاستىدىكى سۇنىڭ قىشمۇ ياز پەقەت ۋە پەقەت بىر خىل تېمپۇراتۇرىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن . ھەتتا قىشنىڭ كۈنىدە تارتىلىپ چىققان سۇدىن ھور چىقاتتى . بۇ قىززىقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئۇ سۇنىڭ قىشنىڭ ھاۋاسىغا نىسبەتەن ئىسسىق بولغانلىقىدىن .
شۇنىڭدەك ، بىز ئىلگىرى كولايدىغاننى كولاپ بولغان . كىيىنكىلەر كولايدىغان ئىش بولسا ئانچە - مۇنچە مەدەت بېرىش بىلەن تەڭ قولۇمدىن كېلىشىچە يەر كولاش توغرىسىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىمەن . ئەمىسە كولاشنى خالايدىغانلار ئىشقا چۈشسەڭلە بولىدۇ . قىش كەپ قالدى ئەمەسمۇ ، تولا كىشىلەر ئىش يوق بىكارچىلىقتا سەل ئەسكىرىۋالىدۇ . شۇڭا دەيدىغۇ ، << بىكار يۈرگىچە بىكارغا ئىشلە >> دەپ . بۇمۇ بولىدىغان ئامال . تېخى شۇ كولىغانچە كولاۋېرىپ ئۇدۇل ماڭدىم دەپ ئويلاپ نەق ھەرەمدىنلا چىقىشىپ قالامسىلە تېخى . ئەھۋال شۇنداق بولغاندا ، نېمە كەپتۇ پاسپورت بىجىرىپ ۋە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ . سىلەرنىڭ قاتناش قورالىڭلار بۇيىچىلا ماڭىپ كېتەرمىز . بۇنىڭغىمۇ ئېپىمىز بار جۇمۇڭلا . ئىلگىرى مەكتەپتىن يېنىپ دىدوغا كىرىمىز دەپ لاتا - پېتەكلەرگە ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوت يېقىپ قاراڭغۇلۇقتا بىر خىل تاتلىق ھاياجان بىلەن كىرىپ چىقاتتۇق . ئۇزۇنلىقى بەش يۈز مېتىرلارچە دىدوغا
يەنە بىر گەپ راست . مەن بۇ بەش بەتلىك بولۇپ كەتكەن تېمىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنى مىسرانىمدا تۇرغاندەكلا ھىس قىپ قالدىم جۇماڭلا . شۇ ھىس قىلىشىمدا بەت ئاتلىسام ئەلكۈيى دەپ تۇرىدۇ . كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . بەلكىم سىلەرمۇ شۇنداق تۇيغۇدا بولغان بولۇشۇڭلار مۇمكىنغۇ ھە . |
|