- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 213
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6985
- تىزىملاتقان
- 2010-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-25
- UID
- 3576
- يازما
- 213
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6985
- تىزىملاتقان
- 2010-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-25
- توردا
- 0 سائەت
|
مۇنبەر دېگەنمۇ قىززىق نېمە، ئويۇنخۇمار گەپچى باللار قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ ياكى كولدۇرلىتىدۇ، نۇرغۇن ئوماق تورداشلار كۈلىدۇ ھەم كولدۇرلىتىلىدۇ. بۇ ئوماقلارنىڭ ئىچىدە قانداقلا نەرسىنى كۆرسە ئىشىنىپ قالىدىغان <<ھاڭۋاقتىلار>>مۇ، <<ھاڭۋاقتىلار>>نىڭ ساددىلىقىغا ھەيران بولۇپ ھاڭۋىقىپ ئىنكاس يازىدىغان سۆيۈملۈك <<تور قۇرتلىرى>>مۇ بار. كولدۇرلاتقانلارنى كولدۇرما قىلىپ چالىدىغان قىززىقچى، ھۇشيار ئويۇنچىلارمۇ بار. بىرسى مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ:
قەشقەرلىك تورداش: قەشقەردىن يەرنى تۈپتۈز كولىسام قەيەردىن چىقارمەن دەپ گۇگىللىسام جەنۇبى ئامىرىكىغا يېقىن دېڭىزدىن چىقىدىكەنمە.
نامەلۇم تورداش: مەن دېڭىزدىن چىقىپ قالسام سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم، قانداقمۇ قىلارمەن؟!!
ئاقسۇلۇق تورداش: ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تىگىنى ھارماي كولىسىڭىز ئۇدۇل ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆزىڭىزنى كۆرىسىز. ئېسىل شەھەرگە بېرىپ قالىسىز.
نامەلۇم قىززىقچى تورداش: ئەمىسە ئاقسۇلۇقلار ئامرىكىغا ۋېزا -پاسپورتسىزمۇ بىرىپ كىلەلەيدىكەنسىلەر، نېمە دېگەن ياخشى...
ئۈرۈمچىلىك تورداش: (ئىنتايىن جىددىي قىياپەتتە) ئۈرۈمچىدىن كولىسا قەيەردىن چىقىدىغاندۇ؟
نامەلۇم تورداش: ئۈرۈمچىدىن باشلاپ كولىسا ئۇدۇل دوزاققا چۈشەرمىكىن....
بۇ ئۇچۇردىن قورقۇپ كەتكەن نامەلۇم تورداش: تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق گەپ قىلىدىغان ئادەمكەنسىز ، توۋا...
ئۈرۈمچىنى دوزاققا تۇتىشىدىغان يول دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئۈرۈمچىلىك تورداش تولىمۇ خاپا بولغان ھالدا: يى نېم بولدۇڭ بالاڭزا قېرىندىشىم، ئۈرۈمچىلىك ئۇمۇچىڭنى ئۆرىۋەتمىگەندۇ؟
يەر شارىنىڭ ئوتتۇرسىدىن تۆشۈك ئاچسا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن بىر تورداش: ئۆزۈڭلارغا ھاي بىرىپ كولىماڭلار، ئاران تۇرغان يەرشارى ۋاككىدە يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتمىسۇن!!!
مارالبىشىدىن كولاپ يەرنىڭ ئۇ چىتىگە چىقىپ باققۇسى بار تورداش: مۇشۇنداق كولاپ زېمىننىڭ يەنە بىر چېتىگە قانچە يىلدا بىرىپ بولارمەن؟!!
نامەلۇم تورداش: بىز زادى ئىتتىپاقلىشالمايدىغان خەق، نېمىشقا بىللە كولاپ باقمايمىز، قىلماي تۇرۇپلا قىلغىلى بولمايدۇ دەپ بەل قويىۋەتسەك ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قارا بولۇپ قالمامدۇ؟!!
قىززىقچى تورداش: ھەممىڭلار كولاشنى ياقتۇردىكەنسىلەر، مەنچە ھەممىڭلار نېفىت، بورۋايلاردا ئىشلىسەڭلار بوپتىكەن، مەخسۇس يەر كولايدىغانغا ...
تورداشلارنىڭ يەرنى كولاپ دېڭىزغا چىقىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغىننى كۆرۈپ كۈلكىسى قىستاپ كەتكەن تورداش : دېڭىزغا چىقىپ قالسىڭىز ھېچگەپ يوق، خەخنىڭ ھاجەتخانىسىدىن چىقمىسىڭىزلا!!
يەر كولاشقا ئىشلىتىدىغان ئۈشكىنىڭ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىرىپ ئىرىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان تورداش: يەر شارىنىڭ مەركىزى تېمپىراتۇرسى 3000 سىلسىيە گىرادۇس تۇرسا كولاپ ئوتتۇرغا كەلگەندە بۇرغا ئىرىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا كولايمەن دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭلار!!
تورداشلار مانا مۇشۇنداق بەھىس-مۇنازىرىلەرنى قىلىشىپ قەيەردىن كولاپ -قەيەرگە چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ بولۇشالماي بەزىلەر ئارماندا قالسا بەزىلەر تۆۋە دەپ ياقىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ قىلىشتى.
قېنى تورداش دەپ بېقىڭچۇ، ئۆزىڭىز تۇرغان يەرنى كولىسىڭىز قەيەردىن چىقارسىز؟!!! |
|