ماۋۇ ئىنكاسقا توۋا...

تېخى باشقۇرغۇچىكەنسىز،ئىنكاسنى تۈزۈك يىزىشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز بولغۇدەك،تولا پوجاڭزىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقىدىغان ئىنكاسلارنى يىزىپ يۈرمەي بۇ يەردە...ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ تىمىنى ئوقۇپ قۇيۇشنى بىلسىڭىزلا بولىدۇ...
موشۇنداق نوپۇزلۇق چوڭ سەھنىدە بىر ئۇيغۇر چىقىپ ئانا تىلىدا نۇمۇر ئورۇنلاش سىزچە ئاسان ياكى ئەخمىقانىلىق ئىكەندە...
سىزچە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇ سەھنىگە چىقىپ چاغان مۇبارەك دەپ توۋلاپ ناخشا ئېيتامىشمۇ يا؟ھەيرانمەن...
مەملىكەتنىڭ موشۇنداق چوڭ سەھنىلىرىدە بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىز چىقىپ ئانا تىلىدا نۇمۇر كۆرسەتسە بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەسمۇ،بۇدىن 20 يىل مۇقەددەم مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن(گىتتار)مەملىكەتلىك چوڭ سەھنىگە(جۇگىۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېچىلىكىنىڭ سەھنىسىگە) چىقىپ گىتتار بىلەن مۇقام مۇزىكىسى ئورۇنلاپ(ھەممىمىزگە تۇنۇش بولغان گىتتار بىلەن ئورۇنلانغان ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە دىگەن مۇزىكا شۇ)،پۈتۈن مەملىكەت تاماششابىنلىرى تاڭ قالغان ئىدى...
مانا ئەمدى ئابدۇللا ئابدۇرېھىممۇ مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك بۇ سەھنىدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا،ساپ ئۇيغۇر سەنئىتىگە تۇيۇنغان نۇمۇرنى ئورۇنلاپ بىرىدىكەن،بىزدىنمۇ موشۇنداق چوڭ-چوڭ سەھنىلەرگە چىقىپ نۇمۇر كۆرسىتىدىغان،ۋە مەملىكەت ھەتتا چەتئەللەرگە تۇنۇلغان ئەرتىسلىرىمىز چىقسا نىمىشقا بولمىغۇدەك...
تاڭگېر(مۇڭگۇل)،خەنخوڭ(تىبەت)...بۇ ناخشىچىلارنى مەملىكىتىمىزدە ھەممە دىگۈدەك بىلىدۇ(بىز پۈتۈن مەملىكەتتە بىلىدۇ،تۇنۇيدۇ دەپ داۋرا سېلىپ يۈرگەن ئەسقەر خۇيلاڭ،دىلنار ئابدۇللا،ياكى ئەركىن ئابدۇللا...لارنىڭ نامىنى باشقىلار كىچىك چولپانىمىز ئارافنى بىلگەنچىلىك بىلمەيدۇ،چۈنكى ئەرافات مەملىكەتتىكى ھەردەرىجىلىك سەھنىلەردە پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ...)
ئابدۇللا دىسە مەملىكىتىمىزدە ھەممە بىلگۈدەك ھالەتكە يەتسە نىمىسى يامان...قەدەملەر مانا موشۇنداق بىر قەدەمدىن باشلىنىدۇ...ئابدۇللا ئابدۇرېھىم چىقارغان خەنزۇ تىلىدىكى ناخشا پىلاستىنكىسى مەملىكىتىمىزدە گەرچە كۆپ مىقداردا تارقىتىلمىغان بولسىمۇ لىكىن شۇنى ئاڭلىغان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا،ئالقىشىغا ئېرىشتى،بەلكىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مەملىكەت سەھنىلىرىدە كۆرۈنمىگەچكە،باشقىلار ئۇنى بىلمىگەچكە،تۇنىمىغاچقا خەنزۇ تىلدىكى پىلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش ۋە تارقىلىش مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىغان...مانا موشۇنداق چوڭ سەھنىلەردە جۇلالىنىپ ئانچە-مۇنچە مەملىكىتىمىزگە تۇنۇلسا كىيىن بىرەر پىلاستىنكا چىقارسىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ...ھەركىم ئۆزى شۇغۇللانغان ساھە-كەسپىدە جۇلالىنىپ شۆھرەت قازانسا،مىللەتلە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلسە شۇ ئەڭ نوچى ئىش!