بۇ 46قەۋەتتىكىtuprakbag يوللىغان 2011-01-13 17:11 غا قارتىلغان :
سىلىنىڭ ئىسمىڭلىنى يىزىپ قويغاندەكلا چىچاڭشىپ كىتىپسىلە ئاداش!
خاپىلىقتىن كىيىن تۇغۇلغان بولغىتىڭلا........مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى دىمەكچى... 
ئوخوي؟! ھە، ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قاراڭ ئادىشىم! كەچۈرسىلە، ھېلىقى كۈندىكى ئىش ئەسلىرىدە بارمۇ؟ ھېلىقى يازدىكى ئىشنى دەيمەن؟ ئەسلىرىدىن چىقىپ قالغان بولسا دىققەت ھە:
بۇلتۇر ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئاخشىمى تۇپراق بەگ تۇيۇقسىزلا تېلفۇن قىپ قالدى.
-ۋېي ۋېي ئاغىنە ! مەن تۇراپ بەگ! ھە، ھە، مەن ھازىر كورلىدا. ئالدىمغا چىقالامسەن؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالمان-تالمان چاپاننى قولتۇققا قىسىپ بېكەتكە يۈگۈردۈم.(يامغۇر يېغىۋاتاتتى). ھايال ئۆتمەي ئۇنى ئۆيگە باشلاپ ئەكىردىم.
ئەپسۇس، بۇ ئاداش ئۆمرىدە شەھەرگە كېپ باقمىغان ئىكەن. ئۆيگە كىرىپلا تازىلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە، شۇ كىرىپ كەتكەنچە بىرەر سائەتكىچە يوقاپ كەتتى.
ساقلا-ساقلا، تولا ساقلاۋېرىپ يەنە بىر سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىردىم. ساپما كەشىمنى شىپاقشىتىپ يۈرۈپ تازىلىق ئۆينىڭ ئېشىكىنى قاتتىق چەكتىم. ئەمما بىرەر جاۋاپ قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇراپبەگدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئېشىكنى قۇمۇرۇپلا كىردىم-دە، تۇراپبەگنىڭ تازىلىق ئۆيدە ئوڭدىسىدا ياتقىنىنى كۆرۈپ جان-پېنىم چىقىپ كەتىكىلى تاس قالدى.
ئۇنى سىلكىشتۈرۈپ يۈرۈپ قاتتىق توۋلىدىم:
-تۇرە ئاداش ! ئادەمنى قورقۇتما ؟! نىمە بولدۇڭ؟
ئۇ كۆزىنى ئاران ئېچىپ ...پىچىرلاشقا باشلىدى:
-ھەي ئۆرۈك...ھەي ئۆرۈك... شەھەرنىڭ سۇلىرى نىمانچە سېسىق؟ يۈزۈمنى يۇياي دەپ ، ئاۋۇ داسقا بېشمنى تىقىپتىكەنمەن . سېسىق پۇراقنىڭ دەستىدىن تاس قالدىم ئۆلگىلى...،- دەپ تەرەت تۇڭىنى كۆرسەتتى ئۇ!
ھې..ھې..ھې.....
(كىيىن ئويلىسام،ئوبۇرنانىڭ سۈينى چۈشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ئەمەسمۇ...كەچۈر بۇرادەر)