كۆرۈش: 8667|ئىنكاس: 57

مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ يۇمۇرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2091
يازما
1568
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50522
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 22:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   سەمىمىي ئادەم
    yalghuz  بوۋاي  ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى .
   بىر قېتىم bayawan ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
   _ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى قەيەردە ؟
    _ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئوڭغا بۇرالسىڭىزلا بارالايسىز .
    _ كۆۋرۈك ئۇزۇنمۇ ؟
    _ ئۇزۇن ، 20 مېتىر كېلىدۇ .
       bayawan   رەھمەت  ئېيتقاندىن كېيىن ، كۆۋرۈككە قاراپ مېڭىپتۇ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئارقىسىدىن بىرسىنىڭ ۋاقىرغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توختاپتۇ :
     _ توختاڭ ،_  bayawan  ئەمدى ئېسىمگە كەلدى ، ئۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى 40 مېتىر  ، ئەگەر سىز بايا مەن دېگەندەك كۆۋرۈكتىن 20 مېتىر مېڭىپلا بۇرۇلسىڭىز دەرياغا چۈشۈپ كېتىسىز .
                       ئۆي توغرىلىق پاراڭ
     _ ئۆزەمنىڭ سەمىمىيلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۆينىڭ كەمچىللىكىنى ۋە  ئارتۇقچىلىقىنى سىزگە ئېيتىپ قوياي ، _ دەپتۇ ئۆي ئىگىسى maxal20 ، كەمچىللىكى ، ئۇنىڭ غەربى تەرپى چوڭ بىر قوتان ،شىمالىي تەرىپى كاۋچۇك زاۋىتى ، شەرق تەرپى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ، جەنوپ تەرپى ئاچچىقسۇ زاۋۇتى .
     _ ئۆينىڭ ئارتۇقچىلىقىچۇ ؟ _ سوراپتۇ ئۆي سېتىۋالغۇچى  orukjan ھەيران بولۇپ .
     _ ئارتۇقچىلىقى ، ھەرقانداق ۋاقىتتا شامال ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىسىز ، بەك شاماللىق .  

                         ماگىزىندىكى پاراڭ
        _ _ بۇ كىيىمنى مەن بەك ياقتۇراتتىم ، بىراق رەڭگى بەك قېنىقكەن ، _ دېدى  melek خانقىز      mubarak خانقىزغا
      _ ھېچ ۋەقەسى يوق ،_ دېدى  mubarak ،_ ئاپىرىپ بىر قېتىم  يۇيىۋەتسىڭىزلا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ .

                           مۇزىكىخانا

         _ بىر ئېغىزلىق ئۆي بىزنىڭ مەخسوس مۇزىكا ئاڭلايدىغان ئۆيىمىز  ، _ دېدى   ozhal مەغرورلانغان ھالدا .
       _ بۇ قانداق گەپ ، بۇ ئۆيدە يا ئىسكىراپكا ، يا رويال دېگەندەك مۇزىكىغا ئائىت بىرەر نەرسە بولمىسا ؟  دېدى ئاچچىقلانغان   mehrinaz .
      _ شۇنداق ، بىراق بىز بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قوشنىمىزنىڭ ئۇنئالغۇسىدىكى ناخشىلارنى ئېنىق ئاڭلايمىزدە .

                        خاتىرجەمسىزلىنىش

                mazarhojam نىڭ ئايالى   bulbulgoya دوستى nafisa گە دەپتۇ :
      _ ئېرىم ئۆيدىكى مۇشۈكنى قانچە يىراققا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسىمۇ يەنە ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ . شۇڭا بۈگۈنمۇ ئۆيدىكى مۈشۈكنى ئايروپىلانغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەنتى ، نىمىشقىدۇر بەك خاتىرجەمسىزلىنىۋاتىمەن .
       _  نىمىگە خاتىرجەملىنىسىز ؟
     _ ئەلۋەتتە خاتىرجەمسىزلىنىمەن _ دە ، چۈنكى ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مۈشۈك قايتىپ كەلدى ، ئەمما ئېرىم قايتىپ كەلمەيۋاتىدۇ .

  
                                 يالغان كېسەل

                 مۇختەرباي كونا ھارۋىسىنى ھەيدەپ  پۇل تاپالماي ھېرىپ ئۆيگە كىرسە  ،  didar  نىڭ  ساپادا  پوپايكا توقۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدە بىر قانچە قۇتا دورا  تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، ئۇ دورىلارنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر قاراپ چىقىپتۇ - دە دەپتۇ :
      _ بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى يالغان دورا ئىكەن . بۇنى گېزىتكە بېسىپتۇ .
      _ ھېچ ۋەقەسى يوق ،_ دەپتۇ  didar  ، _ بەرىبىر مېنىڭ كېسىلىممۇ يالغان .  


                             رېمونتچىنىڭ جاۋابى
    
           سوت مەھكىمىسى بىر ماشىنا  ھادىسىسى ئۈستىدە سوت ئېچىپتۇ ،   sahra  تۆمۈر _ تەسەككە ئايلىنىپ كەتكەن بىر ماشىنىنىڭ رەسىمىنى ماشىنا رىمونت قىلىدىغان   tohuyurak كە كۆرسىتىپ :
      _ ئېيتىپ بېقىڭە ، بۇ نىمە ؟ - دەپ سوراپتۇ .
        tohuyurak  رەسىمگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ، _ بۇ بىر ئاتاقلىق رەسسامنىڭ ئەسىرى بولسا كېرەك ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
      
                                 ئالتە پوتولكا پىۋا
           سىز ھەر كۈنى نەچچە پوتولكا پىۋا ئىچىسىز ؟   دەپ سوراپتۇ   bidar  دوختۇر  ،  uqkun دىن  
        _ ئالتە پوتولكا .
      _ ئالتە پوتولكا ؟ -  bidar نىڭ جۇدۇنى تۇتۇپتۇ ،- مەن سىزگە كۈندە ئۈچ پوتولكا  ئىچىشكە روخسەت قىلغانغۇ ؟
     _ شۇنداق ، بىراق مەن   lukqak نىڭ يېنىغا  بېرىپ كۆرۈنسەم ئۇمۇ ماڭا ئۈچ پوتولكا  پىۋا ئېچىشنى بويرىدى..........

                      ئايالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى

         كەچلىك تاماقتىن كېيىن    dihqan بىلىم ئاغرىدى ، دەپ ۋايساپتۇ ، ئايتۇغ كۆيۈنگەن ھالدا قىزىنى دادىسىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ قويۇشقا بويرۇپتۇ ، بىر ئازدىن كېيىن ئايتۇغ   dihqan  دىن سېلىغلىق بىلەن سوراپتۇ :
           _ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ ؟
      _ ئەمدى ئاغرىمىدى ، - جاۋاپ بېرىپتۇ   dihqan ...
     _ ئۇنداق بولسا ، دەپتۇ ئايتۇغ ، - ئاشخانىغا چىقىپ قاچىلارنى يۇيىۋېتىڭە .


                   دوسلار قارىسام مۇنبەر ما بىر ئىككى كۈننىڭ ياقى ئېتىلىپ، ئېچىلىپ  دىگەندەك  كەيپىياتمۇ سەل بوشۇشىپ قاپتۇ شۇڭا   بوشراق كەلتۈرۈپ چاق -چاق قىلىپ  قويدۇم خاپا بولمىغايسىلەر  ماقىما !!!!!!!!  
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ياخشى!

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1931
يازما
723
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
27928
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 01:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ زاكىرە ئائىلە مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلىۋەتكىنىڭنى بىزنىڭ بوۋايغا چاقسامغۇ تەتىلدە ئۆيۈڭگە ئوبدان ئەۋەتىدۇ....
چاخچاقلار قاملىشىپتۇ جۇمۇ،ھارمىغىن!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
353
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11414
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 01:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                سېسىق پايپاق (دەھشەت يۇمۇر )

بىر كۈنى بەرگىيە ، مۇبارەكلەر زاكىرەنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بېرىپتۇ ۋە ھايال ئۆتمەي تاماق يىيشۋېتىپلا  < كىمنىڭ پايپىقى ئەڭ سېسىق؟!> دىگەن تېمىدا مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ.
ئۇزاق تالاش تارتىشلاردىن كىيىن زاكىرە:
- بولدى تالاشمايلى، مەن بىر ئامال تاپتىم. ھەممىمىز پۇتىمىزدىكى بىر پاي پايپاقنى سېلىپ ئۇدۇلدىكى تامغا كۈچەپ ئېتىشايلى. كىمنىڭ پايپىقى تامدا ئۇزاق چاپلىشىپ تۇرالىسا شۇ يەڭگەن بولسۇن!  يېڭىلگەنلەر ئۆرۈكۋاي سېتىۋاتقان قاقتىن بىر خالتا ئېپ بەرسۇن...

شۇنداق قىلىپ بىرىنجىلەپ بەرگىيە ئوڭ پۇتىدىكى  پايىپىقىنى سېلىپلا ئۇدۇلدىكى ئاپئاق تامغا شۇنداق كۈچەپ ئېتىپتۇكى، پايپاق تامغا  <پاققىدە!> چاپلىشىپ بەش مىنۇتتىن كىيىن چۈشۈپ كېتىپتۇ.

نۆۋەت مۇبارەككە كەلگەندە، مۇبارەك سول پۇتىدىكى پايپاقنى سېلىپلا  بەرگىيەدىنمۇ بەك كۈچەپ بىرنى ئاتقانىكەن، ئۇ پايپاقمۇ ئوخشاشلا تامغا مەھكەم چاپلىشىپ بەش مىنۇتتىن كىيىن  پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ.

زاكىرە پايپىقىنى ئاللىبۇرۇن سېلىپ بولغانىكەن.  ئۇ بىر پاي پايپىقىنى ئانچە كۈچىمەيلا شۇنداق ئاتقانىكەن، پايپاق تامغا پاقىقىدە چاپلىشىپلا يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىپ كېتىۋاتقۇدەك.
ئۇلار ھەيران بولۇشۇپ پايپاقنى تۇتۇپ ئەكىلىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا زاكىرەنىڭ پايپىقى قۇرتلاپ كەتكەن ئىكەن.   

شۇنداق قىلىپ زاكىرە يېڭىۋاپتۇ.
شۇ بانىدا بەرگىيە ۋە مۇبارەكلەرگە  بىر خالتا قېقىمنى ناھايتى قىممەت باھادا سېتىۋالدىم.

(يۇقارقى يۇمۇرنى بىر دوستۇمدىن ئاڭلىغان. كىم بولغىيتتى....ئېسىمدە يوق.)   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
bargiya + 10 ھا ھا ھا..ئۆر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 10   باھا خاتىرىسى

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
353
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11414
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 02:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما < تورداشلارنىڭ يۇمۇرلىرى> دەپ قويۇلغان بولغاچقا مەنمۇ تارتىنمىدىم. سورۇندىن قالغۇچە، ... ئاخىرى نىمىتى؟ ھە، شۇنىڭدىن قال دەپتىكەن.  يۇمۇرۇمنى ئېيتىۋېرەي. ئوتتۇزىڭلىنىڭ ئىچىدە توققۇزىڭلا كۈلۈپ قالساڭلار شۇ ھېساپ.

                                    قىساس

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يالغۇز ئەپەندىنى تولا قارا باسىدىغان ، قارا باسقاندىمۇ  ...جاللاتلار دارغا ئاسىدىغان بولۇۋاپتۇ. شۇنچە كۆپ ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن پەقەتلا قۇتۇلالماي، دۆڭكۆۋرۈك جاھانگېىر رېستۇرانىنىڭ بېقىندىكى بىر تىۋىپنىڭ ئالدىغان بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. تىۋىپ يالغۇزنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كىيىن، ئاپئاق ساقاللىرىنى سىيلىغىنىچە ئۇنىڭغا  مەقسەتلىك قاراپ:
- سىزنىڭ كېسىلىڭىز ئادەتتىكى كېسەل ئەمەس. ھازىر ھەر تۈرلۈك  كېسەللەرنىڭ  تەرەققىي قىلۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىدىغانسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىبىرىيەدە تارقىلىشچان زۇكام ئەۋىج ئېلىپ، كىشىلەر ئۇخلىغاندىمۇ بۇرنىغا ماسكا تاقىۋالارمىش....

شىركەتكە ئالدىرغان يالغۇز ئەپەندىنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ :
-ۋاي ئېنىق بىر دسىلە؟! مەن نىمە كېسەلكەنمەن؟!،- دەپ سوراپتۇ.
- تېما ئۆچۈرۈش كېسىلى ! ،- دەپتۇ تىۋىپ مۇغەمبەرلەرچە،- تور بەت ئادېرسنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. مەن ئۇزاققا قالماي رېتسىپىنى ئېۋەتىپ بېرەي.

يالغۇز ئەپەندىم شۇ ئىشتىن كىيىن تېما تەستىقلاش ۋە ئۆچۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتۋار بېرىپتۇكى، بارغانسىرى ھەر قانداق تېمىلارنى تەستىقلاۋېرىدىغان ؛ ئەدىبلەر يېزىپ بولالمىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق پۈتۈرۋېتىدىغان ۋە بۇرۇن ئۇ دۇنياغا بىئەجەل ئۇجۇقتۇرۋاتقان رەھمەتلىك تېمىلارنىڭ قەبرىلىرىگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدىغان ئادەت شەكىللەندۈرۈپتۇ.

ئۇزاققا قالماي، ھېلىقى تىۋىپمۇ رېتسىپىنى ئېۋەتىپتۇ .ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان ئىكەن:

<شاقاقۇل 30گىرام. شاتەررە 20گىرام؛ زەنجىۋىل 200 گىرام، توشقان زەدىگى 100 گىرام ، پىل-پىل 45 گىرام قاتارلىقلانى  ئۈرۈمچىنىڭ دېكابىردا ياغقان  يامغۇر سۈيىدە  راسا قاينىتىپ  ئەتىگەن ،كەچتە ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ بەرسىلە.
ئۇخلىغان چاغلىرىدا كۆزلىرىنى ھەرگىز يۇمۋالمىسىلا.
نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇسىلا ...
تامام ، ۋەسسالام>.

چاقچاق ھە!  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
bargiya + 10 ۋا خا خا ،،كۈ ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 10   باھا خاتىرىسى

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

UID
2091
يازما
1568
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50522
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 08:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييييييييي   orukjan  كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كېتەي دېدى ........

                    جەرىمانە ئۆزگەردى
    باغچىنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولغان  orukjan  تۇيۇقسىزلا : " ئوتلاققا كىرمەڭ ، ئەگەر  كىرسىڭىز بىر يۈەن  جەرىمانە تۆلەيسىز " دېگەن ئېلاننى كۆرۈپ  قاپتۇ - دە باغچىغا قاراۋاتقان  kizhumar0998   سوراپتۇ :
    _ بۇرۇن ئۈچ يۈەن  جەرىمانە ئالاتتىڭلار ، ھازىر بىر يۈەنگە چۈشۈپ قاپتىغۇ ؟
    _ ۋوي دەرۋازا ئالدىدا قېقىڭنى ساتماي نىمە بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىسەن  ؟
     _  ۋۇي ما گەپنى سەن ئەتىدىن كەچكىچە باغچىغا كىرگەن قىزلارنى كۆرىمەن دەپ........
     شۇنداق دەپ  orukjan  بىلەن  kizhumar0998  تۇتۇشۇپ تۇرغاندا باغچىنىڭ مەسئولى جىن شاپاشلاپ كەپتۇ .
      _ جىدىلىڭلار نىمە ؟
     _ بولغان ئىشنى بىلگەن جىن : سەنلەر  بىرىڭ قىزلارغا شەيدا بوپ يۈرىيسەن،  يەنە بىرىڭ ئاۋۇ قۇرتلاپ كەتكەن قېقىڭنى ساتىمەن دەپ يۈرىشىسەن .......... ئۈچ يۈەن جەرىمانە ئالساق ، ئوتلاققا كىرىپ جەرىمانە تۆلەيدىغانلار چىقماي قالىدىكەن .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

akidiga  insan uz kalbi ni b

UID
7425
يازما
88
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2851
تىزىملاتقان
2010-11-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 09:52:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرۇكجان (سىسىق پايپاق) دېگەن يۇمۇرىڭىز بەك قىززىق ئىكەن........   

ئى اللا  سەن بىلىپ تۇرىسەن بىز سېنى قىياس بىلەن تۇنىمىدۇق  ،پەقەت سەن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا بىكىتكەن ئىششىنىشىمىز بىلەن ۋە ساڭا مۇھتاجلىقىمىز

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 10:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ مەنمۇ چۈشتە بىر قانچىڭلارغا كەلتۈرمىسەم ~

UID
6284
يازما
265
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7667
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 12:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دىگەن قىزىق، مەنمۇ سەل تۇرۇپ تازا بىر كۈلدىرۋىتەيچۇ

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان كارۋان -د

UID
6530
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
723
تىزىملاتقان
2010-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 20:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززززىق يۇمۇرلاركەن ،مەنمۇ سەل تۇرۇپ قايتىپ كىلىپ بىرنى كەلتۇرەي تازا

يىڭى بىر كۇندە يىڭى

كۆيۈمچان ئەزا

اللە ماڭا كۇپايە

UID
6926
يازما
91
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2758
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 17:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماگىزىندىكى پاراڭ
        _ _ بۇ كىيىمنى مەن بەك ياقتۇراتتىم ، بىراق رەڭگى بەك قېنىقكەن ، _ دېدى  melek خانقىز      mubarak خانقىزغا
      _ ھېچ ۋەقەسى يوق ،_ دېدى  melek  ،_ ئاپىرىپ بىر قېتىم  يۇيىۋەتسىڭىزلا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ .

مەلەك ئۆزى سوراپ ئۆزى جاۋاپ بېرىپتىما؟  بۇنى چۈشىنەلمىدىم..........

اللە يولىدا ياشىماق ھەقىقەتەن بەك تەسكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش