تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3318|ئىنكاس: 10

ئون چوڭ سىياسەت ئارقىلىق ش ئۇ ئا رنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
274
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9235
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 18:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
2010-يىلى 30-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى. يىغىندىن ئىگىلىشىمچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون ئون چوڭ سىياسەت قوللىنىپ، 2009-يىلىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
بۇ ئون چوڭ سىياسەت تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن قىز ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، قەرز ئالغاندا قوبۇل قىلغان ھەر بىر ئادىمى ئۈچۈن يىلىغا 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ. ئۆسۈمنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلىش سۈرىكى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئەمەلىي ئادا قىلغان ۋاقىت بىردەك بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئىككىنچى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، شەخس تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى قىسمىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق سوممىسى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىش مۇددىتى بىلەن ئەمگەك توختامىدىكى ئەمەلىي ئادا قىلىنغان مۇددەت ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە كەسىپ تەربىيەسى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار پۈتۈنلەي ھەقسىز تەربىيەگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر تىل، ماھارەت، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىگە قاتناشسا، تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
بەشىنچى، جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزا-بازارلارغا، كەنتلەرگە ۋە شەھەر، بازارلاردىكى مەھەللىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردىكى يېزا - بازار، كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى (ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوندنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
ئالتىنچى، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە «ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى» يولغا قويۇلىدۇ. ئەنگە ئېلىش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، شۇنداقلا ئۈچ يىلغىچە باشقۇرۇش، تىزىملاش ۋە كىنىشكە تۈرىگە ئالاقىدار مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەر ئېلىنمايدۇ. 
يەتتىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەخس ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تولۇق سوممىسى بىلەن تولۇقلاپ ياردەم بېرىلىدۇ. مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 
سەككىزىنچى، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش سوممىسى 100 مىڭ يۈنگە ئۆستۈرۈلۈپ، قەرز پۇلى مۇددىتى ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلىدۇ، قەرز مۇددىتى توشۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. قەرز مۇددىتىدە، قەرز ئۆسۈمى تولۇق سوممىسى بىلەن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ، مۇددەت ئۇزارتىلغاندا ئۆسۈم كۆتۈرۈۋېتىلمەيدۇ.
توققۇزىنچى، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشى لازىم.
ئونىنچى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىپ، مەلۇم مەزگىل تەربىيەگە، پىراكتىكىغا ۋە چېنىقىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
«پىكىر»نىڭ نىشان ۋەزىپىسى: 2009-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقا تىرىشىش.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇنداق دېدى: ھەر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەردىن رايون ۋە سىستېما ھالقىپ بەھرىلىنىشقا بولىدۇ، ئوخشاش رايونلارنىڭ تەمىناتى ئوخشاش بولۇشى لازىم. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆيۈمچان ئەزا

راست گەپ بىلەن ي

UID
5085
يازما
195
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6015
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 18:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نانقېپىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتىۋەتسە بۇلاتتى

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پار

UID
3417
يازما
262
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8323
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 19:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون ئىغىر قۇرۇق سۆزدىن بىر ئىغىز نەج گەپ ئەلا
دەپ ئىنكاس يىزىپ يۈرمەڭلار،ھۆكۈمىتىمىز دىگىنىنى قىلالايدۇ.

ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى بار...

UID
8443
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 19:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە .....دەپ قويقىلىق .....مەن بۇرۇندىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى ئىگىلىك تىكلسە باج ئىلنمايدۇ ، قەرزە بىردۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلغان..........مەكتەپنى بۇ يىل بۇتەرگەندىن بىر بىرەسى ...قەنە دىپلوم ،نىمش قىلسەن دەپ مۇ قويمىدى مەكتەپمۇ ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۇزتىپ قويدىكەن ......راست دىپلۇمنى ئۆيىدىكلەر سوراپ تۇ ...ھى ھى ھى .....6~7 كىنشكە ياتىدۇ .....خەقمۇ ئىشلەمسەن دىمدى مەنمۇ ، ئىشلەي دىمدىم .....ئاقى تىرىكى بارلار نىمە ئىلىكى مەمۇرى ئىمتاھان دىگەنى بىرۋاتىدۇ ....قەلەمدىن ئۆتەپتكەنمەن ....ئەلەمدىن قالدىم دەيدۇ ..........ھە دەپ قوياپ ئۆزەمنىڭ ئىشنى قىلۋەردىم ........راست ....قەرزە بىردىغان ئىشى راست بولسا ...مانغا خەۋەر قىلۋىتىڭلار..............ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىكەن دىگەن گەپلەرگە قىزىقمايمەن

يادىڭىدا بولسۇن ، ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

UID
8197
يازما
44
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1514
تىزىملاتقان
2010-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 19:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتكۈچ

UID
1247
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
269
تىزىملاتقان
2006-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 13:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ،قۇرۇق گەپ قىلماي ئەمەلى ئىش قىلسۇنچۇ بۇلار،ئالىدىغان ئىمتىھاننى يا تېزرەك ئالاي دىمەيدۇ،بىلىملىرىمنى ئۇنتۇپ قالاي دىدىم

UID
6620
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
920
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 18:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىملىككە دۇنيا پۇرسەت بىلەن تولغان.

ئۈمىدلىك ئەزا

كۆكلەي دېسەڭ ئۇي

UID
2978
يازما
49
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
520
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 19:56:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ، بۇ ياخشى سىياسەتكە ئۈلگۈرۈپ قالدىكەنمىز دە- ھې ھې ھې..... [s:2]

ئۇيغۇر دېسە ھاياجاندا تىترىيدۇ تەن، دەيدۇ روھىم:قېنى .ئۇيغۇر ئورنىڭدىن تۇر!!!

UID
3401
يازما
64
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1894
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 22:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقۇش پۈتكەزگىنى 5يىل بولدى...ئۆزۈم ئىش تىپىپ ئىشلەپ يۈرۈپتىمە...كادىرلا ئىدارسىنى تولا قاتراپ پۇتلۇرۇممۇ قاپىرىپ كەتتى...

يېڭى يۇلتۇز

تىل-دىل ئەلچىسى

UID
8334
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2011-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 19:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2014- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرمەن قارىغاندا بىزگىمۇ نېسىپ بۇلۇپ قالامدۇ نىمە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش