- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 350
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12549
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-25
- UID
- 2000
- يازما
- 350
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12549
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-25
- توردا
- 0 سائەت
|
[align=justify]ئەگەر بىز نىكاھنى تەرك ئېتىپ ،ھايۋانى جۈپلىشىپ يۈرسەك ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھىساپلانغان ئەرلەرنىڭ بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان ھاڭگىلاردىن نىمە پەرقى بولار؟
مېنىڭچە شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلاپ، بۇرنىنىڭ ئۇچى ھەممىنى توسىۋالىدىغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سۇئال بولماس....
ئاشۇ ھاڭگا تەلەت، شەھۋانىيلىققا دۈم چۈشكەنلەر مۇشۇ قۇرلارنى كۆچۈرۈپ ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقسا مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئاشۇ شەھۋانىي نەپسى ئاز تۇلا بېسىلىپ قالارمىكىن دەيمەن.
لېكىن شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، تىزگىنلەش بولمىغان ئەركىنلىك ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. پويىزمۇ رېلىسنىڭ ئۈستىدە بىخەتەر ماڭىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەركىن ماڭدۇرىمەن دەپ رېلىستىن چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولار؟
شۇنداق ھاياتتا چوقۇم تىزگىنەك بولۇشى كېرەك. تىزگىنەك نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تىزگىنەك باشقۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياخشى بولغان باشقۇرۇش بولماي تۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم بولمايدۇ. شۇڭا چوقۇم تىزگىنەكنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، ھەممە ئىشنى ئۆز لايىقىدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
مېنىڭچە يېڭى بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات بولمايدۇ. يېڭىلىق ئەگەر ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كەلسە،ئىنسانىيەتنى ماددى،مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن يۈكسەلدۈرسە،ئۇ تەرەققىيات بولىدۇ.ئەگەر يېڭىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولۇپ،ئىنسانىيەتنى مەنىۋى ،روھى جەھەتتىن چىرىتسا،ئۇماددى جەھەتتىن قانچە زامانىۋى بولۇپ كەتسىمۇ،جاھىلىيەت دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن،قىمار شەھىرى لاس-ۋىگاس قانچىلىك زامانىۋىلىشىپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر،قىمار ئىنسان روھىنى چىرىتىدىغان زەھەر.ئوخشاشلا جاھىلىيەت.ئۇ ئىنسانىيەتكە بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ.سىزنىڭ ئېدىيىڭىزمۇ پەقەت جاھىلىيەت قارىشىدىن ئىبارەت.
ئىنساننىڭ ياشاش ۋاستىسى تەرەققىي قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولسا ياكى تەرەققىيات بولسا، ئۇنىڭ زاتى ئىنسان بولماي قالىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ بۇرۇنقى ئىنسانلارغا يات بىر تەبئىيەتتە ياشىشى كېرەك بولىدۇ. لېكىن، بىز ئۆز ئىنسانىيلىقىدىن خالىي ياشىغان ئىنساننى تېخى ئۇچراتمىدۇق. دېمەك، ئىنسانىيلىق ئۆزىنى ساقلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ياشاش ۋاستىسىدا تەرەققىيات بولىدۇ. (ئا. جالالىدىن) |
|