كۆرۈش: 109392|ئىنكاس: 253

شەيتان بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7977
يازما
8
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
579
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 23:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيتان بىلەن سۆھبەت

 

    مەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن ،مەلۇم كۇرستا بىر مەزگىل ئوقۇدۇم. بۇ يەردە ئوخشىمىغان ياشتىكى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ھەرخىل كىشىلەر ئوقاتتى.ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ،ئوقۇش مەقسەتلىرىمۇ ھەرخىل ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ھەرخىل ئېدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ھەرخىل ئىدىيە قاتلىمىدىكى كىشىلەر توپلانقان يەر بولۇپ،مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتە،مەلۇم سۈركىلىش،مۇنازىرىلەردىنمۇ خالى دىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن،بۇ يەردە خىزمەتچىلەر، خىزمەت كۈتىۋاتقانلار،ئۆسمۈر بالىلار، قارىلار،موللىلار،يازغۇچىلار،سودىگەرلەر،ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن دىھقانلار... بار.مۇئەللىملەر ئىچىدىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك تەلەپچانلىرى، ئوقۇغۇچىلارنى مەھلىيا قىلىشقا ئۇستا گەپتانلىرى،ئۈنۈمدىن بەكرەك پۇلغا ھېرىسمەنلىرى، پۈتۈنلەي غەربلىشىشنى تەرغىپ قىلىدىغانلىرى، ،غەربنىڭ ئەركىنلىك قارىشىغا مەپتۇن بولغان خىرستىيانلىرى ھەم بار.

    مەن بۇيەرگە كەلگەندىن بېرى تىرىشىپ ،تەلەپچان مۇئەللىملەرنى قوغلىشىپ يۈرۈپ ،خېلى ئىلگىرىلەپ قالدىم.لېكىن بەزى مۇئەللىملەرنىڭ قىلىقلىرى مېنى بىئارام قىلمايمۇ تۇرمىدى.بەزىلەر سىنىپتا بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇپ چىقىپتۇ.ئۇلارنىڭ سىنىپتا ئۆز ئىسمىنى قوللىنىشىغا يول قويمايدىكەن.بىزنىڭ سىنىپقا بىر بالا نەرسە سوراپ كىرىپتى.

ــ ئىسمىڭىز نىمە؟ــ دىسەم .

ــ جەيسىن Jasenــ دەپ جاۋاپ بەردى.

ــ ئەسلى ئىسمىڭىزچۇ؟

ــ ياسىن.

ئۇنىڭغا دىدىم:

ــ ئەگەر خەنزۇچە ئۈگەنسىڭىز،ئىسمىڭىزنى تاڭسىڭ قويامتىڭىز؟

   يەنە بىركۈنى جۈمە دەرستىن كىيىنرەك چۈشۈپ قالدۇق،جۈمەگە ئالدىراپ،مەكتەپنىڭ سۇخانىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ تۇرىبىدا تاھارەت ئالدىم.شۇ چاغدا ئاغزىدىن دىموكراتىيەنى چۈشۈرمەيدىغان بىر مۇئەللىم يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ.

ــ بۇ يەردە تاھارەت ئالساڭ بولمايدۇ!

ــ نىمىشقا؟ سىزگە مەكتەپ بۇيرۇق قىلدىمۇ؟

ــ ياق، لېكىن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.

ــ ئەمىسە بۇ تۇربىنى نېمىشقا ئورناتقان؟

ــ قول-يۈزلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇيۇشقا.

ــ مەن قولۇمنى ،يۈزۈمنى،پۇتلىرىمنى يۇيۇۋاتمامدىم؟

    بىر چاغدا چىقىپ مەسچىت ئالدىغا كېلىشىمگە،ھېلىقى مۇئەللىم بىر قىزچاقنى قولتۇقلىغىنىچە گېدىيىپ ئۆتۈپ كەتتى.

    بىر كۈنى مۇئەللىمىمىز كېلەلمىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مۇئەللىم كىردى.بۇرۇن مەن مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىن يۆتكىلىپ چىققان ئېدىم.ئۇ غەلىتە ياسىنىپ يۈرۈيدىغان كىشى ئېدى.بەزىدە چېچىنى بېكخام نىڭكىدەك قىلىپ بويىۋالاتتى،بەزىدە چېچىنى ئۆستۈرۈپ ،ھەرخىل بوياپ ئارقىسىدىن بوغىۋالاتتى.ئوغۇللارنىڭ يەتمىگەندەك ئاياللار پوسۇنىدىكى تېخىمۇ ئىنچىك  پادىچى ئىشتىنى ،تار قىپقىزىل يىپىشىپ تۇرىدىغان  مايكىلارنى كىيىۋالاتتى.ئادەتتە ئاغزىدىن سېغىزنى چۈشۈرمەي چايناپ يۈرەتتى.گەپ قىلسا خۇددى «ۋوللىۋوتنىڭ چولپانلىرىدەك» مۆرىلىرىنى قىسىپ ،چىرايلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ سۆزلەپ كېتەتتى.ئاغزىدىن«fuck»«shit» دىگەندەك پاسكىناسۆزلەر چىقىپ تۇراتتى. يەنە دەل مۇشۇ كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئېتىقادلىق كىشىلەر كەمسىتىلىدىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.«بۈگۈن ئۇزۇـــ ن قارا كۆينەك كىيىۋالغان،ياغلىقنى قېرى خوتۇندەك چىگىۋالغان بىر ئايال ،قولىدا بالا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىشاتكىدىن ئارتىلىپ چۈشكىنىنى كۆردۈم.»،«قايسى كۈنى super market (تاللا بازىرى )تا بىر روپاش ئايال ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.»« مەلۇم بىركۈنى قىزدوستۇم،دىبانىڭ ھاجەتخانىسىدا بىر روپاش ئايالنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ تازا ئويناپ، قايتاشىدا يەنە ھېلىقى كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ»«سىنىپىمدىكى موللىلار ياغلىقىڭلارنى ئېلىۋىتىڭلار،بۇ دىگەن مەدرىس ئەمەس،بىلىم كۆزنىكى!» دىگەندەك. ئۇنىڭ تەشۋىق قىلىدىغىنى دىموكراتىيە، جىنسى ئەركىنلىك،غەربچە تۇرمۇش ئۇسلۇبى دىگەندەكلەر ئېدى.

بۈگۈن « ئۇ يەنە نىمە دە؟» دەپ ئولتۇرسام،ئۇ يەنە شۇنىڭدىن گەپ باشلىدى.

ــ بۈگۈن مۇئەللىمىڭلار ئاغرىپ قاپتۇ.مەن كىرىپ تۇردۇم.دەرس ئۆتمەيمەن «discussion»(مۇنازىرە) قىلساق قانداق؟

ــ بولىدۇ! ــ دەپ توۋلاشتى بالىلار.

ــ ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى« discuss» قىلىدىغان تېمىمىز «go habit»(قىز يىگىتلەرنىڭ توي قىلماي بىللە تۇرۇشى).بۇنى مەن قوللايمەن،قارشى تۇرىدىغانلار ئاچچىقلىنىپ كەتمەي،سىلەرنىڭ توغرا بولسا ئاساسىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار!

  يېقىننىڭياقى ئۇنىڭ نەچچىلىگەن چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنى«تاماق ئېتىپ يەيمىز،ئۆيدە ياخشى ماتىرىياللار بار بېرىمەن»دەپ ئاپىرىپ  ھاياسىغا تەگكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپلەرتارقىلىپ يۈرەتتى. ئارىمىزدا يەنە خېلى قىزلار ئۇلارغا «ئاشىق» بولۇپ يۈرەتتى.بىز بەزى قىزلارنىڭ شۇغىتمەكلەرگەچوقۇنۇپ كېتىشلىرىگە ئۆكۈنۈش بىلەن بىرگە مۇشۇنداق لاۋزا مۇئەللىملەرنىڭ ھاياسىز قىلىقلىرىغا غەزىپىمىز تېشىپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىنلا،ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ،يەنە نەچچە قىزنى ئورىغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى،كىيىنكى بۇزۇقچىلىققا يول ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى  پەملىدىم.

ــ بىزنىڭ ئۆرۈپ –ئادىتىمىزدە توي قىلىشتىن بۇرۇن قىز-يىگىتنىڭ بىر ئۆيدە يېتىپ قوپۇشى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ،لېكىن قىزلىرىنى كىچىكلا خالىمىغان كىشىلەرگە ياتلىق قىلىپ،نەچچە بالىلىق بولغاندا ئۇنى قويىۋەتسە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارالمايدۇ.ئادەتتە ئىككى كىشى چۈشىنىشمەيلا توي قىلسا ،بىر مەزگىل ئۆتكەندە كۆڭلى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ،ئاجرىشايلى دىگەندە ،ئارىسىدا بىر بالا پەيدا بولىدۇ. ئاجراشماقچى بولغاندا ،ئىككىسىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىككى جەمەتتىكىلەر ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.ئەگەر ئۇلار چۈشىنىشىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشتى دىگەن تەقدىردىمۇ،ھەقىقى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇنداق ۋاقىتلاردا قىز بولسۇن،ئوغۇل بولسۇن چىرايلىق ياسىنىپ كېلىپ كۆرۈشىشىدۇ.قىز ئىنتايىن نازاكەتلىك ،ئوغۇل ناھايىتى سالاپەتلىك بولىۋالىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەسلى مىجەزى،گىرىم قىلمىغان قىياپىتى دىگەندەكلەرنى بىلىش ئۈچۈن ،بىر مەزگىل بىر ئۆيدە بىللە ياشاپ بېقىشى كېرەك.شۇ چاغدىلا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان -كەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقى بىلگىلى بولىدۇ.

ــ ئەگەر ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە قانداق قىلىدۇ؟ــ دىدى بىر ئوقۇغۇچى.

ــ ئۇنداق بولسا، ئىككىسى چىرايلىق ئايرىلىپ كېتىدۇ؟بۇ ئىشلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇقمايدۇ ،ئوتتۇرىسىدا بالا بېقىش مەسىلىسىمۇ بولمايدۇ.

ــ ئەمىسە قىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىچۇ؟

ــ قارا ئۇكام ،بىزمۇ بەدەل تۆلەيمىزغۇ؟مىھمان قىلىمىز،ئوينىتىمىز،بالا بولۇپ قالسا چۈشۈرۈش پۇلىنى تۆلەيمىز.

ــ سىزنىڭ قارىشىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن.ــ دىدىم مەن، ــ بىرىنجى ،ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا،بارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا،ئىنسان ئەجدادىنىڭ ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ،ئەنە شۇ چاغدا دۇنيادا شۇ ئىككىسىدىن بۆلەك ئىنسان يوق ئېدى.لېكىن شۇلارغىمۇ پەرىشتىلەر نىكاھ ئوقۇغان.يەنى ئادەم ئاتىغا ھەۋۋا ئانىنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى،ئۇنى ئۆز ۋۇجۇدىدەك ئاسراش كېرەكلىكى،ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ئامانەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.نىكاھ ـــ ئامانەتنى ياخشى ساقلاش ھەققىدە اللە ئالدىدا بېرىلگەن بۈيۈك ئەھدىدىن ئىبارەت.نىكاھ ئائىلىنىڭ اللە ئالدىدىكى قانۇنى ئاساسى،ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى.سىز جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى بۇزماقچىمۇ؟

 ئۇ مەنسىتمەسلىك بىلەن:

ــ شۇلارغا نىكاھ ئوقۇغاننى سەن كۆرگەنمۇ؟ ــ دىدى.

ــ سىز بۇنىڭغا ئىشەنمەمسىز؟

ــ ياق.

­­ــ ئۇنداقتا ئىنسان مايمۇندىن ئۆزگەرگەنلىكىنى سىز كۆرگەنمۇ؟

ــ بۇنىڭغا تارىخى ئىسپات بار.

ــ سىز كانىدەك يېپىشىۋالغان ئۇ ئىسپاتلار ئاللىقاچان دەپنە قىلىنىپ كەتتى.مېنىڭمۇ تارىخى ئىسپاتىم بار .ئۇلارنىڭ پەقەت بىرقانچىسىنى سۆزلەي.تارىختا ئۆتكەن نى-نى كاتتا ئىمپىرىيەلەر پەقەت ئائىلە نىكاھ مۇناسىۋىتىنى تەرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان .بۇنىڭ ئەڭ داڭلىقى ئاد قەۋمىنىڭ بەچچىۋازلىق قىلىپ ھالاك بولۇشىدۇر .قەدىمكى بابىلۇندىمۇ بىر مەزگىل مۇنداق بىر ئىدىيە تارقالغان«پادىشاھ بولسۇن پۇقرا بولسۇن ھەممىسى باراۋەر بولىدۇ.ھەممە نەرسىنى تەڭ بۆلىشىدۇ.ھەتتا خوتۇنلارنىمۇ شۇنداق.بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلسە ، ياخشى كىشى خوتۇنىنىمۇ ئارىيەت بېرىشى كېرەك» دىگەن .بۇ ئىدىيە پادىشاھ تەرىپىدىنمۇ قۇبۇل قىلىنغان،نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەي،ئۇلاردا «ئالۋاستى كېسىلى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەل تارقىلىپ، مۇشۇنداق كۈچلۈك ئىمپىرىيە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان.ئەگەر بىز نىكاھنى تەرك ئېتىپ ،ھايۋانى جۈپلىشىپ يۈرسەك ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھىساپلانغان ئەرلەرنىڭ بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان ھاڭگىلاردىن نىمە پەرقى بولار؟ بىز ھالاك بولماسمىزمۇ؟

ــ سەن ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن،ــ دىدى ئۇ ــ ئۇ قايسى دەۋر،ھازىر قايسى دەۋىردە ياشاۋاتىمىز؟ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ،جىنسى ئەركىنلىكمۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ھوقۇقى.سېنىڭ قاراشلىرىڭ تەرەققىياتنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ بازىرى چىقماسلىقى تەبىئى .

ــ مېنىڭ ئەركىنلىككەقارشى چىققىنىم يوق.لېكىن شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، تىزگىنلەش بولمىغان ئەركىنلىك ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. پويىزمۇ رېلىسنىڭ ئۈستىدە بىخەتەر ماڭىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەركىن ماڭدۇرىمەن دەپ رېلىستىن چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولار؟ سىز «تەرەققىيات »دەپ قالدىڭىز ،سىزنىڭچە «تەرەققىيات» دىگەن نىمە؟ ــ دەپ سورىدىم.

ــ تەرەققىيات دىگىنىمىز ئىنسانىيەت ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بارلىق يېڭىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ كونىلىقتۇر.شۇڭا ئۇ يوقىلىشى كېرەك.
ــ مېنىڭچە يېڭى بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات بولمايدۇ. يېڭىلىق ئەگەر ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كەلسە،ئىنسانىيەتنى ماددى،مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن يۈكسەلدۈرسە،ئۇ تەرەققىيات بولىدۇ.ئەگەر يېڭىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولۇپ،ئىنسانىيەتنى مەنىۋى ،روھى جەھەتتىن چىرىتسا،ئۇماددى جەھەتتىن قانچە زامانىۋى بولۇپ كەتسىمۇ،جاھىلىيەت دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن،قىمار شەھىرى لاس-ۋىگاس قانچىلىك زامانىۋىلىشىپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر،قىمار ئىنسان روھىنى چىرىتىدىغان زەھەر.ئوخشاشلا جاھىلىيەت.ئۇ ئىنسانىيەتكە بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ.سىزنىڭ ئېدىيىڭىزمۇ پەقەت جاھىلىيەت قارىشىدىن ئىبارەت.

  ــ ئاياللار توي قىلسا ،بالا تۇغىدىغان گەپ.ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا بېقىپ، تاماق ئېتىپ ،كىر يۇيۇپ يۈرسە،جەمئىيەت قانداق تەرەققى قىلىدۇ؟ ــ دىدى ئۇ.

ــ جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىساق،بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.سىز دەپ بېقىڭ،ئائىلە قارىشى كۈچلۈك بولغان،ئاجرىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئىجدىمائى مەسىلە،جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۆپمۇ ياكى ئاجرىشىش ئەۋج ئالغان،نىكاھسىز بالىلار كۆپىيىپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتتە  كۆپمۇ؟ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن،ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلار  ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.ياپونىيەدىمۇ توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللار خىزمەت قىلمايدىكەن.ياپونىيە سىزچە تەرەققى قىلمىغانمۇ؟

ــ ئىنسان تەبىئىتى جىنسىيەتنى خالايدۇ.قارىغاندا سەن قىزلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامسەن«تاڭسىڭجان»؟ ئۇ ئىشنىمىچۇ بىڭسىڭ بولسا قىلىسەن. شۇڭا سەندەكلەرگە خوتۇن چىقماي،چىقسىمۇ خوتۇننى رازى قىلالماي ئۆتۈشىسەن.ــ دىدى ئۇ تاتىرىپ.

مېنىڭمۇ بۇگەپلەر قاتتىق غورۇرىمغا تەگدى :

ــ قارىسام ھۆرمەت قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدىكەنسەن.مەنمۇ قىز بالىنى ياخشى كۆرىمەن.ساڭا ئوخشاش لاۋزىلارغا دۈم چۈشكەن غىلجىڭلارنى ئەمەس.ھەقىقى ئېتىقادلىق،پاك غورۇرلۇق قىزنى ياخشى كۆرىمەن.ئىنسان تەبىئىتى نىجىسلىقنى ئەمەس،پاكلىقنى خالايدۇ.ئوغرى چېغىدا ئۆز شېرىكىنىڭ سادىق بولىشىنى تىلەيدۇ.بۇزۇق ئەرمۇ ،ئۆز ئايالىنى پاك بولسىكەن دەيدۇ؟ سەن ئۇنداق دىمەمسەن- يا؟ ئەگەر مەن «سىڭلىڭ بىلەن بۇگۈن كېچە go habit قىلىپ كىرەي،رۇخسەت قىل!» دىسەم، نىمە دەپ جاۋاپ بىرەتتىڭ ؟ ۋىجدانىڭ بىلەن جاۋاپ بېرىپ باققىنا!

سىنىپنى چاۋاك ۋە قىقاس-چۇقانلار قاپلىدى.ئۇ تاتارغان ھالدا ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇئەللىممۇ بىرقانچە كۈن «ئاغرىپ قېلىپ» مەكتەپكە كېلەلمىدى.مەنمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇمەكتەپتىن كەتتىم.

جەمئىيىتىمىزدىمۇ،شۇ مۇئەللىمدەك شەيتانلارتۇيدۇرماي كۆپەيمەكتە ئېدى. ئۇلار كىشىلەرگە جاھىلىيەتنى،ئىلمى خۇراپىيلىقنى «تەرەققىيات»دەپ ئۈگىتەتتى.شۇڭا مەن ئۇلارنى«شەيتان مۇئەللىم»دەپ ئاتىغان ئېدىم.مەيلى ئۇلار ئەۋىج ئېلىپ كەتسۇن ياكى يوقالسۇن ،بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بىر سىناق خالاس.ئۇلارنىڭ دامىغا پەقەت مەيدانى يوق،ئەقىدىسىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان كىشىلەرلا چۈشىدۇ.ھەقىقى ئەقىدىلىك كىشىلەرنى ئۇلار تەۋرىتەلمەيدۇ. مەنمۇ ئۇلارغا قارشى بىر شېغىل تاش بولسىمۇ ئاتىمەن.ئاڭلىسۇن-ئاڭلىمىسۇن توغرىنى چۈشەندۈرىۋىرىمەن.مېنى ئۇلار توسالمايدۇ.

 رىۋايەت قىلىنىشىچە، كافىرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئوت يېقىپتۇ.ئوتقا يىلان تەمەچ توشۇپتۇ،قارلىغاچ بولسا       كىچىككىنە ئاغزى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ توشۇپتۇ .ئۇنىڭدىن «سەن ئاغزىڭدىكى كىچىككىنە سۇ بىلەن مۇشۇنچىۋالا چوڭ ئوتنى قانداق ئۆچۈرىسەن؟» دەپ سورالغاندا. «شۇ ئوتنى ئۆچۈرەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى،ئەمما ئوتنىڭ ئۆچۈش- ئۆچمەسلىكى مېنىڭ چامامدىكى ئىش ئەمەس،لېكىن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مېنىڭ ئەقىدەم.ئەقىدەم ئۈچۈن ياشاش مېنىڭ مىزانىم.»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ...


 

 مەنبەسى :ئۆز  ئىجادىيىتىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 100 بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

قولۇڭ ئىشتابولسىمۇ،قەلبىڭ ئىيمان بىلەن بولسۇن

UID
1934
يازما
383
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 00:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، گەرچە تېمىدا بىر قىسىم ئەخلاقسىز قىلمىشلارمۇ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئەخلاقسىزلىقنى تەنقىد قىلىۋاتقان غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىدىن كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈندى، بارىكاللا ئېسىل يىگىتلەر! ئىككىلا ئالەمدە بەخت سىلەرگە يار بولسۇن.
ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4141
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 00:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى باللا بېلەت تاشلاپ باقايلى،بۇ تېمىنى نادىرلاشقا بولامدۇ يوق...............
مەن ئەلۋەتتە نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمەن،قالغانلارچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4141
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 00:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىgvzal3.8 يوللىغان 2011-01-04 00:22 غا قارتىلغان  :
  بۇ تېمىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، گەرچە تېمىدا بىر قىسىم ئەخلاقسىز قىلمىشلارمۇ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئەخلاقسىزلىقنى تەنقىد قىلىۋاتقان غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىدىن كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈندى، بارىكاللا ئېسىل يىگىتلەر! ئىككىلا ئالەمدە بەخت سىلەرگە يار بولسۇن.
مەن دەيدىغان گەپلەرمۇ مۇشۇ!
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

UID
1934
يازما
383
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 00:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىkaqkun16 يوللىغان 2011-01-04 00:26 غا قارتىلغان  :
قېنى باللا بېلەت تاشلاپ باقايلى،بۇ تېمىنى نادىرلاشقا بولامدۇ يوق...............
مەن ئەلۋەتتە نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمەن،قالغانلارچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلىندى، ئۇچۇرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، قاچقۇن.
ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4141
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 00:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىgvzal3.8 يوللىغان 2011-01-04 00:27 غا قارتىلغان  :

تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلىندى، ئۇچۇرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، قاچقۇن.

ئەمدى بىز ئەمەلدار بولمىغاندىن كېيىن بىلمەيدىكەنمىز ،يا بىر نادىر تېما يېزىپ باقمىساق،يا يازغان ئىنكاسنى نادىرلىمىساڭلار
گۈزەل ھەدە مەن خالمۇرات0416بىلمىدىم ئېسىڭىزدە بارمۇ يوق؟



خالمۇرات 0416 ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار، قاچقۇننى دەماللىققا تونۇيالمىغان بىلەن
_ gvzal3.8
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

UID
7696
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
626
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-18
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 01:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھەقىقەتەن ئىسىل تېما، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ تېمىنى نادىرلاپ چوققىلاپ قويساڭلار، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كۆرەلمىسىمۇ كۆپ قىسمىنىڭ كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىشىنى، روھىيىتىنى يۈكسەلدۈرشىگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار. تېما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

UID
6802
يازما
37
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1148
تىزىملاتقان
2010-10-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 02:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمە
ئەر  بولساڭ  ئەردەك   ياشا

يېڭى يۇلتۇز

كەلگۈسى ئۈچۇن ~~~~

UID
3588
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 10:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئاتلانغۇ دەيمەن.  ئۇ يەر ھازىر 婚介所بولۇپ كەتتى. ناچاردە ناچار!!

باھا سۆز

altuntarim09  توۋا، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 03:22:35

UID
8197
يازما
46
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1516
تىزىملاتقان
2010-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 12:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈش جەريانىدا ھەرخىل ئادەملەرگە ئۇچرايدىكەنمىز.بۇنداق ئىشلارنى تۈزەتمەك ئاسان ئەمەس.چۈنكى بەزى ئاشۇنداقلارنىڭ ئېنگىلىزتىلى سەۋىيىسى خىلى يۇقىرى.ئېنگىلىزتىلى ئۈگەنمەكچى بولغانلارنىڭ نەزىرىدە قانداقلا بولمىسۇن تەبىي ھۆرمەتلىنىدۇ.ھەتتا سىز دىگەندەك بەزى قىزلار ھاياجانلىنىپ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۆزىمىز.ئاپتۇرغا ئوخشاش جايىدا دەككىسىنى بىرەلىسەك ۋە سەپسەتىلىرىگە رەدىيە بىرەلىسەك بولىدۇ.قالغىنى بىكار.

باھا سۆز

گۈلزىرە  مىنىڭچىمۇ ئاتلانغۇ دەيمەن . راس ئۇ يەر بەك ناچار بوپ كېتپتۇ ،  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 10:07:23
138a520  ئۇلۇغ ئاللا ھتىن سىزگە كوپ ئۇتۇقلانى تىلەيمە .. قېرىندىشىم .....تېخمۇ تىرشىڭ ..  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 18:32:13
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش