بۇ 33قەۋەتتىكىkanhor يوللىغان 2011-01-13 00:02 غا قارتىلغان :
مېنىڭچە "ئوغرى ئالدى: ناملىق ھېكايىدە ئاپتۇرنىڭ تاللىغان تىمىسى ھەقىقىتەن ياخشى تىما ئىكەن.ئاپتۇر توخو ئوغۇرلىماقچى بولغاندىكى ۋەقەنى ياخشى يازغان.توخۇلارنىڭ قونداقتىن كىچىدە چۈشۈپ ۋاقىلداپ كىتىشى (مەن] بىلەن ئىنىسىنىڭ قېچىشى ئوقۇتمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.(مە) بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن.ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىددىيسى يېڭىلىق بىلەن تولغان.پەن-تېخنىكىنىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە تىبابەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا ئىشىنىدۇ.ئايالىنىڭ كىچىدە چىرقىراپ يىغلايدىغان بولۇپ قېلىشى،دوختۇرغا كۆرسەتسە ئايالنى ساقكەن دىيىشى،لىكىن ئايالىنىڭ يانىلا كىچىسى ۋارقىراپ يىغلاپ ئۇخلىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دوختۇرنىڭ (مەن)نىڭ ئايالىنىڭ كىسىلىنىڭ نېمىلىكىنى تاپالمىغانلىقىدىن بولغان دېگەن يەكۈن كىلىپ چىقىلغان.ئەگەر بىز (مەن)نى ئاتالمىش داخاننى چاقىرىش ۋە دۇئا ئوقۇتۇشقا قوشۇلدى دېسەك (مەن)بىر دۆلەت كادىرى ئوقۇتقۇچى.ئوقۇتقۇچى تۇتۇپ پەننىڭ كۇچ-قۇدرىتىدىن داخاننىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە ئىشىنىشى ۋە بۇ قاراشنى داخاننىڭ دا ئوقۇشى بىلەن ئايالىنىڭ ساقايغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېكايىنىڭ تىماتىكىلىك ئىدىيسىدە دوختۇر ساقايتالمىغان كىسەلنى داخان ساقايتىدۇ دېگەن ئىدىيالىستىك قاراش كىلىپ چىقىدۇ.ئەگەر (مەن)نىڭ يۇرتى يىراق سەھرادا بولۇپ دوختۇرغا كۆرىنىش قولايسىز بولسا ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك دوىتۇرلار مۇ تەكشۈرۈپ (مەن)نىڭ ئايالىنى ساقايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتپ ئاندىن داخان ساقايتقان بولسا يۇقارقىدەك ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن بولسا بولاتتى.يەنە بىر مەسىلە (مەن)نىڭ ئىنىسى قوي ئوغۇرلاۋاتقاندا (مەن)پىشقەدەم ئۇستاز بىلەن پاراڭلىشىدۇ،(مەن)دە ھىچقانداق قورقۇش،بىسەرەمجانلىقتەك پىسخىك ھالەتلەر بىرىلمىگەن.چۈنكى (مەن)نىڭ ئىنىسى نىمىلا بولمىسۇن ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.ئەگر بۇ ئىش ئاشكارلانسا (مەن)نىڭمۇ يۈزى چۈشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىغا داغ تىگىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا رىئال تۇرمۇشتىكى (مەن)نىڭ قورقماسلىقى ئىچى تىت تىت بولۇپ تۇرالماي قېلىشى تۇرغان گەپ.لىكىن (مەن)نىڭ بۇ چاغدىكى روھىي لالەت تەسۋىرى ياخشى بىرىلمىگەن.بۇ مېنىڭ ھېكايىيىڭىز ھەققىدىكى قاراشلىرىم .بولسا سىز بۇ ھېكايىنى قايتا ئىشلەپ بىرەر يۇرنالغا ئېۋەرتىڭ .ھېكايىڭىز چۇقۇم ياخشى چىقىدۇ.يازغانلىرىم ئېغىر كەتسە ماڭا قارشىڭىزنى ئوتتيرىغا قۇيۇپ تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىز. 
ھېكايە ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ بېرىلگەن تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىز ئۈستىدە قايتا ئويلاندىم.
ئەلۋەتتە ، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەر ...جۈملىدىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش، كەڭ تەبىئەت دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ؛بىز بىلمەيدىغان ۋە بىلىپ كېتەلمەيدىغان خىلمۇ-خىل ۋەقەلىكلەر ياخشى بىر يازغۇچىنىڭ نادىر ئەسەر قىلىپ چىقىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ ۋەقەلىكنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشىغا بېقىنىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەن بىر تېما ئۈستىدە ئويلىغان ۋە شۇ ۋەقەلىك ئۈستىدە قايتۇرغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغىنىدەك،
ئاپتورنىمۇ...ئاشۇ ئىنكاسلار ئارىسىدىن يۈرۈكىگە مەلھەم بولغۇدەك تەكلىپ-پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ۋە تەنقىدنى قۇبۇل قىلالىغۇدەك روھ توپلىشىغا ئىشتىراھ قىلىدۇ.
مەن پىكىرلىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن.
دىگىنىڭىزدەك،
ئەسلىدە، بۇ ھېكايىنى يېزىۋاتقان چېغىمدىلا مېنى ئىككى يول ئارسالدى قىلدى:
1.مەننىڭ ئايالى زادى كىمنىڭ قولىدا ساقىيىشى كېرەك؟ دوختۇرنىڭ قولىدىمۇ ياكى داخاننىڭمۇ؟
مۇبادا داخاننىڭ قولىدا ساقىيىپ قالغان بولسا، ئۇھالدا ھېكايىنىڭ ئالغا سۈرۈلمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيىسى بىدئەتنى تەشۋىق قىلىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، مەننىڭ ئايالى دوختۇرخانىدا ساقىيىپ قالسا، ئەتراپىمىزدىكى دوختۇرخانىغا مىڭ قېتىم بېرىپمۇ ساقايمىغان تۇتقاقلىق كېسەللەرگە كۆز يۇمغان بولىمەن.
شۇڭلاشقا بۇ مەزمۇننى گۇڭگا پېتىلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم ۋە تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم.
يەنە بىر نۇقتىدا،
سىز دىگەندەك ، مەندە قورقۇش ۋە ئوغرىلىق پاش بولوپ قالسا رەسۋا بولۇشتەك پىسخىك تەسۋىرى ھەقىقەتەن كەم قاپتۇ.
مەن تولۇقلاپ قايتا تەھرىرلەي.
1-نۇقتىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى سۇئالنى قانداق قىلساق بولار؟ دىگەندە، مەن يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئويلىنىپ باقاي.
كاۋاپمۇ ،زىخمۇ كۆيمەيدىغان بىر ۋەقەلىك چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
سىزگە كۆپ رەھمەت.