قاسىم سىدىقنىڭ جېك ئەپەندىگە يازغان ئىككىنچى خېتى :
جىك ئەپەندى!
مەن قىرىنىڭ يۇزىنى قىلىپ «كائىنات»قا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر!
چاقچاق تەلەپپۇزىدا ئېيتسام، ھەر ھالدا سىزنى ھاسامنىڭ ئۈچى يەتكۈدەك يەرگە ئەكىۋالدىم!.
سىز مىنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىڭىزگە مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن، مەن ھازىرچە ئومۇمەن مۇنداق ئىككى تەسىراتقا كەلدىم.
1- سىز باشقىلارغا قىزغىن ياردەم بىرىشنى خالايدىغان يىگىت ئىكەنسىز. بۇ سىزدىكى ئىجابىي تەرەپ.
2- سىز، ئۆزىڭىز بىلمىگەن تەرەپلەرنىمۇ بىلگەن بولىۋىلىشقا بەك ئالدىراپ كىتىدىكەنسىز. ئەلبەتتە بۇ سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى سەلبى تەرەپ.
مەن سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى ئىجابى تەرەپلەر ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن. سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى سەلبى تەرەپ ئىككىمىز ئوتتورىسىدىكى بىھودە مۇنازىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ نوقتىدا توختىلىپ ئۆتىمەن. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ مىنىڭ خاراكتېرىمدە سەلبى تەرەپلەر ئەسلا يوق دېگەنلىك ئەمەس، مەن بىر جاھىل، تەرسا ۋە سەپىرا قىرى، خالىسىڭىز قالغانلىرىنى سىز كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
خاراكتېرىڭىزدىكى سەلبى تەرەپلەر ئىچىدە سىزنىڭ ھە دىسىلا پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئۆزىڭىزنى ئالدايدىغان، باشقىلارغا زىيان سالىدىغان مۇشۇ غەلىتە مىجەزىڭىز گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدىكەن.
سىز «قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلرى ھەدىسىلا، ماتېماتىكا ئىشلەتمەي، پەلسەپە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىرىمىز،دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنى – ئۆزى ئالداپ كەلمەكتە»دېگەن قۇرلارنى يازغاندا قىلىچىلىك نۇمۇس قىلمىدىڭىزمۇ؟ «مەن ۋە مىنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىم» قاچان قايسى يەردە شۇ گەپنى قىلىپتۇق؟ ياكى كۆرگەن چۇشىڭىزدە شۇنداقىراق بىر ئىش بولغانمۇ؟
سىز يۇقىرقىدەك تۆھمەت توقوش ئارقىلىق، ئەھۋالنى بىلمەيدىغان، سىزنىڭ يالغان گەپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان بىر قېسىم ئاق كۆڭۈل تورداشلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى غايىڭىزدىكى ۋە سەركەردىلىكىڭىزدىكى شەكىل نەزەرىيىسىگە قارىشى بىرلىكسىپىڭىزنىڭ ئەزاسى قىلىۋىلىش غەرىزىدە بولغاندەك قىلىسىز.
زادى كىم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىدۇ؟، قەدەمدە يۇقىرقىدەك يالغاننى توقۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز ئىشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ئاتالمىش بۇ «ئىسپات»لارنى كۆتۇرۇپ چىقىپ، باشقىلارنى ئالدىدىڭىز، جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئورۇنسىز دە تالاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭىز.
بۇنداق يالغان-ياۋداقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشنىڭ ئادەتتە پەقەت تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىللا سەۋەبى بولىدۇ:
بىرى، سىز پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرمەي تۇرۇپلا ماقالە يىزىش قىزغىنلىقىغا بىرىلىپ كىتىدىغان ئادەملەر تىپىغا مەنسۈپ بولۇپ، بۇ ئىشىڭىزنى سەۋەنلىك دەپ تونۇشقا، ۋە خۇدىڭىزنى ۋاقتىدا تىپىۋالسىڭىز كەچۈرىۋىتىشكە بولىدۇ.
يەنە بىرى، سىز بۇ خىل يالغان-ياۋداقلارنى يامان غەرەز بىلەن قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلى ئەلبەتتە بىرىنجىسىگە قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ.
كۆپچىلىك تۆھمەت دېگەننىڭ قەستەنلىكتىن ۋە ياكى سەھۋەنلىكتىن كىلىپ چىقىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.
مەن كىچىككىنە سەھۋەنلىك تىپىۋالسىلا ئۇنىڭغا چىڭ ئىسىلىۋىلىپ قويوپ بەرمەيدىغان ئادەملەردىن بىزار تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن جىك ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئويدۇرمىسى ئۈستىدە نوقتولۇق توختۇلوشۇمدىكى سەۋەبنى چۇشەندۇرۇپ ئۆتەي.
جىك ئەپەندى مۇنازىرىدە ئۇستۇنلۇكىنى قولغا كەلتۈرۈپ «تور چولپىنى»غا ئايلىنىشىدا «تۆھمەت توقۇش»، «پاكىتلارنى بۇرمىلاش»نى ئادەت ۋە قورال قىلىۋالغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرسەك، جىك ئەپەندى يېڭى بىر كەسىپ-«تۆھمەت توقۇش،پاكىت ئويدۇرۇش كەسىپى»نى ئەھيا قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنداق دىيىشىمگە يېتەرلىك ئاساسلىرىم بار. تۆۋەندە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ مەن ۋە شەكىل نەزەريىسى ئۇستىدە 1990-يىلى يازغان «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» سەرلەۋھەلىك ئەدەبىي ئاخباراتى ئۇستىدە قىسقىغىنە توختىلىپ ئۆتىمەن.
مەمتىمىن ھوشۇر ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە پىششىق تونۇش تەلەپچان ئۇستاز يازغۇچى، ئۇنىڭ يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان ئەدەبىي ئاخباراتىدا جىك ئەپەندى ئۆز يازمىلىرىدا ئېيتقاندەك، ئاللىقانداقتۇر بىرەيلەننىڭ «نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش ئىھتىماللىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس. ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ يىتەكچى ئىدىيسىى ھەرگىزمۇ جىك ئەپەندى ئېيتقاندەك باشقىلاردىن ئاغىرىنشمۇ ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قىياسلارغا يىشىل چىراق يىقىپ بىرىش تەشەببۇس قىلىنغان،
بۇ ئەدەبىي ئاخباراتتا ھىچقاچان شىنجاڭ ئونىۋرىسىتتىدىكىلەردىن رەنجىش ھىسىياتى ئوتتۇرىغا قويولغان ئەمەس، بەلكى ئەكىسچە شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا دوكىلات بىرىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەنلىگى مىننەتتارلىق ھىسىياتى بىلەن تىلغا ئىلىنغان. مەن جىك ئەپەنىدنىڭ ئېيتقانلىرى راس بولغىيمىدى دەپ گۇمانلىنىپ، كائىنات تورىدىكى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىنى تەپسىلى كۆرۇپ چىقىپمۇ بۇنداق گەپنى تاپالمىدىم. تورغا يوللاش جەريانىدا چوشۇپ قالغان بولمىغىيدى دەپ گۇمانلىنىپ بۇگۇن مەمتىمىن ھوشۇرغا ئاتايتەن تىلىفۇن قىلىپ سۇرۇشتۇردۇم. مەمتىمىن ھوشۇر يىرىم سائەتلەردىن كېيىن ماڭا تىلىفۇن قايتۇرۇپ ئۆزى يازغان ئەدەبىي ئاخباراتتا بۇنداق گەپنىڭ ئەسلا يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.
جىك ئەپەندى!، سىزنىڭ پاكىتلارنى بۇنچىلىك بۇرمىلاپ كىتىشىڭىزدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇنىڭدىن پەقەت بىرلا خۇلاسە چىقىدۇ. شىنجاڭ ئونىۋرىستىتىدىكىلەر ئەگەر سىزنىڭ گەپلىرىڭىزگە ئىشەنسە، ئۇلارنىڭ شەكىل نەزەرىيىسى ۋە قاسىم سىدىققا بولغان قارىشلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كىتىدۇ. بەلكىم ھەر ئىككىمىز چۆچۇرىنى خام ساناۋاتقاندىمىز، شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتىدىكىلەر سىزنىڭمۇ، مىنىڭمۇ دىپىمغا ئۇسۇل ئويناپ يۇرمەس، شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى سىز ئۇ يەردە ئىشلەپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ بولۇپ كەتمەيدۇ، مىنىڭ ئىشلىمىگەنلىكىم ئۈچۈن مىنىڭ ئەمەس دىيەلمەيمەن. شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى دېگەن، ئىسمىدىن مەلۇمكى ئۇ شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى!، مىنىڭ، سىزنىڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئونىۋىرسىتىتىدىن ئىبارەت.
سىىزنىڭ بۇ ئەدەبىي ئاخبارات ھەققىدە باشقىلار ۋە ئاپتۇرنىڭ «سەۋىيەسى»نى چۆرىدەپ ئىلىپ بارغان بىر قېسىم مۇھاكىمىلىرىڭىز- سەھرا تىلى بىلەن ئېيتقاندا مەمەدانلىق ۋە بىلەرمەنلىكىڭىز- كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. شۇنى سەمىڭىزگە سىلىپ قويايكى، مەمتىمىن ھوشۇر سىز بىلەن مەندەكلەرنىڭ دەرىس ئۆتۇشىگە مۇھتاج ئەمەس. ئۇ «ئۇچىرىك» بىلەن «ئەدەبىي ئاخبارات»لارنى قانداق يىزىشنى ھەر ھالدا ئىككىمىزگە قارىغاندا ياخشىراق بىلىدۇ. مەن ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئۇنىڭ شەكىل نەزەريىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە زۆرۇر تىپىلغاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى خەتلىرىمدە تەپسىلى توختولۇپ كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرۇمەن.
لىكىن، سىزدىن ھازىر شۇنى سورىماقچىمەن، سىز « «زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى» دېگەن يازمىڭىزدا، مەمتىمىن ھوشۇر «ماقالىنىڭ بىرنەچچە يىرىدە ئوچۇق ھالدا بۇ نەزىرىيە قوللاشقا ئىرىشىپ قالسا بىر ئۇيغۈرنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىگى بارلىغىنى سۈزلەپ ئۈتكەن» دەپ يىزىپسىز. بىر ئەمەس، بىرنەچچە يىرىدە « ئوچۇق ھالدا ...سۆزلەپ ئۆتۇپتۇ»مىش تېخى.
سىز يالغاننى توقۇشتا كۆزىڭىزنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدىكەنسىز، يۇزىڭىز زادى قىزارمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ باھالاشلىرىڭىزنى راسىت دەپ قالغانلار كەينىڭىزدىن ئەگىشىدىكەن. نەتىجىسى گويا سىز بىر ئارمىيەنىڭ سەركەردىسى بولۇپ، ئۆزىڭىز چۇشەنمىگەن، توغرىسى چۇشىنىشنى خالىمىغان يېڭى ئىدىيە ۋە ھادىسىلەرگە «جازا يۇرۇش»ئىلىپ بارىدىكەنسىز. ئۆز قىلمىشلىرىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىنى، باشقىلارغا قانچىلىك بىھودە ئاۋارچىلىق ۋە دىل ئاغىرىقى تىپىپ بىرىدىغانلقىڭىزنى ئويلىمايدىكەنسىز. سىزدە ئۆز گەپ – سۆزلىرىڭىزگە نسىبەتەن دەۋرى ۋە تارىخى مەسئۇليەت، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بەكمۇ كەمچىل ئىكەن.
سىز ھە دىسىلا گويا ئىسىلزادىلەرنىڭ خانىلىرىدىكى شاتۇتىلاردەك «بۇ نەزەرىيەگە ماتېماتىكا تەدبىقلىنىشى كېرەك، بۇ نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق كەلتۈرلۈپ چىقىرلىش جەريانى يوق»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋىرىدىكەنسىز. تەبىئىي پەن نەزەرىيىلىرىگە ماتېماتىكىنى تەدبىقلاشنىڭ زۆرۇرلىگىدىن ئىبارەت بۇ گەپ، سىز بىلەن مەن تۇغۇلماستىمۇ بار گەپ بولۇپلا قالماي، تولىمۇ ئەقەللىي بىر ساۋات!
مىنىڭ قىرىغاندا ئۇرۇمچىگە بالا-چاقىلرىمنى تاشلاپ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئۆز ۋاقتىدا سىزگە دۇكىلات قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، بىلمەي قالغان ئوخشايسىز. لىكىن بۇ نەزەريىگە ياخشى نىيەت بىلەن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۇپ كىلىۋاتقان ھەممەيلەن بىلىدۇ. مەن ئۇرۇمچىگە «ئۇرۇمچى ئۇيغۇر زىيالىلىرى توپلاشقان جاي، مىنىڭ ئۇيغۇرچە زۇۋانىمنى چۇشۇنىدۇ، بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپ-لوگىكىلىق گەۋدىسىنى تەنقىد نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن مۇئەييەن ئىلمىي قىممەت بار دەپ قارىسا خالىغانلار بۇنىڭ ماتېماتىكىلق مودىلىنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ، ھىچبولمىغاندا مۇشۇ ئىدىيىلىرىمنى قوبۇل قىلىشنى خالىغانلارغا قالدۇرۇپ قويارمەن، مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ كېيىنكىلەر بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرار» دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن كەلگەن ئىدىم. مەقسىتىمگە يارىشا سىتىخىيلىك ھالدا بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىدىغانلار ئاستا-ئاستا ھالدا يىغىلىپ بىر گۇرۇپپا بولغىلى تۇردۇق. مۇشۇنداق بىرپەيىتتە سىز تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتقانلارغا بىردەم «بورھان مۇئەللىمدىن سوراپ بىقىڭلار، بورھان مۇئەللىم بولىدۇ دىسە، بۇ ئىشنى قىلىڭلار، بولمىسا ۋاقتىڭلارنى ئىسىراپ قىلماڭلار»دېگەندەك بۇيرۇق -كۆرسەتمىلەرنى بەرسىڭىز، بىردەم «بۇ نەزەريەنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلى ئىشلەنمىسە بولمايدۇ»دېگەندەك گەپلەرنى قايتا-قايتا قىلدىڭىز. سىزنىڭ بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىشلەيمىز دىگۇچىلەرگە سوغۇق سۇ سىپىشىڭىز بىلەن، بۇ نەزەريىدىن ماتېماتىكىلىق مودىل تەلەپ قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى كاچاتلىغاندەكلا زىدىيەتلىك بىر ئىش. مەن سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا بىئارام ۋە پەرىشان بولدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم؟ بەلكىم روھىيىتىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمىسىڭىز كېرەك، بۇ ھەممەيلەندە دىگۇدەك كۆرۇنىدىغان ئەھۋال!.
تۆۋەندە مەن سىزنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى، نۆۋەتتىكى رىئاللىقىنى چۇشۇنىشى ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە ئاممىباب قىلىپ يەنە ئازىراق ۋالاقلاشقا مەجبۇرمەن.
بىز باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسا كېرەك، ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە «مىڭ قولدىن ئۆتكەن توقاچ» دەيدىغان بىر تېكىست بولدىغان. بۇ تېكىستتە، بىر دانە توقاچنىڭ تاماق شىرەسىگە يىتىپ كەلگىچە مىڭلىغان قوللارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئاندىن «توقاچ» بولدىغانلقى سۆزلۇنۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىۋىزىم ۋە ھەمكارلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئوخشۇتۇپ سىلىشتۇرسام، شەكىل نەزەرىيىسى __ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە ئۇرۇقلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر تاغار «بۇغداي» بولۇپ، ئۇنى «تۇگمەنچى» ئۇن قىلىپ تارتقاندا، «ناۋاي» يۇغۇرۇپ خىمىرغا ئايلاندۇرۇپ، تونۇرغا ياققاندىلا ئاندىن «نان»غا ئايلاندۇرغىلى بولاتتى. مەن دىھقان بولغانلىقىم، تۇگمەنچى ياكى ناۋاي بولمىغانلىقىم ئۈچۈن چامىم يەتمەيدىغان ئىشقا زورۇقماي، بىر تاغار بۇغداينى يۇدۇپ، «تۇگمەنچى» ۋە «ناۋاي» ئىزدەپ ئۇرۇمچىگە كەلدىم. بۇ «تۇگمەنچى» ۋە «ناۋاي»لار ئەمدى چۆرەمگە يىغىلغىلى تۇرغاندا سىز كونكىرىت ئەھۋاللارنى ۋە شەكىل نەزەرىيىسىنى تولۇق چۇشەنمەي تۇرۇغلۇق، ئامېرىكىنىڭ قەيەرىدۇ- بىر يىرىدە تۇرۇۋىلىپ ھە دەپ تاققا-تۇققا گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارغا سوغۇق سۇ سەپكىلى تۇردىڭىز.
ئەپەندىم!
مەن ئۇرۇمچىگە كۆتۇرۇپ كەلگەن ئاشۇ بىر تاغار نەرسىنى«بۇغداي» دەپ قارايمەن. مەن ئۇنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنۇلۇشى» ناملىق ماقالە سۇپىتىدە يىغىنچاقلاپ قويدۇم. مەن ئۇنىڭ شەرھىلىرىنى ئىشلەۋاتىمەن. سىز ئالدى بىلەن ئەرىشتىن-پەرىشكە چۇشۇپ شۇ ماقالىنى چوقۇلاپ بىقىڭ، ئۇنىڭدا قىلچە ئىلمىي قىممەت يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالىسىڭىز مىنىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ بىھۇدە ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان «نىجاتكار»غا ئايلىنىسىز. سىز بۇ باسقۇچنى تاماملىماي تۇرۇپ، مىنىڭ ئۆپچۇرەمگە يىغىلغان «تۇگمەنچى»ۋە «ناۋايلارنى» ھۇركۇتۇشكە ئالدىرماڭ. مىنىڭ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇياشقا ئۇخشاش نۇرلۇق ئۇيغۇرچە «نان»يىقىپ ئىنسانىيەتنىڭ تاماق شىرەسىگە قويغۇم بار!.
سىز ۋە سىزگە ئوخشاش تولىمۇ ئاز بىرقېسىم جانابلار مىنىڭ ئۇرۇمچىگە كۆتۇرۇپ كەلگەنلىرىمنىڭ «بۇغداي»ئەمەس، «زەھەرلىك موگۇ» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماي تۇرۇپ، مىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىمنى تىزىتۋەتسىڭىزمۇ ھىچ گەپ يوق. مەن ياكى خەنزۇ بۇرادەرلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى «ھورنان»غا، چەتئەلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى «بولكا»غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. نەتىجدە بۇ «بۇغداي» ئوخشاشلا مىڭ قولدىن ئۆتۇپ ئىنسانىيەتنىڭ شىرەسىگە چىقىدۇ!. توۋا دەيمەن، سىزنىڭ مەن ۋە مىنىڭ ئۆپچۇرەمدىكى كىشىلەرنىڭ تەۋەككۇلچىلىك روھىغا نېمە ئۈچۈن بۇنچە سوغۇق سۇ سىپىدىغانلىقىڭىزنى زادىلا بىلەلمىدىم؟.
جىك ئەپەندى!
شەكىل نەزەرىيىسى مىنىڭ ئىدىيەم، ئىدىيە بولسا مىنىڭ مەۋجۇتلىگىم، جىنىم شۇنداقلا ۋەتىنىمدۇر. مەن ۋەتىنىمنى ئىزدەپ ياشىدىم ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشتىم. سىزنىڭ ئاشۇنداق ۋەتىنىڭىز بارمۇ؟ ئۇنى ئىزدەپ كۆرۇشنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
مەن فىرانسۇزلارنىڭ «ھىچكىم ئۆز يۇرتىدا پەيغەمبەر بولغان ئەمەس»دېگەن ماقالىسىدىكى چوڭقۇر ھىكىمەتنى ئەندى چۇشەنگەندەك بولىۋاتىمەن.
يىزىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان نۇقتىلارنى كېيىنكى خەتلىرىمدە داۋاملىق يازىمەن.
تورداشلار، ئەرزىمەس تالاش-تارتىشلار بىلەن ۋاقتىڭلارنى ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، كەچۇرگەيسىلەر.
قاسىم سىدىق
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى.
http://www.kayinat.com/bbs/forum ... ad&tid=1467