فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار ئابدۇشۈكۈر سىدىق
(فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى)
قاسىم سىدىق ئەپەندى ئاساس سالغان فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى-فىزىكىلىق رىئاللىق، فىزىكىلىق ھادىسە ۋە قانۇنىيەتلەرنى "ئارقا كۆرۈنۈش"، "شەكىل" قاتارلىق بىر يۇرۇش يىڭى ئۇقۇملار نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان يىڭى بىر نەزىريىۋى سىستىما ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى. فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسى ئىدىيىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات رامكىسى بىرقانچە گىزىت- ژورناللار(قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى، شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى، شىنجاڭ گىزىتى، شىنجاڭ پەن- تىخنىكا گىزىتى قاتارلىق ئۇيغۇرچە ھەرخىل ئاخبارات ئۇچۇر ۋاستىلىرى)دا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان ۋە 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۇڭچىڭ ئۇنۋىرسىتىدىكى بىر قىسىم ئالىملارغا دوكىلات قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشكەنىدى. شۇندىن بۇيان، قاسىم سىدىقنىڭ يىتەكچىلىكىدە فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ئىچىدە تەتقىقات خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىپ، كىشىنى خوشال قىلغۇدەك بەزى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىلدى، ھالبۇكى، ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان بۇ كاتتا پەن –تەتقىقات تۈرىنى قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە خالىس ئىشتىراكچىلارنىڭ <<خۇسۇسى تەتقىقات تۈرى>> بولۇش ھالىتىىدىن تىز ئۆزگەرتىپ <<دۆلەت ۋە ئومۇمنىڭ تەتقىقات تۈرى>> قىلىپ تۇرغۇزۇپ، تەتقىقات سالمىغىنى زورايتىپ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ، تەتقىقات سۈرئېتىنى تىزلەتمىگەندە، ئەسلىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېرىشىش مۇمكىنچىلكى بولغان "نوبېل مۇكاپاتى" نىڭ قولدىن كىتىپ قلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتىمۇ زور. شۇ ۋەجىدىن بۇ مەسىلىگە جىددىي ۋە ئەستايىدىل قاراپ، دەرھال ھەركەتلىنىپ، ئىنسانىيەت پەن-مەدەنىيەت غەزىنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگولۇقلاردىن نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى بولماسلىقتەك ئاق توچكىلىق ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، ۋەتەن خەلىققە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئۇشبۇ ماقالىنى يازدۇق.
فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىدە يىڭىلىق يارىتىلغان تېمىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇھىم بولغانلىرى توۋەندىكىچە
فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى - يىپ-يېڭى مىتود بىلەن بارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ،جۈملىدىن پەلسەپەنى ئۆزگىچە مىتود ۋە بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئېگە بولغان 12تۈردە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىلغان. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان فىزىكا، ئالەمشۇناسلىق ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئىچىدىكى خالىغان بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا كاتتا تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
1.فىزىكىلىق شەكىل، ئارقا كۆرۈنۈش، (يوقلۇق) ئۇقۇمى كىرگۈزۈلۈپ، نىيۇتۇندىن ئىينىشتىيىنغىچە بولغان ئالىملار ئىنىق جاۋاپ بەرمىگەن، تا ھازىرغىچە ھەل بولماي كىلىۋاتقان ئالەم چەكلىكمۇ – چەكسىزمۇ؟ دىگەن مەسىلىنى ‹‹ئاق قەغەز مودىلى›› (1-، 2-، 3-رەسىملەر) ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان ھەمدە، "ئالەم غەيرى نوقتا(نۆل نۇقتا)دىن باشلانغان، ئاخىرى يەنە يوق بولىدۇ،غەيرى نوقتىدا بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ" دىگەن خاتا بولغان ئالەم قارشى ئورنىغا "غەيرى نوقتا ئالدىنقى بىر قىتىملىق دەۋرىلىكنىڭ ئاخىرلىشىش ۋە يىڭى بىر قىتىملىق دەۋرىلىكنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، ساقلىنىش قانۇنلىرى غەيرى نوقتىدىمۇ ئوخشاشلا ئورونلۇق بولىدۇ" دېگەن يېپ-يېڭى ئالەم قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
.2 پۇختا لوگىكىلىق دەلىللەش ئارقىلىق ماددىلار چەكسىز پارچىلانماستىن ئەڭ كىچىك ماددا بۆلىكى بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۇت دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئاساسىي زەررىچىگە گىگانىت ئالىم ئالبرت ئىينىشتىيىننى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئېيىن(Ein) دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچىمى تىنىچ ماسسىسى، ھەرىكەت مىقدارى، قاتارلىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ھىسابلاپ، جەدىۋەللەشتۈرگەن، ئاساسىي زەررىچىنىڭ خۇسۇسىيتىنى بايان قىلغان.
.3 ئېينىشتىيىننىڭ زامان-ماكان كۆز قارىشى ۋە يورۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى ئىدىيىسى كەلتۈرۈپ بەرگەن قىيىنچىلىقلار ۋە ئالاقىدار پارادوكسلارنى ھەل قىلغان (بۇ مەسىلە پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتىن ھەل قىلىندى،ھازىر ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش ۋە مىقتارلىق ئانالىز باسقۇچىدا تۇرماقتا). زامان سۇبىكتىپ كاتىگۇرىيە دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ، ئالەمنىڭ بىر كۈنى،ئالەم سائىتى قاتارلىق زۆرۈر بولغان ۋاقىت سىلىشتۇرما جەدىۋەللىرىنى ئىشلىگەن. شۇ ئاساستا ۋاقىتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى ككىم سىكۇنت (SKK)نى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم- پەن تەتقىقاتىغا زۆرۈر ۋە يىتەرلىك بولغان ۋاقىت ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلىگەن.
.4 ھېزىنبېرىگ ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى كەلتۈرگەن قىيىنچىلىقلار بىلەن كىلاسسىك فىزىكا ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسلىرىنى كۆرسەتكەن، ماكاننىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى نىيۇتۇن نوقتىسى دەپ ئاتاپ، نىيۇتۇن نوقتىسى، ككىم مىتىر، ككىم سىكۇنت قاتارلىق ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىپ ھىزىنبىرىگ ئىنىقسىزلىقى (زەررىچىنىڭ ئورنى بىلەن تىزلىكىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىنىقلىغىلى بولمايدۇ، تىزلىك ئىنىقلانسا ئورنى، ئورنى ئىنىقلانسا تىزلىكى ئىنىقسىز بولىدۇ دەيدىغان نەزىرىيە)نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، زەررىچىنىڭ ئورنى بىلەن تىزلىكىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ دىگەن يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتلەق ھەجىم ،زامان ، ماكاننىڭ مۇتلەق ئېلېمىنېتار بىرلىكلىرى مۇتلەق تىزلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ھىزنبىرىگ ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان قېيىنچىلىقلارنى پەلسەپە ، لوگىكا جەھەتلەردىن ھەل قىلغاندىن باشقا ، 2500يىلدىن بىرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان زىنو پارادوكىس (زىت نەزەرىيە،زىتلىق)لىرىنىمۇ ھەل قىلغان (بۇ مەسىلە پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتىن ھەل قىلىندى،ھازىر ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش ۋە مىقتارلىق ئانالىز باسقۇچىدا تۇرماقتا)
.5 يورۇقلۇقنىڭ تىزلىكى 8 10× 3 مىتىر سېكونىتتىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. يورۇقلۇقنىڭ ھەرىكەت تىرايىكتۇرىيىسىنى سىنۇس ئەگرى سىزىقى شەكلىدە دەپ قارىغاندىمۇ، ئۇنىڭ تىزلىكى 8 10× 3 مىتىر سېكونىتتىن
چوڭ بولىدۇ، دىگەن دەسلەپكى يەكۇننى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
.6 ئېينىشتىيىن ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەگىرلىكىنى زامان- ماكان ئەگىرلىكىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسا، فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى زامان سۇبىكتىپ كاتىگۇرىيە ، ئۇ ئوبىكتىپ فىزىكىلىق رىئاللىق ئەمەس، ماكان (بوشلۇق) يەنى يوقلۇق (شەكىلسىزلىك)نى ئەگرى بولىدۇ دىيىش بىمەنىلىك بولىدۇ دەپ قاراپ، ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەگىرلىكىنى ئېغىش ھادىسىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. ئېغىش ھادىسىسى ماددا (ھەقىقىي مەنىدىكى زەررىچە، شۇنداقلا سىستىما) ھەرىكىتىنىڭ ئەگرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىنىڭ 25-تېئورمىسىدىن 28-تېئورمىسىغىچە بولغان تۆت تېئورمىدا ‹‹ماكان ئەگرى›› بولماي ئەكسىچە ‹‹ھەرىكەت ئەگرى›› بولىدۇ، ماكاننىڭ گىئومىتىرىيىلىك شەكلى ھەرىكەتنىڭ شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەن يىپ-يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتىن ئىسپاتلىغان.
.7سىممىتېرىيىلىك ، سىممىتېرىيىلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ماددا تۈزۈلۈشىگە ئائىت چۈشۈنۈكسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ماددا تۈزۈلىشى ۋە ئالەملىك تۈزۈلۈش ھەققىدە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاسمان جىسىملىرىدىن تارتىپ زەررىچىلەرگىچە شارسىمان (يۇمىلاق) شەكىلدە بولۇشنىڭ سەۋەبى پۈتكۈل ماددىي ئالەمنى تۈزگۈچى ئىلمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شار شەكىلدە بولىدىغانلىقىدا دىگەن قاراش ئاساسىدا، ماكرو ئالەمدىن مىكرو زەررىچىلەرگە قەدەر شەكىل نەزىرىيىسى پىرىنسىپلىرىنى تەدبىقلاپ، سىستېمىلىق ھالدا چۈشەندۈرگەن. بۇخىل چۈشەندۈرۈش پۇختا ماتېماتېكىلىق ئاساس ۋە لوگىكىلىق ئاساسقا ئىگە (پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتىن ھەل قىلىندى، دەسلەپكى مودىللار تۇرغۇزۇلماقتا)
8.كۋانىتلىق خۇسۇسىيەت- فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىدە كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، ماكرو ئالەملىك تۈزۈلۈشتىن تارتىپ مىكرو زەررىچە، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىگە قەدەر كىۋانىتلىق (ئۈزۈلمىلىك، قاتلاملىق) خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
.9 يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە، دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ئۇنىڭ(زەررىچىنىڭ) ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت دەيدىغان يىڭى بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يورۇقلۇق ھەم دولقۇن ھەم زەررىچە دىگەن زىددىيەتلىك قاراشنى كەسكىن رەت قىلغان. (پەلسەپە -لوگىكىلىق جەھەتتىن ھەل قىلىندى، فىزىماتلىق دەللىلەش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلەندى)
.10كۈچ ۋە مەيدان ئۇقۇملىرىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسى كۆرسىتىلىپ، كۈچلەرنىڭ بىرلىكى نەزىرىيىسىنى قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. يۇقىرىقى نەزەرىيىلەر ئاساسىدا نىيۇتۇن، پىلانىك، ئىينىشتىيىن نەزىرىيىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقلارنى ئىلمى جىپسىلاپ بىرلىككە كەلگەن يېڭى فىزىكا بىناسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق نەزىرىيۋىي ئاساسىنى تۇرغۇزدى. نىيۇتون ، ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى ئىديىلىرى ۋە رىئال كۈچ – مەيدان ئىدىيىلىرى ھەل قىلالمايۋاتقان ماكرو ۋە مىكرو دۇنياغا ئائىت ئالاقىدار مەسىلىلەرنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ 29- ۋە 41- تىئورېمىلىرى (ئىلمىي قىياسلىرى) نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ (بۇ ، ھازىرچە پەلسەپە-لوگىكا ۋە ماتېماتىكا جەھەتتىن ھەل قىلىندى، تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەش كېرەك(
.11ھەركەت سوبىكتىنىڭ شەكلى(زەررىچە،جىسىم)ۋە ھەركەت شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەركەت شەكلى ئېنىقلانماي تۇرۇپ، ئەمىلىي تىزلىكنى توغرا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئەمەلىي تىزلىكنى تېپىشنىڭ يېڭى مىتودى.
.12مۇتلەق ھەجىم، قاپلاش ۋە كۆرۈنمە ھەجىم ئۇقۇملىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئەڭ يۇقۇرى (كىرتىك) تىزلىكنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى تېپىشنىڭ يېڭى بىر مىتودىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى ھەمدە بۇ پىرىنسىپ تۈپەيلى كېلىپ چىققان پارادوكىس(زىت نەزەرىيە، زىتلىق)لارنى ھەل قېلىشنىڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئاچتى.
فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى
.1بىرلىككە كەلگەن فىزىكا نەزېرىيىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل فىزىكا نەزىرىيە سىستىمىسىدا مۇكەممەل ئىچكى باغلىنىش ئورنىتىلىپ فىزىكىنى ئاددىيلاشتۇرغىلى، فىزىكا قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئوبىكتىپ ماددىي ئالەمگە يېقىنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددىي ئالەم ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تىخىمۇ ئېنىق ۋە ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.
.2 كىشىلەرنىڭ ئالەم قارىشىنى ھەقىقىي ئالەمنىڭ ئەسلى ھالىتى ۋە ئۆزگىرىش جەريانىغا يىقىنلاشتۇرۇپ، ئالەمشۇناسلىق تەتقىقاتىنى قىممەتلىك نەزىرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىش ۋە ئۇنى ئېچىش ھەم پايدىلىنىش سەۋىيىسىنى يىڭى بىر تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.بوشلۇق پەن تەتقىقاتىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.
.3 فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىدە تۇرغۇزۇلغان ئاساسىي زەررىچە ھەققىدىكى يىڭى بايقاشلار ئارقىلىق، تەبىئى كۈچلەرنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت فىزىكىدىكى قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنىپ، كۈچ ۋە مەيدان تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۈمكىن.
.4 ئاساسىي زەررىچىلەر توغرىسىدىكى يېڭى بايقاشلار ئاساسىدا مەيدان ، كۈچ، ئېنېرگىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش - پايدىلىنىش، ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ماسسىسى كىچىك، تىزلىكى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي زەررىلىك خەۋەرلىشىش، ئولتىرا ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتىنى قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، تۆۋەن سەرپىياتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك
ئېنېرگىيە ئۇزىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ، ئىنسانىيەتنى ئېنېرگىيە كىرزىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ چەكسىز ئالەمگە توسالغۇسىز ئۇچۇر تارقىتىش شىرىن چۈشىنىمۇ رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.
.5شەكىل نەزىرىيىسى ئىنسانلارنى يېڭى بىر بىلىش - تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە مىتودى بىلەن تەمىنلەپ ، ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ۋە بىلىش نەزىرىيىسى، بىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر يولى، ئىلمىي مىتودقا ئېگە قىلىپ ، بىلىش ۋە پەن- تەتقىقات سەۋىيىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تېخىمۇ گۈزەل بىر مەنزىلگە باشلاپ كىرگۈسى.
فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى__ شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقاتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر يېڭى نەزىرىيىۋى سىستىما بولۇپ، ھازىرغىچە بىنەم ھالىتىدە تۇرىۋاتقان شەكىل تەتقىقاتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددىي ئالەمدىكى تەبىئى ھادىسىلەر بىلەن شەكىلنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەكىل نەزىرىيىسى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان يىڭى بىر پەن. شەكىل نەزىرىيىسىنى فىزىكىدىن ھالقىتىپ، باشقا ھەرقايسى پەنلەرگە جۈملىدىن بىئو-خىمىيە، جۇغراپىيە، ئالەمشۇناسلىق، دىڭىز- ئوكيانلارنى ئېچىش، بوشلۇق پەن-تېخنىكىسى، مۇھىت ئىلمى، ماتېماتېكا، پەلسەپە پەنلىرىگە قەدەر تەدبىقلاشقا بولىدۇ. شەكىل نەزەرىيىسى بىلەن تەبىئى پەنلەرنى تەتقىق قىلىش شۈبھىسىزكى تۈركۈملەپ يىڭى بايقاش ۋە يېڭى ئىختىرالارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
<< شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقاتى>>نى ئىلىپ بىرىشنىڭ زورۇرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى
.1 بۇ تەتقىقاتقا تىزدىن كىرىشىش جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىقتىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش، بىر تۈركۈم دۇنياۋىي يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىلىم- پەن مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىستىراتىگىيە ۋە چاقىرقىغا يىڭى ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئۈنۋىرىسال رىقابەت كۈچى ۋە نوپوزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئىلمىزنى دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش مۈمكىنچىلىكى بار.
.2 فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈدەك بىر ئەمەس، ھازىرچە 4~5گىچە، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، دۆلەت تۈر تۇرغۇزۇپ تەجىربىخانىلارنى قۇرۇپ، تەتقىقاتچى ئالىملار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، بۇ تەتقىقاتنى كۈچەپ يولغا قويسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر بىر تۈردە بىردىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا زىمىنىدىكىلەرنىڭمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئامرىكا قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتتە بىرقىسىم ئالىملار شەكىل نەزىرىيىسىدە ئون نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئوخشاش بەزى نەتىجىلەرنى يىقىندا ئېلان قىلدى ۋە تەتقىق قىلماقتا. تىز تۇتۇش قىلىنمىغاندا بىر ياخشى تەتقىقات تېمىلىرى ۋە پۇرسەت قولدىن كىتىپ قىلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.
.3 بىئولوگىيىلىك شەكىل نەزىرىيىسىگە كىرىش نۆۋەتتە گېن تەتقىقاتىنى، يۇقىرى سەۋىيىلىك مىدىتسىنا ئىلمىنى يېڭى بىر نەزىرىيىۋى قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىن بولىۋاتقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى تىزدىن تاماملاپ، بۇ ساھەدىكى ئۆتكۈر رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇرسەتنى مۇستەھكەم ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
.4 خىمىيەلىك شەكىل نەزىريەسىگە كىرىش
خىمىيە پېنى يېڭى بىر تەتقىقات رامكىسى ۋە ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ پەننىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ يېڭى ماتېريال ئىلمى، يېڭى ماتېرياللار تېخنىكىسى، يېشىل خىمىيە بەرپا قىلىش قاتارلىقلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىدۇ.
.5پەلسەپە بىلەن شەكىل نەزەرىيەسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بىرلەشتۈرگەندە، پەلسەپە سىستېمىسىنى يېڭى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىپ،يېڭى پەلسەپىۋىي مەسىلىلەر ۋە رىئال مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق چۈشەندۈرگىلى،ئۈنۈملىك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىنى تىزلىتىپ،نوبېل مۇكاپاىتىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى جىددىي تەكلىپ
نۆۋەتتە،«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسى تاماملىنىپ، فىزىماتلىق شەرھىلەشكە قەدەم قويولدى. بۇ نەزەرىيە ھازىرغىچە خۇسۇسىي تەتقىقات تېمىسى ھالىتىدە بولۇپ ، پەقەت بۇ تەتقىقاتنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا كۆزى يەتكەن بىر قانچە كىشى ئۆزلىگىدىن بۇ تەتقىقاتقا قاتناشماقتا. بىراق نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى تەتقىقات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ، بۇ تەتقىقاتنىڭ قەدىمىنى تىزلىتىش بىرلىككە كەلگەن فىزىكا بىناسىنى بەرپا قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا شانلىق تۆھپە قوشۇش، ئىلىمىز جۇڭگونى نەزېرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا. تەتقىقات نەتىجىسىنى تىز ئۈنۈملۈك قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇنتىزىم تەتقىقات ئاپپاراتى تەسسىس قىلىپ، مەخسۇس تەتقىقات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن:
.1 ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ كېرەك بولىدۇ. شۇڭا بۇ تەتقىقاتنى ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات قوشۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى نەزەرىيە فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىغىدا مەخسۇس ئىچىۋىتىلگەن <<فىزىكىلىك شەكىل نەزېرىيەسى نۇقتۇلۇق تەجرىبەخانىسى(ياكى گۇرۇپپىسى(دىن بىرنى قۇرۇپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەسىپكە پىششىق،پەن-تەتقىقاتقا ئېشتاياق باغلىغان،مەسئۇلىيەتچان ئىلىمدارلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تولۇقلاش ۋە يىتەرلىك مەبلەغ كاپالىتىگە ئېگە قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا پەن-تەتقىقات ئۇچۇر بايلىقى ۋە تەتقىقات، تەجرىبە
ئۈسكۈنىلىرى بايلىقىدىن تولۇق پەيدىلىنىپ،بەزى تىئورمىلارنى تىزدىن تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىسپاتلاش كېرەك.
.2جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەد كۆتۈرىۋاتقان جۇڭگونىڭ 21-ئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ۋە خەلىقئارا رىقابەتتىكى سەركىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش،شەرقلىقلەرنىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان ئۆز ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشتەك شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بۇ نەزەرىيە مەمۇرى ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي قوللىشىغا مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى جىددىي تونۇپ، تىزلىكتە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس مەپلەغ ئاجىرىتىپ، بۇ تەتقىقاتنى ئەمەلىي ھەركەت ۋە چىن مەنادىن قوللاش لازىم.
.3شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۇچەيتىش، بولۇپمۇ، بۇ نەزەريەنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە قارىتا تاشقى تەشۋىقات سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، تەشۋىقات سالمىغىنى زورايتىپ، بۇ نەزەريىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا زۆرۈر بولغان قويۇق خەلىقئارا ئىلىم-پەن مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى تىزدىن يارىتىش لازىم.
.4 ئادىمىيەت بايلىقىنى ئىسراپ قىلماسلىق،ۋەتەننى ،ئۆزىنى ،ئىلىم-پەننى سۆيۈشتەك بىر روھ بىلەن، بۇ تەتقىقاتقا ئەقلى بارلار ئەقىل،كۈچى بارلار كۈچ قوشۇپ، ئۆزىنىڭ تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى جىددىي تەۋسىيە قىلىمىز.
============
ئالاھىدە ئەسكەرتىش--
مەزكۇر تېما شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ مۇنبىرىگە يوللانغان بولۇپ، تېما يوللىنىپ 15 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا بۇ تېمىغا نىسبەتەن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىنكاسى قوزغالمىغان. تېمىنىڭ تەخىرسىزلىكى، جىددىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەلكۇيى مۇنبىرىگە نۇسخىلاپ قويدۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى نەپەر تېما ئاپتورىنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇنداقلا مەزكۇر تېمىنى مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ بىر قەدەم بولسىمۇ بالدۇراق تەستىقلاپ قويىشى بىلەن بىرگە كۆزگە كۆرۈنىدىغان يەردە چاقناپ تۇرىدىغان تېمىلار قاتارىغا تىزىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.