تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1678|ئىنكاس: 13

مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش پائاليىتىدىكى بۇ ئايدا ئوقۇلدىغان كىتابلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5245
يازما
105
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3465
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 16:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە جەمئىي يۈز كىتاپ تاللاندى. ئەگەر دوستلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان كىتاپلىرى توغرىسىدا ئالاھىدە تەۋسىيىلىرى بولمىسا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسەن بۇ تىزىملىكتىكى كىتاپلارنىڭ ئوقۇلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
(كىتاپلار ئۇيغۇر ئېلىببە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)
ئاباي يولىئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسەئاپاق خوجائاق پاراخوت (چىڭغىز ئايتىماتوف)ئانا يۇرتئاۋات شەھەرنىڭ يىڭى پۇقراسىئاي يامغۇرىئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن (چىڭغىز ئايتىماتوف)ئەنجانبايباشئەگىم ياكى باشئەگىمدىكى رىۋايەتبالدۇر ئويغانغان ئادەمباياۋاندىكى گۈلخانبەدۆلەتبوستانبوۋام شۈنداق ئۈگەتكەنپارىس مەكتۈپلىرىپەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ تەرجىمالىپىلسىراتتىن ئۇتكەنلەرتارىخى رەشىدىيتارىخى ھەمىدىتاشۋايتالانتلىق بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ سىرىتەپەككۈرنىڭ قۈدرىتىتەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھتونۈر بىشىدىكى چۆچەكلەرتۇرغاق خوجىلارجاللات خېنىمچاغاتاي ئۈيغۈر تىلى ھەققىدە مۈپەسسەل بايانچەتئەللەردىكى تىلشۈناسلىق ۋە ئۈيغۈر تىلى تەتقىقاتىخارلانغانلاردىڭلىڭلار، قاڭقىلار ۋە تۇرالارزورائاستىر شۇنداق دەيدۇسەرسان روھسەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرىسوۋغاتسۇلتان ئابدۇرىشىتخانسادىر پالۋان ياكى سادىر يولىشاھ مەشرەپ ھەققىدە ھېكايەشۇنداق بىر كۈن كېلىدۇفارابى ۋە ئۈنىڭ پەلسەپە سىسېىتمىسىقايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭقەدىمكى مەركىزى ئاسىياقەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانماقەشقەردىكى يەرشارىقەشقەر كېچىسىقوشتاغدىكى مۇشائىرەقۇتادغۇبىلىگ (داستانى)قۇتادغۇبىلىگ (پەلسەپىۋى رومان)قۇتادغۇبىلىكتىن جەۋھەرلەرقۇرئاندىكى قىسسەلەرقۇرئانى كەرىم (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)قۇرئانى كەرىم تەپسىرىقۇم باسقان شەھەرقىزلارغا يۈز نەسىھەتقىساسكارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىكۆمۈرچى بالاكىرورەن گۈزىلىگۈلىستانلېيىغان بۇلاقمەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىزمەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمەدىنىيەتلەر توقونىشىمەركىزى ئاسيا كۆچمەنلىرىنىڭ قۈرال ياراق سەنئىتىمەمەت ئاۋاقمەمتىلى ئەپەندىمەھمۇت قەشقىرىموللا زەيدىن ھەققىدە قىسسەمۇھەببەت تەربىيىسىنەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسەھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەتھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرىھۆكۈمدارلار دەستۇرىئوغلۇم ئالدىڭغا قارائوغلۇمغا يېزىلغان خەتئويغانغان زىمىنئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىئۈيغۈر تىبابىتىدە ئۈزۈقلۈق بىلەن داۋالاشئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسىئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتىئۆتكەن كۈنلەرئۆزلۈك ۋە كىملىكئۆزىنى ئىزدەش بوسۈغىسىدائۆچمەس ئىزلارئۆگىنىش ئىنقىلاۋىئۆمەر ھەييام رۈبائىلىرىئۆمۈر مەنزىللىرىئېغىر تىنىقلارئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىئىزئىزدىنىشئىزوپ مەسەللىرىيۈز كېسەلگە مىڭ رىتسىپيۈز يىل غېرىبلىقيۈسۈپ خاس ھاجىپيىپەك يولىدىكى توققوز ھىكمەتيىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالاميىگىت بولسا شۇنداق بولساھەممىڭلارغا ئۇتۇق يار بولغاي!
ئالىي ئېھتىراملار بىلەن،
مەرىپەت تورى
يېڭىدىن تەۋسىيە قىلىنغان كىتاپلار كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتلەردە تىزىملىككە تۇرغۇزىلىدۇ.
«مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئوقۇلىدىغان كىتاپلارنى سىز تەۋسىيە قىلىڭ، سىز ئوقۇڭ، سىز يېزىڭ ۋە مۇكاپاتقا سىز ئېرىشىڭ. بۇنى قىلالىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ يازغۇچى ياكى ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشىڭىز تەلەپ قىلىنمايدۇ. جۈرئەت بىلەن تۈنجى قەدىمىڭىزنى ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاپنى بىزگە تەۋسىيە قىلىشتىن باشلاڭ! كىتاپ تەۋسىيىڭىزنى بۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئاي ئاخىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەندىشە قىلماي ماقالە ئېۋەتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

تىرىشچان ئەزا

سۇلايمانغا قالم

UID
2963
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1188
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 22:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ،جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىمەن،ماڭا نەپەس يېتىشمەيۋاتىدۇ،   

ئۇف !ئەمدى سەل ئەسلىمگە كەلدىم .پەش،چېكىت ......لەرگە باج ئالمايدىغاندۇ؟

تىرىشچان ئەزا

http://www.quttikin.com

UID
6915
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
919
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 23:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب شۇنداق ياخشى تاللىنىپتۇ!!
كىتاب ئىسمىغا قۇشۇپ بولسا ئاپتورلىرىنىمۇ قېتىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن، كىتاب ئىسىملىرى ھەممىسى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كىتىپتۇ، ئاتىكاچىلىق بولسىمۇ ئايرىم-ئايرىم قىلىپ يوللاپ قويدۇم.

تەۋسىيە كىتابلار:

ئاباي يولى
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە
ئاپاق خوجا
ئاق پاراخوت (چىڭغىز ئايتىماتوف)
ئانا يۇرت
ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى
ئاي يامغۇرى
ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن (چىڭغىز ئايتىماتوف)
ئەنجانباي
باشئەگىم ياكى باشئەگىمدىكى رىۋايەت
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
باياۋاندىكى گۈلخان
بەدۆلەت
بوستان
بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن
پارس مەكتۈپلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالى
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر
تارىخى رەشىدىي
تارىخى ھەمىدى
تاشۋاي
تالانتلىق بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ سىرى
تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
تونۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر
تۇرغاق خوجىلار
جاللات خېنىم
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
چەتئەللەردىكى تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
خارلانغانلار
دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تۇرالار
زورائاستىر شۇنداق دەيدۇ
سەرسان روھ
سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى
سوۋغات
سۇلتان ئابدۇرىشىتخان
سادىر پالۋان ياكى سادىر يولى
شاھ مەشرەپ ھەققىدە ھېكايە
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ
فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى
قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا
قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما
قەشقەردىكى يەرشارى
قەشقەر كېچىسى
قوشتاغدىكى مۇشائىرە
قۇتادغۇبىلىگ (داستانى)
قۇتادغۇبىلىگ (پەلسەپىۋى رومان)
قۇتادغۇبىلىكتىن جەۋھەرلەر
قۇرئاندىكى قىسسەلەر
قۇرئانى كەرىم (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
قۇرئانى كەرىم تەپسىرى
قۇم باسقان شەھەر
قىزلارغا يۈز نەسىھەت
قىساس
كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
كۆمۈرچى بالا
كىرورەن گۈزىلى
گۈلىستان
لېيىغان بۇلاق
مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز
مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى
مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى
مەركىزى ئاسيا كۆچمەنلىرىنىڭ قۇرال-ياراق سەنئىتى
مەمەت ئاۋاق
مەمتىلى ئەپەندى
مەھمۇت قەشقىرى
موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
مۇھەببەت تەربىيىسى
نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە
ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ
ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت
ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى
ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا
ئوغلۇمغا يېزىلغان خەت
ئويغانغان زېمىن
ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى
ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئۇزۈقلۇق بىلەن داۋالاش
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
ئۆتكەن كۈنلەر
ئۆزلۈك ۋە كىملىك
ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا
ئۆچمەس ئىزلار
ئۆگىنىش ئىنقىلاۋى
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
ئۆمۈر مەنزىللىرى
ئېغىر تىنىقلار
ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ئىز
ئىزدىنىش
ئىزوپ مەسەللىرى
يۈز كېسەلگە مىڭ رىتسىپ
يۈز يىل غېرىبلىق
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت
يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام
يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا

http://www.quttikin.com

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
428
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4510
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 23:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلەرنى پەش چىكىت بىلەن ئايرىپ يازسىڭىز قانچە خوش بولار ئىدىم ھە،تىلىۋىزۇردىكى ھېلىقى ياغاچ تىلدۇرۇش ھەققىدىكى  تاققا تۇققا گەپلەردەك بىلىندى ماڭا

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

UID
4793
يازما
68
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2199
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 23:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇتىمىنى قايتىدىن تەھرىرلەپ قۇيۇش زۇرۇدەك تۇرىدۇ.مەن چۇشىنەلمىدىم مەزمۇنىنى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
3703
يازما
306
تېما
85
نادىر
0
جۇغلانما
14968
تىزىملاتقان
2010-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
1 سائەت

باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 01:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتۇغ خانىم قانداقمۇ ئوقۇپ بولغاندۇ بۇ تېمىنى،ھېرىپ كەتتىم دېسە،تېز ئوقۇشقا ئۇستىكەنسىز جۇمۇ.

تىرىشچان ئەزا

ھەركىم ئۆز تەقدى

UID
5416
يازما
23
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
894
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 09:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەلكۈيى تورىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرى،جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى،ياخشىمۇسىلەر!سىلەرنىڭ ئارقا سەپتە تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقىنىڭلارنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز.بىراق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىملا خاتالىقى ئارىسىدىن توغرا خەتلەرنى تاللاپ ئوقۇيدىغان تىمىلارنى قانداقمۇ تەستىقلاشقا قولىڭىز بارغاندۇ؟ياكى سىزگە ئۈمىدۋار ئەپەندىم تېما قايتۇرۇش ياكى تەھرىرلەش ھوقۇقىنى بەرمىگەنمۇ؟ئەگەر سىز بۇنى تەھرىرلەشنى ئاۋارىچىلىك كۆرسىڭىز ئۆز ئىگىسىگە قايتا تەھرىرلەشنى بۇيرىسىڭىز بولاتتىغۇ!مۇنبەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلىنى سۆيۈش  توغرىسدىكى مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ،بىراق ئۇيغۇر تىلىنى بىز مۇشۇنداق سۆيمەكچىمۇ؟باشقۇرغۇچىلار، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سالمايلا تەستىقلىۋەتسەڭلار،ئىملا خاتالىقى بار تېمىلار كۆپەيسە،ئۆزۈڭلار قانداق قىلارسىلەركىن تاڭ!سىزگە ئىشىنىپ باشقۇرغۇچىلىقنى بەرگەن ئۈمىدۋار ئەپەندىمگە قانداق چۈشەندۈرەرسىز؟سىزنى قوللاپ توختىماي تېما يوللاۋاتقان كەڭ تور يازغۇچىلىرىغا قانداق جاۋاب بېرەرسىز؟

UID
3308
يازما
53
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1943
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 11:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى پەرھات جىلاننىڭ <<ئورخۇن شەجەرىسى>> ناملىق تارىخى ئەسىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىر يازما يوللىغان ئىدىم. بۈگۈن مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي.

ئورخۇن شەجەرىسى
پەرھات جىلان


مەزكۇر يوللانما <<ئورخۇن شەجەرىسى>> دېگەن ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاساسىي مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ يازمىنى ئوقۇش ئارقىلىق سىز بۇ كىتاپ بىلەن خېلى مۇكەممەل ھالدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز. مەزكۇر يوللانما ئەسەر مەزمۇنى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزەن قاراشلىرى ئارقىسىدا يېزىلدى.
                                                  -چەۋەندازلار بلوگى

 
8-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرۈك خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باسمىل،ئۇيغۇر،قارلۇق ئىتىپاقى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. مىلادى 745-يىلى يازدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى قۇتلۇغ بويلا ياغلاقار شاد بىلەن باسمىللارنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان قاغانى ئىلتەرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ قالدى. باسمىللار كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ قاغانى ئوزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ بېشىنى چاڭئەنگە ئەۋەتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلتەرىش قاغان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئۆزىنى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمدارى دەپ ئېتراپ قىلىشىنى سورىدى. تابغاچ كاتتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان كۆكتۈرۈكلەنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خوش بولۇپ، ئىلتەرىشنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ ئالىي ھۆكمىرانى،دەپ ئىتراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. كۆكتۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇشتا باشلامچى بولغان كېيىن قارلۇق،ئاندىن باسمىل قەبىلىلىرىنىڭ قوشۇلىشىشى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئۆزىدىن قاغانلىق تارتېۋېلىشىدىن خۇدىكسىرەپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغايدۇ بۇ ئۇرۇشتا قارلۇق قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئتتىپاق تۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر-قارلۇق ئىتىپاقى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ئىلتەرىشنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىرى قان تۆكۈپ،قۇربان بېرىپ بەرپا قىلغان ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆكتۈرۈكلەر يوقاتقان،بۈگۈن بولسا ئەنە شۇ خانلىقنى شەرەپ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توققۇز ئوغۇز خەلقىنى ئاساس قىلغان،ياغلاقار ئۇرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بارلىققا كېلىدۇ. ھەمدە تۇنجى قاغانى قۇتلۇق بويلا ياغلاقار شاد ئۆزىنى ‹‹بىلىمى كۆلدەك كەڭ›› دېگەن مەنىدىكى ‹‹كۆل بىلگە قاغان›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۈيۈك سەلتەنەت ئىگىسى 747-يىلى مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخىت ئورنىغا ئوغلى بايۇنچۇر تېگىن چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان  دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ دەۋىردە تەڭرى ياراتمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ۋە ئەل بىلگە قاتۇن شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ،ھازىر ‹‹تېرخىن مەڭگۈ تېشى›› (تېرخىن-شۇ مەڭگۈ تاش ئورۇنتۇلغان جايغا يېقىن بولغان دەريانىڭ نامى،ھازىرقى مۇڭغىلىيىدە) دەپ ئاتالدى.
     مىلادى 755-يىلى 11-ئايدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھېراۋۇلى ئەن لۇشەن تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئەن لۇشەننىڭ كېلىپ چىقىشى ئاتىسى سوغدى،ئانىسى تۈرك ئىدى. ئۇ باتۇر تۈركلەرنىڭ باتۇرلىقى بىلەن سودىگەر سوغدىلارنىڭ قۇۋلىقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۆز دەۋرىدە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلىناتتى.تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ساپ خەنزۇ ئەمەس. ئەن لۇشەننىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشتىكى باھانىسى پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئالىي دەرجىلىك توقىلى گۈزەل ياڭ گۈيفېينىڭ ھېلىمىكىرلىك سىياسىي سۈيقەسىتچىلىكى ئاستىدا ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. قېرى پادىشاھ ئۇنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاكىسى ياڭ گوجۇڭنى باش ۋەزىرلىك ئورنىغا يۆلەپ چىقىرىپ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئەمەلدارلارنى چەتكە قاقتى(تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا تۈرك،سوغدى،ئۇيغۇر،كورىيان،قىتان قاتارلىق خەلقلەردىن چىققان ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە سانغۇنلار خىزمەت قىلاتتى).نەتىجىدە پۈتۈن سۇلالە تەۋەسىدە تابغاچ بولمىغان تائىپىلەر ئىچىدە نارازىلىق ۋە ئۆز تەقدىرىدىن خەۋىپسىرەش كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى. بۇ ياڭ فامىلىلىك ئاكا-سىڭىللار ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قىسىم تابغاچ ئەمەلدارلىرىغىمۇ زەربە بەردى. نەتىجىدە ئىچىكى بىرلىك بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئەمەلدارلارنىڭ ئەرىز-شاكايەتلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلمىدى. ئەن لۇشەننىڭ پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۈپ يېزىپ ‹‹ياڭ گۈيفېينى ئوردىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرماسلىق،ئاكىسى ياڭ گوجۇڭنى باش ۋەزىرلىك ئورنىدىن ئېلىپ تاشلاش››نى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپىمۇ قاتتىق ئەيىپلەندى.
     شۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشىشى نەتىجىسىدە ‹‹ياڭ فامىلىلىكلەر جەمەتىنى يوقۇتۇپ،ئوردىنى قۇتۇلدۇرىمىز›› دەپ لوياڭغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەن لۇشەننىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان تابغاچ،تۈرك،سوغدى،   ئۇيغۇر تائىپىلەردىن تەشكىل تاپقان 150مىڭ كىشلىك زور قوشۇن 755-يىلى 1-ئايدا ھۇجۇمنى باشلىدى. ھالبۇكى،ئۇ ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەخىتلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزى خان بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ئويلايىتتى.
     تاڭ سۇلالىسى ئەن لۇشەن-شىسىمىڭنىڭ قوشۇنىغا تۈمەنلەپ،يۈز مىڭلاپ قوشۇن چىقىرىپمۇ تەڭ كېللەلمىدى. تەخىت گۇمران بولۇشقا كۆپ قالمىغان ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە تاڭ سۇلالىسى تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئوغلى لى خېڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ تاڭ سۇزۇڭ دەپ ئاتىدى. ياڭ جەمەتىمۇ يوقىتۇلدى. تاڭ سۇزۇڭ ئۆز تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ باتۇر ئەن لۇشەن قوشۇنىغا تەڭ كېلەلىگۈدەك مادارى قاملمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى لى چىڭسەينى ئەۋەتتى. ھەمدە ئۇيغۇر ھەمدە تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە قاغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۆرە باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراققا توققۇز قېتىم تازىم قىلىپ شانۇ-شاۋكەتلىك ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
     شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر قاغانى توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن پايتەخىتنى يەتتە كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەر بىلەن چوڭ ئوغلى قۇتلۇق يابغۇنى تۈمەنگە يەتمىگەن جەڭگىۋار،خىللانغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن تابغاچ قا ماڭدۇردى.
     شۇنداق قىلىپ يېڭىلمەس ئۇيغۇر قوشۇنى تابغاچ ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ دۈشمەن سانىدىن ئىنتايىن ئازلىقىغا قارىماي ئەن لۇشەن قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتتى. بىر قېتىم تۇنجى قېتىملىق جەڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنى ھەربىر جەڭچى ئىككىدىن ئاتنى ئېلىپ،ئالماشتۇرۇپ مىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە مەنزىلگە بېرىپ تارماق قوشۇندا 2000 چەۋەنداز بولغان قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىر دەمدىلا تېرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ھەمدە ئەن لۇشەننىڭ ياردەمگە كەلگەن 20مىڭ ئەسكىرىنىڭ بىر تالاي قىسمى ھالاك بولىدۇ.بۇنى كۆرگەن تابغاچ سانغۇنى گوزىيى:‹‹بارىكاللا! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! ئاران 2000 ئادەم چىقىرىپ،شۇنچە قۇدرەتلىك قوشۇننى تارمار كەلتۈرۈپ پارچىلىۋەتكىنىگە ھەقىيقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.يارايسىلەر! ئۇيغۇر قوشۇنى ھەقىيقەتەن تەڭداشسىز قۇدرەتلىك قوشۇن ئىكەن ›› دېگەن.
     شۇنداق قىلىپ ئەنلۇشەننىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ۋە كۈتۈلمىگەن زەربىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ھەمدە ئۆز ئادەملىرىنىڭ قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرىشى بىلەن 757-يىلى 1-ئايدا بۇ قەيسەر ھەم ئىقتىدارلىق سەركەردە تەقدىرنىڭ كارامىتى بىلەن ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
     بىر ھۇجۇم بىلەنلا پايتەخىت چاڭئەننى ئېلىپ داڭىق چىقارغان ئۇيغۇر قوشۇنى قىسقىغىنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە زەپەر قۇچۇپ يېڭىلمەي كېلىۋاتاتتى ۋە ئەن لۇشەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا چىققان ئوغلى ئەن چىڭشۈينىڭ قوشۇنىدا ئاللابۇرۇن ‹‹ئۇيغۇرلارنى يەڭگىلى بولمايدۇ›› دەيدىغان ئەقىدە شەكىللىنىپ بولغانىدى. بۇ قېتىممۇ ئەن چىڭشۈينىڭ 150مىڭ كىشلىك زور قۇشۇنى ئۇيغۇر ۋە تابغاچ قوشۇنى بىلەن كەڭ كۆلەملىك جەڭ ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ قوشۇنى تابغاچ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ سەپنى بۇزۇپ تاشلىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۇيغۇر قوشۇنى باستۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جەڭنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگىرىپ ئەن چىڭشۈي قوشۇنى ئۇرۇشمايلا قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھەمدە ھېچنىمىگە قارىماي جېنىنى ئېلىپ قاچتى.
     مانا شۇنداق جەڭلەر ئارقىلىق ئورخۇنلۇقلار ئۆز دۆلىتىگە غەلبە بىلەن قايىتتى. ھەمدە تاڭ سۇزۇڭنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى نىڭگونى بايۇنچۇر قاغانغا قاتۇن بولۇشقا ئېلىپ كېلىشتى.
     مىلادى 759-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنجى قاغانى بايۇنچۇر قاغان مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىدىگەن قۇتلۇغ تارقان قاغان بولۇپ ‹‹ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بۆگۈ قاغان›› دەپ ئاتالدى.
     مىلادى 761-يىلى غۇزلار ئورخۇنغا يېتىپ كەلدى.ئۇلار ئەن لۇشەن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان يەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شى سىمىننىڭ ئوغلى شى چاۋيىنىڭ ‹‹ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كونا ئاداۋەتنى تاشلاپ ئىتتىپاقلىشىش ھەمدە تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ خانلىقنى تارتىۋېلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تەخىت ۋە ئوردا خەزىنىسىگە ئىگە بولسا، باتۇر بۆگە قاغانغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر قىسىم زېمىن ۋە ئاھالىسىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى›› توغرىسىدا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۇ تەكلىپكە بۆگۈ قاغاننىڭ نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى تارىختا خاتىرىلەنمىگەن.
     مىلادى 762-يىلى يازدا تاڭ سۇلالىسىدىن شى چىياۋيىنى يوقۇتۇش ئۇچۈن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەر كېلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ئۇيغۇر-تابغاچ قوشۇنى شى چاۋيىغا زەربە بېرىپ غەلبە قازىنىدۇ. توپىلاڭچىلاردىن 60مىڭ ئادەم ئۆلۈپ،20مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشىدۇ. شى چىياۋيى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدۇ.
     دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئەن لۇشەن-شى سىمىن قوزغىلىڭى(ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى) 762-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل باستۇرىلىدۇ.
     شۇ يىلى بۆگۈ قاغان چاڭئەندە مانى دىنىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خاندانلىقىدا مانى ۋە ئەسلىدە ئەجدادلار ئىشىنىپ كېلىۋاتقان شامان دىنى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. خانلىقتا ئاستا-ئاستا ئىككى خىل دىندىكىلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مانى دىنىدا گۆش يىگىلى،شاراپ ئىچىشكە بولمايدۇ ۋە يايلاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە چوڭ دەرىجىدە ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقلەر ئىچىدە مانى دىنىغا ۋە مانى دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارتا ئۆچمەنلىك ئىددىيىسى تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خانلىقىدا ئاستا-ئاستا ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى پارچىلىنىش باشلىنىدۇ. بۆگۈ قاغان ھەر قايسى بۇيرۇق(ۋەزىر) ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ مانى دىنىنى چەكلەش،ئەجدادلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە ۋە تەكلىپلەرنى قويغان بولسىمۇ بۆگۈ قاغان يەنىلا مانى دىنىنىڭ ياخشى تەرىپىنى سۆزلەپ باشقىلارنىڭ سۆزىگە پىسەنىت قىلمايدۇ.
     مىلادى 780-يىلى ئۇلۇغ بۇيرۇق ئىنانچى تون باغا تارقان ئۆزىنىڭ نۆكەرلىرىنى ۋە ياردەمگە كەلگەن تۆلىس لەشكەرلىرىنى باشلاپ بۆگۈ قاغاننىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىردى. نەتىجىدە بۆگۈ قاغان،ئۇنىڭ يېقىنلىرى ۋە سوغدى روھانىيلىرىدىن بولۇپ 2000دەك ئادەم قىرىپ تاشلاندى. شۇ يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ ئالتۇن تەختىگە ئولتۇردى ۋە قات قۇتلۇغ بىلگە قاغان دېگەن نام بىلەن ئۇلۇغلاندى. شۇنىڭ بىلەن ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ سەلتەنىتى ئاياغلىشىپ، يېڭى قاغاننىڭ ئەدىز ئۇرۇقى ھۆكىمىرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى.
     مىلادى 839-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىغا ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان قاغانلىق قىلىۋاتقان يىللار ئىدى. ئۇدا ئۈچ يىل يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغمىغانلىقتىن يايلاقلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. تۈرلۈك كېسەللىكلەر تارقالدى. قاغاننىڭ پاراسەتسىزلىكى تۈپەيلى بۇ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلەشتى. قاغاننىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى. ئىتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ دۆلەتنى مالىمانچىلىق قاپلىدى. تۈرلۈك ئىسيانلار كۆپەيدى. ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان ئىقتىدارسىزلىقتىن ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئازغىنە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا غەلبە قىلغان كۈلۈگ بەگ ئۆزىنى ئۇلۇغ بۇيرۇق دەپ جاكارلاپ ئون ئىككى-ئۈن ئۈچ ياشلاردىكى قوزا تېگىننى قاغان دەپ جاكارلىدى.
     ئۆسمۈر قاغان قوزا تېگىن قاغان بولغاندىن كېيىن ئىشلار ئاساسەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ بەگنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بولدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىلگىرىكى ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قىرغىزلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇلۇغ بۇيرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئورخۇن خانلىقىغا ئورخۇن خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ خانلىق بولغان قىرغىز قاغانى ئاجۇنى ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاپەتنىڭ ئۈستىگە ئاپەت كېلىۋاتقان مەزگىللەردە يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مىلادى 840-يىلى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلدى.
      ئورخۇننىڭ تارىخى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەم شانلىق ھەم ئاچچىق تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەڭگۈ تاشلار ۋە مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ساۋاقلار بىزنى كەلگۈسىگە قانداق قارىشىمىزدا يولباشلىغۇچى بولغۇسى!
     شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورخۇن ۋادىسىدىن پان تېگىننىڭ رەھبەرلىكىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا چېكىنىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە زور قىسىمى تارىم ۋادىسى، ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىغا تارقاقلىشىپ شۇ جايلاردىكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە بالاساغۇننى پايتەخىت قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە جايلارغا بېرىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(تابغاچ) رايونىغا كۆچۈپ كەتتى. مانا بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى.
                شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 11-ئاي نەشرى
                2008-يىلى 5-ئاي بېسىلىشى


كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
274
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9235
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 16:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ئوقۇمايلا تەستىقلىۋىتىپتۇدە. تۈركزاد جاپا چىكىپسىز.

UID
6284
يازما
248
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
7650
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 16:02:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتىمىزنى مۇشۇ تىمىنىڭ  ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساق بولارمۇ؟
بەزى كىتاپلارنى خىلى بۇرۇن ئوقۇغانكەنمەن،   كىتب ئوقۇشتىن كىيىن ئالغان تەسىراتىمنى يىزىپ قويغان، ئەگەر  مۇۋاپىق بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي دىگەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش