تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2167|ئىنكاس: 1

ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخش  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
274
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9235
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 18:54:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى يېقىندا« ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ ، جايلاردىن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتمەسىلىسىنى ئەستايىدىل ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداپ ، ئىشلەۋاتقان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپقىلدى .

  ئىگىلىنىشچە ، ئاپتونوم رايون 2006 –يىلى ئالاھىدە ”ئىش ئورنى پىلانى“ نى يولغا قويغاندىن بۇيان ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا 18 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچى قوبۇلقىلىپ ، يېزىلاردىكىئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى خىلى يېنىكلەتكەن . بىراق ھازىرمۇ بەزى جايلاردائالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى دېگەندەك ياخشى ئىشلەنمىگەن ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ۋاقتىدا تارقىتىلمىغان ، ئۈنۈم مائاشى جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىغا تولۇق ھەق تاپشۇرۇلمىغان ، تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلانمىغان ، بۇ ئەھۋاللار بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن .

  بۇ ‹‹ ئۇقتۇرۇش ›› تاجايلاردىن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇغقان يوقلاش ، توي – تۇغۇت ، كەسپىي ئۈنۋان ، تاماق ، ياتاق ، قىشلىق ئىسىنىش پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش تەلەپ قىلىنغان . ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ، تەكشۈرۈپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا ، ئىشتات بېرىلگەن مەكتەپكە قايتىپ ئىشلەيدىكەن ، مائاشى يەرلىك مائالىيەدىن بىر تۇتاش چىقىم قىلىنىپ ، شۇ يەردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچمەكتەپ ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدىكەن ، مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەندە قايتا سىناپ ئىشلىتىش بىھاجەت ئىكەن . ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن ۋاقتى خىزمەتئىشتاتىغا قوشۇپ ھېساپلىنىدىكەن ، كەسپى ئۇنۋانىنى يۇقىرىلىتىشتا ئاساسىي قاتلامد ئىشلىگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن ئويلىشىدىكەن .

  مەنبە: تەڭرىتاغ  تورى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆيۈمچان ئەزا

چالىقۇشى

UID
1523
يازما
196
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
702
تىزىملاتقان
2009-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 09:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەندەك  ئەمىللەشسە بەك ياخشى بولاتتى~

ئۆزۈڭدە ئىشەنچ،ئىرادە ، غايە بولسۇن .غايىسى يوق ھايات يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشايدۇ !!!   ئۇنىڭ نەگە چۈشىشى شامالغا باغلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش