مۇھەببەت ھېكايىسى
-پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)
قەدەم باستىم كىتابخانىغا ،
تۈمەن كىتاب تۇراتتى كۈلۈپ .
ھەربىر ۋاراق ئۆزگە گۈل –چىچەك ،
ئىلىملەرگە كېتەي كۆمۈلۈپ .
ئېلىپ‹‹ ئۆكسۈش ››دېگەن كىتابنى ،
ئۇنتۇپ كەتتىم بارچە دۇنيانى ...
قىستاپ كەلگەچ نەچچە شوخ ئۆسمۈر ،
سوقۇۋەتتىم ياندا بىراۋنى .
سەنتۈرۈلدى تەڭپۇڭ بولالماي ،
يەرگە چۈشۈل كەتتى كىتابى .
ۋاي ئانام !
قورقۇپ ياپتىم يۈزنى كىتابتا ،
قانداق قىلاي تىللىسا مېنى ؟
جىم ....
كىتابىمنى چۈشۈردۈم ئاستا ،
كۆزلىرىمدىن تاماتتى ئۆزرە .
‹‹ كەچۈرۈڭ›› دەپ شىۋىرلىسام مەن ،
‹‹ كېرەك يوق›› دەپ چېھرىدە كۈلكە .
توۋا!
‹‹ ئۆكسۈش ›› ئىكەن ئوقۇۋاتقىنى ،
پەس ئاۋازدا كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
ئوخشاش ھەۋەس – قىزىقىش ،تۇيغۇ ،
شوخ ھېسلارغا كۆمۈلۈپ كەتتۇق .
ئىشلەيدىكەن كىتابخانىدا ،
ئىلىملەرنىڭ قېزىپ كانىنى .
‹‹ مائاشىمغۇ جىق ئەمەس ئۇنچە ،
مەيلىغۇ
كۆرەلىسەم كۈندە كىتابنى .
مەن تونۇيمەن سىزنى ئۇزاقتىن ،
كۈن ئارىلاپ كېلىسىز ھەرۋاق .
ھۆرمىتىم بار سىزگە ئاجايىپ ،
بۇ راست گېپىم ،ئەمەستۇر چاخچاق ...››.
ئۇ ئالدىمدا تۇراتتى ئۆرە،
زەپ ياراشقان كۆڭلىكى ئاپئاق .
زۇلەيخانى ئەسلەتتى ھالىم ،
روبىرودا شۇ يۈسۈپ سىياق .
لەۋلىرىدىن تۆكۈلەر ئاپتاپ ،
زوق –شوخ بىلەن سۆزلەيتتى جۇشقۇن .
پاك قەلبىمگە سېلىپ ھاياجان ،
كۆزلىرىدىن چاچرايتتى ئۇچقۇن .
مەردانىلىق تامار بويىدىن ،
ئەخلاق ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئەنداز .
نىگاھلىرى خەنجەردەك تېگەر ،
سۈزۈك ئاۋاز ئاھ ، مۇزىكا –ساز .
..........
يېنىپ چىقتىم بىر چاغ قېشىدىن ،
تارتىشقاندەك بولدى يۈرۈگۈم .
يۈگرەپ چىقتى كەينىمدىن ‹‹خوش!›› دەپ ،
‹‹ چوقۇم كېلىڭ!›› شادلاندى كۆڭلۈم .
كوچىلارنى كەزدىم نىشانسىز ،
باھار پەيزى كۈلىدۇ دالا .
گۈل –چىچەكلەر ،يېشىل يوپۇرماق ،
كۆز قىسىدۇ ئەيلەيدۇ جۇلا .
قاراپ تۇرۇپ ئانا ئۆستەڭگە ،
خىيال بىلەن جاھان كېزىمەن .
‹‹-ھىچ بىلمىدىم ، ماڭا نىم بولدى ؟››
ئۆز-ئۆزەمدىن سوراپ كېتىمەن .
ئانا ئۆستەڭ مۇڭ ناخشا ئېيتىپ ،
لايقىپ ئېقىپ ئەزدى يۈرەكنى .
ھىجرانلىرىم باشلاندى بۈگۈن ،
سىغدۇرالماس سەندىن بۆلەكنى ...
2- باب
ئارمانلىرىم سېغىنىدۇ
ئەسلىدە
كۆل سۈيىدەك تىپتىنچ كۆڭلۈم ،
سۆيگۈ شاھى ئۇزاتتى كەۋسەر .
خىيال باستى كېچە ئۇخلىماي ،
مېنى بۇنچە قىينىما دىلبەر .
ئۈمىت ئىزدەپ قارىسام كۆككە ،
ئاق بۇلۇتلار ئۈزەتتى تەمكىن .
خىياللىرىم قاقتى پەر قانات ،
سەن بۇلارنى بىلمەيسەن لېكىن .
يالقۇنجىغان ماگما يۈرىكىم ،
قىرغاقلارغا ئۇرار ئۆزىنى .
بىر كۆرۈشنى ئىستەيدۇ تىنماي ،
ئەشۇ ئويچان يارنىڭ يۈزىنى .
زۇلەيخانى كاۋاپتەك داغلاپ ،
يۈسۈپ سىياق ئەشۇ مۆھتەرەم .
ئارمانلىرىم سېغىندى بۈگۈن ،
كۆرۈش نېسىپ بولغاي خۇش كەرەم .
3-باب
ئەتىگە تەلپۈنۈش
تىمتاس كېچە ،مۇڭلۇق دىل خانەم ،
ئۆكسۈشلىرىم ئۇچماقتا لەرزان .
غالىپ كەلدى قىزلىق غورورۇم ،
سۈكۈتلىرىم قىلماقتا جەۋلان .
مۆلدۈرلەيدۇ قوي كۆزۈمدە ياش ،
تەنلىرىم سۇس تىترەيدۇ غال –غال .
ئىچتىممۇ –يا ، ھەسرەتتىن ئوغا ،
شەبنەم كۈلگەن كىرپىكىم تال –تال .
گۈل بەرگىدەك تىترەيدۇ يۈرەك ،
بۇ دەردىمگە يوقمىدۇ ئامال ؟
قاچان كېلەر خۇش كەرەم يۈسۈپ ،
ناتىۋاندىن سورارمۇ ئەھۋال ؟.
كاۋاپ ھىدى كېلەر تېنىمدىن ،
قىينىماقتا مېنى بىر خىيال .
‹‹ ئېيتقىنا ئەي سۆيگۈ ئىلاھى ،
ئەتە تاڭلار كۈلەرمۇ ۋىسال ؟...››
4-باب
شېرىن ۋىسال
كەلدىم يەنە ئانا ئۆستەڭگە ،
يۈرەك مۇجۇپ بولغاچ بىئارام .
نەلەرگىدۇر تەلمۈردى كۆزۈم ،
-ئاھ قاچانمۇ تاپار دىل ئارام ؟.
خىيال باستى روھىمنى بىردىن :
-‹‹داۋاسى يوق كۆيۈك دەردىنىڭ ،
ئىگەم پۈتكەن بولسا تەقدىرگە ،
نە ئىلاجى تارتماي بەندىنىڭ ...››
چۆچۈپ كەتتىم ، ئالدىمدا بىردىن ،
پەيدا بولدى يۈسۈپ گۈل تۇتۇپ .
ئاھ ،مەردانە ئۆز سۆزلۈك يىگىت ،
كەتكەن ئىدى كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ .
‹‹_ نېمە بولدى سىزگە بىلمىدىم ،
كەلمەس بولۇپ كىتابخانىغا .
ئاھ يۈرىكىم تىلىپ-تىلىندى ،
مۇپتىلا بوپ تەڭسىز ھىجرانغا .
نەچچە يىللار ئۆتتى تىپتىنچ ،
سىزنى سۆيدۈم ئۈنسىز –تىۋىشسىز .
سىز شۇنچىلىك جۇلالىق ،لىۋەن ،
بەك قىينالدىم ئاچالماي ئېغىز .
مۇڭلۇق كۆزلەر خىيال نۇرۇمدا ،
نەچچە يىللار ياشىدىم شۇنداق .
چۈشلىرىمدە سىزنى باغاشلاپ ،
سىز بىخەۋەر بىراق ۋە بىراق .
قامىتىمگە ھەۋەس قىلىشىپ ،
كۆڭۈل سۇندى نەچچە ئۇز –ئوماق .
سىزگە كۆيگەچ پەقەت ۋە پەقەت ،
ئاھىم چاچار ئالەمگە پىراق .
كوچىلاردا يۈرۈيسىز لەرزان ،
چۈشلىرىمنى قىلىسىز قامال .
ۋۇجۇدۇممۇ قىينالدى چەكسىز ،
سىز قول يەتمەس كۆكتىكى ھىلال .
سىزسىز بىر كۈن ماڭا قىيامەت ،
سىز ئۆمۈرلۈك دىلكەش مەلىكەم .
خوجايىنى روھىم قەسرىنىڭ ،
سىز مۇقەددەس ئىلاھىي سەنەم .
سىز يېقىملىق ،ۋۇجۇدىڭىز ساپ ،
كۆڭۈل پاكىز ،لەۋلەر جىنەستە .
ئىجاد بىلەن ئەلگە گۈل سۇنۇپ ،
ھەركىم قايىل سىزگە ھەۋەستە .
كەلمەكتىسىز كىتابنى دوست قىپ ،
دىل قەسرىمگە بولۇپ ھۆكۈمران .
بويتاقلارغا بوپ قالماي رەئىس ،
ماڭا جاۋاب بېرىڭ ئۇز جانان ....››
ئۇ سۆزلەيتتى تېنەپ-تەمتىرەپ ،
دىل مەيلىمنى ئۇتماقنى قەستلەپ .
بىلدۈرمىدىم ئالدىراپ كۆڭۈل ،
ئەتە جاۋاب بەرمەكنى پەملەپ.
‹‹ قېنى ،مەن بىر ئويلىنىپ كۆرەي..››
لايىقىدا بەردىم مەن جاۋاب .
يېنىك دەسسەپ كەتتىم قېشىدىن ،
كۆيۈپ باغرىم بولسىمۇ كاۋاپ .
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلدى ياشلار ،
ۋىسال پەيتى كەلگەندە يېتىپ .
مۇراد پەسلىم خۇش چىراي ئاچتى ،
يۈسۈپ قالدى مۇڭلارغا پېتىپ .
5-باپ
تاتلىق كۈنلەر
بۈگۈن كېچە ئۇيقۇ يوق زىنھار ،
ۋۇجۇدۇمدا قاينىدى مەشرەپ .
بەخت قوينى نەقەدەر تاتلىق ،
‹‹ چىن ئاشىققا مەنسۇپتۇر شەرەپ !››
بىز كۆرۈشتۇق ئۆستەڭ بويىدا ،
يېنىككىنە قىلىشتۇق سالام .
كۆزلەر ئارا چېقىلدى چاقماق ،
شېرىن سۆھبەت قىلىندى داۋام .
كۆڭلىمىزدىن پورەكلەپ گۈللەر ،
مېۋە بەردى شىرىن مۇھەببەت .
‹‹- پاك روھىڭىز ،نازۇك خۇلقىڭىز،-
دەيتتى يۈسۈپ – ئۆمرۈمگە زىننەت .
تۈمەن يۇلتۇز كۈلسىمۇ كۆكتە ،
سىزقەلبىمدە يىگانە قۇياش .
سىزگە ئاقار مېھرىم دولقۇنلاپ ،
ئۇ مىسالى تارىم –يۇرۇڭقاش .
يىراق كەتسۇن سىزدىن يېتىرقاش ،
بىزگە بەخت تىلىسۇن ئاۋام ...››
تاتلىق كۈندە شېرىن سۆھبەتلەر ،
شۇ تەقرىزدە قىلاتتى داۋام .....
6-باب
بەخت مەستخۇشلۇقى
توي !
كۈلدى دۇنيا ،كۈلدى كائىنات ،
بەختىمىزگە قىلىپ تەنتەنە .
كۆتۈرۈلگەن بايىلا قۇياش ،
ئاھ نېمانچە !
ئالدىرايدۇ پېتىشقا ئەنە .
بەختلەرگە ئۈمىتلەر قوشماق ،
كەتمىگىيدى يۈرەك يېرىلىپ .
مۇھەببەتنىڭ لەززىتى تاتلىق ،
بەختىمىزدىن يۈرسەك كېرىلىپ .
مۇھەببەتنىڭ خۇشخۇي تىنىقى ،
چاراسلايدۇ ۋۇجۇدىمىزدا .
بىر نىيەتتە تىرىشساق ھەردەم ،
بەخت يىپى ئۆز قولىمىزدا .
پىچىرلىشار قېنىشماي لەۋلەر ،
قەلبلەردە ئوت چاقتى ۋال –ۋال .
سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر ھايات ،
بەخت ئاخىر كۆرسەتتى جامال ! ...
ئاپتورى:پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)
.