بۇ 15قەۋەتتىكىnurabida يوللىغان 2010-12-05 11:43 غا قارتىلغان :
تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ سوراپ باقسام
قايسى كۈنى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ،مۇنداق بىر سوئال سوراپ قالدى
بىزغۇ كىچىكىمىزدىن مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق،ئازدۇر كۆپتۇر ئىسلامىي بىلىملەرنى بىلىمىز ،لېكىن مۇسۇلمان ئەمەسلەر بۇ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ،ئاخىرەتتىكى سوراق ھەممىمىزگە بار بولىدىغان بولسا ،ئۇلار شۇنداقلا دوزاخقا كىرىپ كېتەمدۇ ،ئۇنداقتا ئۇلارغا ئۇۋال بولمامدۇ
مەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە سوئال سوراقنىڭ ھەممىمىزگە بارلىقىنى ،لېكىن بىرسىنىڭ دوزاخقا ياكى جەننەتكە كىرىشىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدىغانلىقىنىى ھەم ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا دىنغا يېتەكلەش ئۈچۇن ئۆزلۈكسىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتىم،لېكىن بۇ ھەقتىكى بىلىمىمنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىدىم
بىلىدىغانلارنىڭ ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشىنى سورايمەن.
....... 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز قېرىندىشىم !
سىزنىڭ دىگىنىڭىز ؛ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قارىتىلغان بولسا ، ئۇلاردىن ھېچقانداق سۇئال سوراق قىلىنمايمادۇ بارار جايى يەنە جەھەننەم بولىدۇ .
ئەگەر مۇسۇلمان ئاتىلىپ ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ، ئاللا تەرىپىدىن پەرز ھەم قەرز قىلىنغان ۋەزىپىلەرنى تۇلۇق ئادا قىلالماي باقى دۇنياغا سەپەر قىلغان بولسا ، بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئەمەللىرى ئۈسىدە سۇئال سوراققا تارتىلىدۇ .......ئاللانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ ، بىز بەندىلەر قاچان ،قەيەردە، نىمە سەۋەپ بىلەن باقى دۇنياغا سەپەر قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز .
تەقۋادارلىق ، ئىمان ، ھىدايەت ، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ۋە ئىمان مەسەللىرى توغرىسىدا
ئىبنى ئۆمەر رەزىيە؛؛اھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ نەمدە كۆڭلىدىكى شۈبھىلىكنى نەرسىلەرنى تەرك ئەتمىگۈچە ، تەقۋادارلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ .
ھەزرىتى ئىبنى ئەبۇ ئىكرەمە ئىبنى خالىددىن رىۋايەت قىلىدۇ . ئىكرەمە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ؛ ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان ، ئۇ بولسا ؛ - بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ خۇدا يوق . مۇھەممەد ئاللانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ، دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن . پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن ، زاكات بېرىشتىن ، ھەج قىلىشتىن ، رامزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت . قۇرئاندا ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ ؛ < سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ . بەلكى ئاللاغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، پەرىشتىلەرگە ، مۇقەددەس كىتاپلارغا ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىش ، ئاللانى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا ، يىتىملەرگگ ، مىسكىنلەرگە ، مۇساپىرلارغا ، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىقىغا ئېرىشىشكە ياردەم بېرىش ، ناماز ئوقۇش ، زاكات بېرىش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ، ، يوقسۇزلۇققا ، كىسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا سەۋىر قىلىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ . ئەنە شۇلار [ يۇقىرىدىكى ئەمەللەرنى ئىشلىگۈچىلەر ] راستچىل ئادەملەردۇر . [ مۇسۇلمانچىلىق دەۋاسىدا ] ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر . [ سۆرە بەقەرە 177-ئايەت -ت] < فەدئەھلە ھەلمۇئىمۇن > [ مەنىسى؛ شۇنداق مۆمىنلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ ]
مەنبە ؛ < سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى> دىن
ھازىرقى دەۋىردە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ، مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىنى ئادا قىلمايدىغان ۋە بىلمەيدىغان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن ، ئىمانى سۇزلاشقان كىشىلىرىمىز نىمىلەرنى قىلمايدۇ ؟! جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىلەردىكى كىرزىسلەر نىمە سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ، ئاتا- ئانىلار ، پەرزەنتلەرچۇ ؟! ئائىلىنى تۈزىگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلالايمىز . يۇقىردىكى ئابزاسنى نەچچە رەت ئوقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .