كۆرۈش: 50555|ئىنكاس: 115

ئىسلام ۋە ئەقىل     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
554
تېما
69
نادىر
0
جۇغلانما
18140
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 20:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]

ئىسلام ۋە ئەقىل

(جىن)




ئەقىل ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئاساسلىق يادروسى بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئىنسان ئۆزى ئويلىغان ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت ھەرىكەتلەرنىڭ باش قوماندانىدۇر. ئەقىلنىڭ رولى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رىئال ھاياتتىكى چوڭ- كىچىك مەسىلىلەرگە باغلانغان بولۇپ، ئادەتتىكى گەپ- سۆزدىن تارتىپ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش، تارىخنى يەكۈنلەپ نەتىجە چىقىرىش، ئەقىلغا ئۇيغۇن بولمىغان مەسىلىلەرگە سەلبىي قاراشتا بولۇش، تەپەككۇر نەزىرىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل قىسمەت- ھېكمەتلىرىگە يۈگۈرتۈپ ئىزدىنىپ بېقىشلارغىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىلغا باھا بېرىشتە پەۋقۇلئاددە يۈكسەكلىككە ئىگە.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى، ئەقىل- تەپەككۇرغا بەرگەن باھاسى، تارىختىكى ھەرقانداق دىن ھەرقانداق كۆزقاراشلارنىڭكىدىن پەرقلىق ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە يادروسى: < بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى > دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ سۆز تولىمۇ ئاددىي، چۇشىنىشتە شۇنداق ئوچۇق، يىغىنچاقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئاللاھنىڭ ھېچقانداق ياردەمچىسى يوق، ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. ۋاستە تەلەپ قىلمايدۇ، ئىنسان ئوز قۇلچىلىقىنى شۇ ئاللاھقىلا قىلىشى كېرەك، دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەپ بەرسە، بۇ يەكۈننىڭ ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ توغرا رەۋىشتە ئۆزلىشىشى ئۈچۈن، شۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن كىتابى قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىش، ئۇنى توغرا تەتبىقلاش بىلەن بولدىغانلىقى، بۇ توغرا ئېتقاد - كۆزقارىشى ئىنساننى خاتا ئەقىدە خۇراپىي كۆزقاراشلاردىن ئازاد قىلىپ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەرخىل زۇلۇم، ناچار ئېتىقادلاردىن ئىنساننى خاتىرجەم قىلىدىغانلىقتەك ھايات لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىم ھەرقانداق مەسىلىلەردە ئەقىلگە، يۈكسەك باھايى بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا  چاقىرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە <ئەقىل> دېگەن كەلىمە 50 دىن ئارتۇق ماكاندا تىلغا ئېلىنغان بولسا، ئەقىل- تەپەككۇر يۈرگۈزمەسلىك ئەقلىي سۈكۈنات داۋاملىشىشتىكى مۇسۇلمانلار پاسسىپ ھاياتىغا كايىپ < نېمە ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرمەيسىلەر؟ > دېگەن ئىبارە 13يەردە تەكرار- تەكرار  تىلغا ئېلىنغان. بىز قۇرئان كەرىمنى چوڭقۇرلىغان ھالدا ئىزدىنىپ كۆرسەك، قۇرئان كەرىمدىكى  <قاراش>، < پىكىر قىلىش>، دېگەندەك ئىبارىلەر ئارقىلىق ئەقىل- تەپەككۇرغا قانچىلىك مۇھىملىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. دوكتۇر يۈسۈپ قاراداۋىنىڭ: «بەييىناتۇل ھەللۇل ئسلامىي» دېگەن كىتابىغا قاراڭ.
شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، قۇرئان كەرىم دۇنيا تۈزۈلمىسىنى، كائىنات قۇرۇلمىسىنى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان  پەۋقۇلئاددە ئالاقىسىنى، ئۆزئارا چېتىشچانلىقىنى لوگىكىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان بىردىنبىر كىتاب، ئۇ ئىنسانلارنى تەبىئەت ئالىمىگە نەزەر سېلىپ ھەرخىل تۈردە تەتقىق ئېلىپ بېرىپ، بۇ كائىنات ئالىمىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەقىل- تەپەككۇر ئىشلىتىشنى ئاللاھقا قىلىنغان بىر خىل ئىبادىي قۇلچىلىق (ئىبادەت)، ئاللاھ ئەجىر بېرىدىغان ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

مەشھۇر مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىسلامدىكى ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
20- ئەسىردىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇتەپەككۇر پىشىۋاسى دەپ نام ئالغان ئابباس مەھمۇد ئەققاد «ئەتتەپكىير زەرۇرە ئسلاميە» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە: < ئىسلام دىنى ھەر بىر ھەقىقەتنى ئىزدەنگۈچى، ئەقىلغا ھۆرمەت قىلغۇچى، ئەقىل يۆلىنىشىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ باققۇچىلار ئۈچۈن ئەقلىيەت لوگىكىسىنى تاڭىدۇ > دەيدۇ.
ئىسلام دىنى دەۋرىمىزدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باھا بېرىشتە كائىنات ئالىمىگە قاراش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي نۇقتا نەزىرى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغانغا قەدەر بۇ دىننىڭ ئېئىجازىي( مۆجىزە خاراكتىرلىك) دەلىللىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < بۇ دىننىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغانغا قەدەر بىز ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن كائىنات ئالىمى ۋە ئنسان نەپسىدە قويۇلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز > [ فۇسسلەت سۈرسى 52 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيىلىك ئالىم روجىي غارۇدى: < ئىسلام دىنىنىڭ تەۋھىد(ئاللاھنى بىر بىلىش) پرىنسىپى ئىسلامنىڭ ئاللاھنى تونۇش پەلسەپىسىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئاساسىدۇر، بۇ پەلسەپە ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي ئىنكاسلار ئوتتىرىسىدىكى بارلىق پاسىل - توسالغۇلارنى چۆرۈپ تاشلىغان بولۇپ تەبىئەت ئالىمىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل، شۇنىڭدەك تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تونۇشۇش، ئۇ ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھقا يېققىنلىشىش، ئۇ زاتقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ بىر نامايەندىسى > دېگەن. روجىي غارۇدىنىڭ: «ئسلام دىينۇلمۇستەقبەل» دېگەن كىتابىغا قاراڭ.

بىز قۇرئان ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، قۇرئاننىڭ تۇنجى چۈشكەن ئايىتى <ئوقۇ> دېگەن ئەمرى بىلەن ئىككىنچى قېتىم  قەلەمنىڭ ھۆرمىتى تەرىپلىنىپ چۈشكەن ئايەتلەر ئارقىلىق ئوقۇش، بىلىم ئېلىش، يېزىشلارنى تەرىپلىسە، قۇرئان كەرىم ئوچۇق قىلىپ ئەقلىي سۈكۈنات ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇپ غاپىل ھالدا ئاللاھنى ئويلاپ قويمىغان، ئەقلى بار تۇرۇپمۇ ئەقىلنى ئشقا سالمىغان مۇغەپپەللەرگە قارىتا ئەئراف سۈرىسى 179- ئايەتتە: <  ئۇلار ئەقىلسىز چارىپايلاردەك، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەررەك، ئۇلار غاپىللاردۇر > دېيىش ئارقىلىق ئەقىل يادروسى بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش،  قەلەم تەۋرىتىش بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ سەلبىي كېسلى بولغان< ئويلىنىپ باقماسلىق> ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قانداق پۇزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ ئوقۇشقا ۋە قەلەمگە بەرگەن ئەھمىيىتىگە قاراپ، ئىسلام دىنىدا ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ۋە يېزىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
يەرشارى بولسا ئاللاھنىڭ ئوچۇق كىتابى، قۇرئان كەرىم بولسا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇلۇغ كىتاب،  بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا مۇتلەق باغلانما بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىدە غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە!

بىز يوقۇرىدىكى ئايەت ۋە ئالىملارنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئەقىل تەپەككۇرنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى بىلىۋالالايمىز.
زاھىرىيلەر مەزھىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىبنى ھەزم ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى تارىخىي كىتابى «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل ەلئەھۋائى ۋەننىھەل»نىڭ 1-توم 36- سەھپىسىدە: < ھېس - تۇيغۇ ۋە ئەقىل- تەپەككۇرلاردىن  كېلىپ چىققان ئومۇمىي دەلىل - ھۆججەتلەر ئۆز تۇيغۇڭغا ھەرگىزمۇ خائىنلىق قىلمايدۇ، قانچىكى ئىزدەنسەڭ ھېس - تۇيغۇڭغا قارشى دەلىل خاتالىقنى ئىزدەپ تاپالمايسەن، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟ > دەپ ئەقىل - تەپەككۇرنىڭ مۇھىملىقنى ئىپادىلەپ سۇئال تاشلايدۇ.
ئۇ يەنە بىر جايدا: < ئەقىل- تەپەككۇرنىڭ ئاساسى بولغان پەلسەپىنىڭ مەقسىتى كىشى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسلام پەلسەپىچىلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتىمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، بۇھەقتە شەرىئەت ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى مەۋجۇت ئەمەس، لېكىن پەلسەپەنىڭ مەقسىتىدىن چەتنىگەن، ئۇنىڭ ئۆز مەنا ئۇقۇمىغا ھۆرمەت قىلمىغان ۋە شەرىئەتنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە پەلسەپە ئۈگەنگۈچىلەر بۇنىڭ سىرتىدا > دېگەن ئىدى.
11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - تەپەككۇر، ھېس - تۇيغۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < ئەڭ ئۇلۇغ ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن بىرى بىز ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئېتىقادىنىڭ تەتۈرسىگە بىرخىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ياكى بۇ خىل كۆز قاراش يالغان نەقىل قىلىنغان دەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالمىغان تەقدىردە، سېنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭ، ئەقىل- تەپەككۇرىڭ يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئىتقادىغا قارشى ھالدا ئۇنىڭ كۆزقارشىغا ئىشەنمە! > [مۇھەممەد ئىبراھىم مەبرۇكنىڭ: نەزەرىيە دەۋافىئى سىدام ۋەھتىمالاتۇل مۇستەقبەل111- بەتكە قاراڭ]

ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن، يوقۇردىكى بۇ بىر ئابزاسنى قايتا ئوقۇپ كۆرۈڭ!
قانداق قىلىپ ئىمام غازالى بۇنداق ئويغا كېلىپ قالغان؟ بۇنداق جۈرئەتلىك بولۇپ قالغان؟ سىز بۇ تەرىپىنى ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟
شەكسىزكى قۇرئان كەرىمنى ياخشى تەھلىل قىلغان ئەقلى يۈكسەكلىك لوگىكا ئۇقۇمى بىلەن ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى بۇنداق جۈرئەتكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان سۆز ئۇسلۇبىدا ئىمان ھەقىقەتلىرىگە دەلىل كەلتۈرۈشتە ئىلمىي تەجرىبە، ھېس - تۇيغۇ، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە ئەقىل پرىنسىپلىرى بىلەن دەلىل كەلتۈرىدۇ.
ھەقنى بىلىپ يېتىشتە ھىس تۇيغۇ ئەقلىي يەكۈننى ئاساس قىلىدۇ.

12- ئەسىردە ئۆتكەن شەرق پەيلاسوپى دەپ ئاتالغان ئىبنى رۇشدى تەبىئەت ۋە ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: < ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلغان كىتابى بىلەن تەبىئەتدۇنياسى كائىنات ئالىمى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تىلدىكى بىر كىتاب بولۇپ، بىز تەبىئەتنى تەتقىق قىلىش، كائىنات ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قۇرئاننىبىلىپ يىتمىز، قۇرئاننى بىلىش ئارقىلىق تەبىئەتنى بىلىمىز، مەسلە بۇ كىتابنىقانداق ئۇقۇش ۋە قايسى تىلدا ئۇقۇشتا >.  ئۇ يەنە: < شەرىئەت ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەقىل- تەپەككۇر بىلەن يەتكەننەتىجىگە يىتىسەن > دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەقلىيە كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: < شەرىئەت بىلەن ئىلىم- ھېكمەت بىر گەپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئوخشاشماسلىق بولسۇن؟ شەرىئەت بىرلەمچى ئەقىل ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرۇپ بىر - بىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ تولۇقلاپ  بېرىدۇ > دېسە، ئۇ يەنە بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ: < قۇرئان كەرىم بىز ئىنسانلارنى ھەقىقەتنى بىلىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ كۆرىشىمىزگە قىزىقتۇرغان ئىكەن، ھەرگىزمۇ شەرىئەتكە قارشى كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ھەقىقەتنىڭ تەتقىقات كاتىگۇرىيىسىدە بولۇشنى، شەرىئەت بۇيرىغان ئەقلىيە كۆز - قاراش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ ھەقلىقىنىبىلىشىمىزنى مەقسەت قىلغان، ئۇنداقتا شەرىئەت ئەقىلغا، ئەقىل شەرىئەتكە گۇۋاھچىبولۇپ بۇ ھەقتە نەمۇنىلىك رولنى ئوينىغان بولمامدۇ؟ [ دوكتور زەكى نەجىب مەھمۇدنىڭ: ‹‹قىيەم مىنەتتۇراس›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ]. ئەرەب پەيلاسوپى كىندى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ: < ئەقىل بىلەن شەرىئەت ئوتتۇرسىدا قارمۇ -قارشىلىق يوق > دەپ كۆرسەتكەن. ياۋروپالىق پەيلاسوپ بىرتىراند رەسۇل: < ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابى ئەقلىيە پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىبنى سىىنا، يەنە بىرى ئىبنى رۇشدىدۇر. < ئىبن رۇشدى ھازىرمۇ ياۋروپا ئەقلىيەتچىلىرىنىڭ نەمۇنىسىبولۇپ كەلمەكتە دەيدۇ. ئىبنى تەيمىيە دەلىل قاراتمىلىقى، دەلىل ئارا سېلىشتۇرما فونكسىيىسىدە شەرئىي دەلىل بىرلەمچى ئەقلىي دەلىلنىڭ ئىككىلەمچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
18-ئەسىردە ئىسلام ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ مەشھۇرراقىنىڭ بىرى شەرق لىيۇتىرى دەپ ئاتالغان ئالىم جامالۇددىن ئافغانى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەقلى سۈكۈناتتىكى ھالىتىنىئەيىبلەپ، ئىسلام ئەقلىيە پەلسەپىسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: < مۇسۇلمانلار قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان بۇ كىتابنى ئەقىل - تەپەككۇردىن ئىبارەت بولغان ئۆتكۈر پىكىر بىلەن قايتا ئوقۇپ كۆرسە چوقۇمكى ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنكى تۇرغۇنلۇق، قاششاقلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ شانلىق قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز >.
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: < ئۇلۇغ ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىككى كىتاب نازىل قىلغان بولۇپ، بىرى، ۋەھىي قىلىنغان قۇرئان، يەنە بىرى، تەبىئەت دۇنياسىدۇر، بۇ ئىككىسىنىچۈشىنىشتە بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ >. جامالۇددىن ئافغانىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى ئىبنى رۇشدىنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلانىي بولۇشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزدەۋرىدىكى سەئىد ئەھمەدخان ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋىلىشىش تەرەپدارلىرىنىڭ ناتۇرالىزم قارىغۇلارچە غەربكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلغان، ئۇ: < ئەقىل _ ئىماننىڭ قۇياش ئېنىرگيەسىدۇر، ئەگەر ئەقىل بولمايدىكەن ئىمان يورۇمايدۇ، ئىمانئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەيدۇ > دەپ قارايدۇ. [دوكتور مۇھەممەد ئۇمارەنىڭ: ‹‹ئەقلىيەتۇلئىنسانۇلمۇسلىم›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ] ئىمام مەۋدۇدى مۇنداق دەيدۇ: < ناچار كۆز قاراش، خۇراپىي ئېتىقاد، بولمىغۇر پىكىرلەردىن يىراق ھالدا قۇرئان كەرىمدىن ياخشى پايدىلىنىش تەبىئەت ئالەمگە توغرا تەتبىقلاش ئۈچۈن يەنىلا بۇ دىننى توغرا چۈشىنىشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان تۇنجى يادرو __ ئەقىل تەپەككۇرغا بولغان ھۆرمىتمىزگە باغلىق >. [«ئەلئىسلام فى مۇۋاجىھاتىلمۇئاسىرە» دېگەن كىتابىغا قاراڭ]
ئىسلامنىڭ ئەقىلگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى غەيرى مۇسۇلمان ئالىملاردىن ئىنساپ بىلەن ئىزدەنگەنلەر ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان. مەسىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ماكسىم گوركىي قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقلىيە كۆز قارىشى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: < بىز ئىلگىرى- كېيىن بولسۇن ئەقىلتەپەككۇر ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، قۇرئاندەك كەسكىن پوزىتسىيە تۇتقان ئەقىل _ تەپەككۇرغا يۈكسەك باھا بەرگەن، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان يەنە بىر كىتابنىئۇچرىتالمايمىز، قۇرئاننىڭ ئەقىلغا بەرگەن باھاسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ پەۋقۇلئاددە يۈكسەكلىككە ئىگە >. [دۇكتۇر يۇسۇپ قەراداۋىنىڭ: ‹‹ئەل ئىسلامۋەررەئسىمالىيە›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ]
ھەرقايسى دەۋردىكى ئالىملارنىڭ ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى ئارقىلىقئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشىدىكى پەۋقۇلئاددە يۈكسەك باھانى كۆرىۋالالايمىز.

ئەقىل ۋە بىز  

      

بىز ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، بۇلارنىڭ يوقىرىسى كائىنات ئالىمىنىڭ سىرىنىئېچىپ ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، مەسىلىلەرگە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن باھا بېرىش، چوڭقۇر بىلىم ئۆتكۈر پىكىر بىلەن ئەقلىيە ئېتىقادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ھەرساھەدە پىكىر قىلىشتىن باشلاپ ئادەتتىكى نورمال مۇناسىۋەت ئۆزئارا گەپ - سۆزلەرگىچە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقنى بىلىپ يېتىمىز ،
لوگىكاشۇناسلار ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى ئەقىل - تەپەككۇر دەپ قارايدۇ، ئەقىل ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، ھاياتتىكى ھەر بىر غەلىبىنى ئەقىل - تەپەككۇردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئەقىل- تەپەككۇر دىننى
توغراچۈشىنىش، توغرا تەتبىقلاشتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ھازىرقى جەمىيىتىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇن كىشىلەر ئەقىلنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ، دىنىي جەھەتتە ئېلىپ ئېيتساق يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىگەئىشىنىدۇ. ياكى ئويلىنىپ باقماستىن دىن نامىدىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ، نەتىجىدە باشقىلار تەرپىدىن ئىسلام مۇشۇنداق دىنمۇ؟ دېگەندەك سەلبىيسۇئاللارنىڭ قويۇلىشىغا سەۋەب بولسا، خۇراپاتلىق بىلەن ئېتقادنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن بۇ خۇراپىي دىندۇر، دېگەن كۆزقاراش ھەرخىل ھۇجۇملارنىڭ كېلىپچىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. خەتەرلىك يېرى شۇكى، دىننى چۈشەنمەي، چىن مەنىسىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ دىن تەشۋىققىلىش ئەقلانىي بولۇشقا ھۆرمەت قىلماسلىقتۇر. ئىسلام دىنى دىننى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئىزدەنگۈچىلەر بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ تەقۋادارئېتقادچىسى بولسۇن، ئەقلانىي بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 20-ئەسىر ئىسلام ئوتتۇرا ئېقىم يۆلىنىشىنىڭ نامايەندە ئالىملىرىدىن بىرى مەرھۇم شەيخ غازالى ھەسرەتلىك ھالدا: < ئىسلام دىنى ئادىل توغرا بولغان ھايات لىنىيىسى بولۇپ، بۇ دىننى قوغداش، ئاقلاش ۋە تەشۋىق قىىلش دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلار مەغلۇبىيەتچىئادۋۇكاتلاردۇر > دېگەن ئىدى.

ھەممىگە مەلۇمكى ئىسلام دىنىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، ئېتىقادچىلىرى ئوتتۇرىسىغا ئايرىمىچىلىق سېلىش مەقسىتىدە نۇرغۇن يالغان سۆزلەر ھەدىس نامىدىن كىرگىزىۋېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەمەس نۇرغۇن سۆزلەر بار. مانا بۇيالغان سۆزلەرنىڭ بازىرى بىز ئۇيغۇرلاردا بەكراق بازار تاپماقتا، دىنىمىزغا قارىتا ئەقىل-تەپەككۇرگە سەل قارىغانلىقتىن جەمىيىتىمىزدە ياش زىيالىي ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى كەڭ خەلق ئاممسدىكى ھاڭ پەرقلىق ھالدا داۋاملىشۋاتماقتا.

دىن نېمە؟ قۇرئانچۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداق كىشى؟ ھەدىس دېگەن نېمە؟ تۆتمەزھەب ئىماملىرى قانداق كىشلەر؟ ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟ بۇ مۇھىم بولغان مەسىلىلەرگە سادىقلىق بىلەن ئىزدىنىپ كۆرىلمەيدۇ،
جەمىيىتىمىزدە ئەقىلغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن كۆز- قاراش سۆزلەر دىن نامىدىن تارقىتىلغاندىن باشقا تارىختا مەشھۇر ئۆتكەن شەخسلەرنى ھاقارەتلەش، تىل تەككۈزۈپ ئۇنداق خاتالىق قىپتىكەنەي، مۇنداق پەتىۋا بېرىپتىكەنەي، دېگەندەك ئۆزىدە ئىلىمنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ھالدا تۇرۇپ، بۇلار قانداق كىشلەر؟ قانداق دەۋردە ئۆتكەن؟ نېمىشقا بۇنداق قاراشتا بولىدۇ؟ قايسى دەلىلگە ئاساسلانغان؟ دېگەنلەرنى ئويلانماستىن تىل تەككۈزمەكتە. قۇرئان ئايەتلىرىنى قالايمىقان تەپسىر قىلىپ ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بوي سۇندۇردىغان، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى، سىياقى، دەلىل قاراتمىلىغى ۋە بىر ئايەتنىڭ باشقا بىر ئايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن قىلچە ھىسابلاشماستىن < قۇرئاندا دەپتۇغۇ > دەپلا پەتىۋا بېرىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ، ئۇيغۇرچىدىن ساۋادى چىققان ھەربىر ئادەم ئۆز ئالدىغا پەتىۋا مەنبەسىگە ئايلىنىپقالماقتا.
ئىككى ئىشنىڭ قايسىنىڭ بەكراق مۇھىملىقىنى ياكى قايسىنىڭ بەكراق زىيانلىقىنىئايرىش، قۇرئان - ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش، ئۆزى
ياشاۋاتقان تەبىئەت ھەققىدەئىزدىنىش، پەرقلىق جەمىيەتلەرگە ئەقلانىيلىك بىلەن قانداق تەتبىقلاش يوق دېيەرلىك بولۇپ قالماقتا،
ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ قولىدا پەتىۋا پىچىقى پارقىراپ ۋالىلداپ تۇرماقتا، پەتىۋالارنى ھەدەپ كەسمەكتە، ئۆزلىرىنى رۇسلاشنىڭ ئورنىغا باشقىلارغا سەن <كافىر>، سەن <مۇشرىك> دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان قازى كالان بولۇشماقتا، ئەتراپقا سۆيگۈ تارقىتىشنىڭ ئورنىغانەپرەت چاچماقتا. دەلىلگە قايىل بولماسلىق، ئىختىساسقا ھۆرمەت قىلماسلىق، ئەقىلغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپسورىماسلىق بىر تەرەپتىن ئەقلىيىتىمىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقمىزنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سۈكۈنات ئۇيقىسىنىڭ پاجىئەلىك ھالدا داۋاملىشۋاتقانلىقىنى، دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

سىز يولۇقتۇرغان بۇ يىگىت ياكى بۇ قىز جەمئىيەتتىن پەقەت رازى ئەمەس، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم كاپىر ياكى مۇناپىق بولۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلىش، بىر يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە، ئۆزئارا مۇناسىۋەت باغلاشقا، ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقابولمايدۇ دەيدۇ، ئۇ ھەممە ئادەمگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشاش لوگىيكىسىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەرقانداق ئىشنى ھەرقانداق كىشىنىچەتكە قاقىدۇ، قەلبىگە ئۆچمەنلىك ئوتى تولۇپ كەتكەن.
ئەمدى سىز دىققىتىڭىزنى ماۋۇ يىرىم -يالىڭاچ ھالدا كېتىۋاتقان قىز بىلەنئاللىقانداق پاسۇن بىلەن ئۆزىنى شۇنداق مەدەنىي چاغلايدىغان بۇ يىگىتكە قارىتىڭ! ئۇ جەمئىيەتتىن تېخىمۇ رازى ئەمەس، ئۇنىڭچە ھەممە ئادەم خۇراپاتلىققا پېتىپكېتىۋاتقان، مەدەنىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قالاقلىق قىز ئۇغۇللاردىكى ئەدەب - ئەخلاق، ئېتىقاد، ئىپپەت كۆزقارىشى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلار بولۇپ ئۇنىڭچە بولسا ئۆزى ياشىغان بۇ جەمئىيەت لاس - ۋىيگاسقا ئايلانسا، شەرمى- ھايا ئورنىدا كەيپ- ساپا، جىنسىي ئەركىنلىك ۋە يەنە ئاللىقانداق ئىشلار راۋاج تاپسا، بۇ ئۇنىڭ خۇراپات دەپ ئاتىۋالغان كۆز قارىشىغا خاتىمە بېرىلگەن بولارمىش.
جەمئىيەتتە شۇنداق بىر ھاڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇھەببەتكە تولغان بۇ دۇنيانىڭئەكسىچە ئۆزئارا ھىقدى - ئاداۋەتكە تولۇپ كېتىشى بىزدىكى ئىلىم، ئەقىل-تەپەككۇرىيىتىمىزدىكى، مىللەت روھىدىكى ئاجىزلىق بولماي نېمە؟ بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نەتىجە سۈكۈنات ئۇيقۇسىىدىكى خورەكنىڭ ساداسى بولماي نېمە؟ بىز تېخىمۇ ئويلانساق دىننى چۈشىنىشىمىز، ئۇنى قانداق ئىجرا قىلىشىمىزدىكى ئەقلىيخەلەلنىڭ ( نۇقساننىڭ)قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىگمىزنى بىلەلەيمىز. ئەقلىي تەپەككۇرىيىتىمىزدىكى بۇ ئاجىزلىق 21-ئەسىردىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىزبولسا كېرەك! بۇ ئاجىزلىق نۆۋىتى كەلگەندە باشقىلارنىڭ غەرەزلىك ھالدىكى چالغان دۇمباقلىرىغا ئۇسۇل ئوينىتىدۇ- دە، ئەڭ خەتەرلىك مىنۇتلار شۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ! ئىلگىرىدە قاراتاغلىق، ئاقتاغلىق سوپى- ئىشانلارنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن جاھالەتمۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئوينىغان بولساق، ئەمدىلىكتە بىلىمسىزلىكىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ كۆرمەي بۇ مۇقەددەس دىننى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشمايۋاتىمىز، ئۇيغۇر ئەقلىي بىلەنئويلىمايۋاتمىز؟ ئەكسىچە ئازراق باھانە- سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلىم ئەھلى، مەكتەپ، مائارىپ، ئىلىم يۇرتلىرىغا قارشى چىقىپ بىلىمسىزلىكنى تەرغىب قىلىۋاتىمىز، بۇ نېمە دېگەن خەتەرلىك ئىش؟! مۇشۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر ئاللىقانداق كىشىلەرنى مۇرىت تۇتۇپ نېمە دېسە توغرا دەپ، 21- ئەسىر نۇر - بىلىم، مەرىپەت، ئەقىل- ئىدراك دەۋرىدىمۇ جاھالەتنى تەشۋىق قىلىپ ئىسلاھات يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. قايسى بىر ئالىم: < ئاجىزلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى __ باشقىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىنگۇمانلىنىشقا پېتىنالماسلىق، ئۇلارنىڭ ھەربىر قىلغان ئىشىدا ھېكمەت بار دەپ ئويلاش، سەپتىن قېلىش، گۇمان قىلىشنى دوزاخقا كىرىش دەپ ئويلاپ قېلىش > دەپ تەسۋىرلىگەنئىدى. قارىغاندا بىزدە بۇ تۈركۈمدىكى ئاجىزلار كۆپىيىپ كەتكەن بولسا كېرەك.

ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم: ئىسلام دىنى ئەقىلغا قىزىقتۇرغان ئىكەن، مەسىلىلەرگە ئەقلىي يۈكسەكلىك بىلەن باھا بېرەيلى! قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ يۈرمەيلى! ئىلىمگەئەھمىيەتسىز قارىمايلى! كۆپ ئويلايلى! ئەقىلنى ئۆرنەك قىلايلى!



ھەي تەڭرىم قۇياشنىڭ نۇرىغا تەشنا،
شۇ تۇغما كورلارنىڭ كۆزىنى ئاچقىن.
بىگۇناھ كۆزلەردىن زەھەرنى ئېلىپ،
ھەقىقەت كورلىرىنىڭ كۆزىگە چاچقىن.

                                  __ زوردىن سابىرنىڭ «ئاتا» رومانىدىن.




2006-يىلى 15-ئىيۇل




_____________________

نادىرلەش توغرىسىدا: خۇددى ئۈستىدە دېگەندەك < ئىسلام دىنى دەۋرىمىزدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باھا بېرىشتە كائىنات ئالىمىگە قاراش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي نۇقتا نەزىرى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ...>. مەزكۇر تېمىدا ئىسلام دىنىنىڭ <ئەقىل> دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىتبار بىلەن قارىغانلىقى، بىزنىڭ بىر ئىسلام ئەھلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن <ئەقىل> دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم چۈشەنچىسىگە قانداق قاراشتا بولىشىمىز، قانداق قوبۇل قىلىشىمز...ھەققىدە ئاز بولمىغان ياخشى قاراشلار ئوتتىرىغا قويۇلغان. «ئىسلام _ ئەقىل _ بىز» مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇقۇم ئوتتىرىسىدىكى باغلىنىش ھەم خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە تېڭىرقاپ قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان نادىر ماقالە ھېسابلىنىدۇ. كاللىمىزنى سىلكىپ تۇرۇپ بىر رەت، يەنە بىر رەت ئوقۇپ چىقايلى... ئۈشبۇ ماقالىگە شۇ سەۋەبتىن نادىرلىق تامغىسى بېسىلدى.


مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4303
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 23:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بىز بۇنداق تېمىلارغا بەك تەشنا قېرىندىشىم!...

UID
7148
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2695
تىزىملاتقان
2010-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 23:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم. قەلىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...

UID
2374
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
217
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 01:12:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تېمىلارنى كۆرمىگىلى خېلى بوپتىكەن . ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى بەرگەي قېرىندىشىم.
بولسا مۇشۇنداق تېمىلاردىن بىزنى كۆپرەك خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىشىڭىزغا تەشنامىز.

UID
2842
يازما
129
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3930
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-21
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 02:21:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
< مۇلايىملىق بىلەن قايىل قىلارلىق مۇنازىرە قىلىش، يازما ئىسپات ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق روشەن دەللىلەر بىلەن قايىل قىلىش، يازما ئىسپات بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. روشەن دەلىل بولسا سەۋەبتۇر. بەلكىم بىر دىنسىز قۇرئان ۋە سۈنئەتنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا لوگىكىلىق قوبۇل قىلسىڭىز ئۇ قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. مەن سىزنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن دەۋەت قىلدىغان دەۋەتچى بولۇشقا چاقىرىمەن >.   ــ شەيخ ئۇسەيمى

قولىڭىزدىكى مائۇسنى قويۇپ بېرىپ، ھاياجان چاپىنىڭىزنى قېشىڭىزغا سېلىپ ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۇقۇشقا، تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغان جەۋھەر تېما.

UID
5882
يازما
95
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2426
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-12
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 04:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالە!
خەتكۈچ

UID
2091
يازما
1562
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50516
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 12:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  ياراتقان ئاللا ھەممىمىزگە ئىمان -ئېتىقاد  ئاتا  قىلسۇن !
    بۇ تېمىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ ، نۇرغۇن بىلىمگە  ئىگە بولدۇم ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى زامانىۋىلىشىش  ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرىلگەنچە ، ئېتىقادقا بولغان قاراش تېمىدا دىيىلگەندەك سۇسلىشىپ  نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ قايمۇقۇش ، سەل قاراش ،ۋاز كېچىش  ئىدىيىلىرى بىخ ئۇرۇپ چىقماقتا ! كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان يېتەرسىز بىلىمى تۈپەيلىدىن باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاش تۈگۈل ئەكسىچە بېسىم ئەپ كەلمەكتە . دىننىي ئالىملىرىمىز ئازلاپ كېتىۋاتقان  مۇشۇ ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەر بىر مەھەللە مەسچىتلەردە  دۇرۇس ئىمام بولغۇدەك كىشىلەر يوق دىيەرلىك ،  كوچا كويلاردا بىكارچىلىقتىن ئىش تاپالماي يۈرگەن  ئون -يىگىرمە  ئەركەكلەرنى ئۇچرىتىمىز . ئۇلار بولسا يا پەندىن يا دىندىن ساۋادى يوق دىيەرلىك ،  زىمىنغىمۇ ئېغىرلىق سالىدىغانلار !  دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىشىگە  ماسلىشىپ < مۇسۇلمان> لىرىمىزنىڭ  دىندىن سەۋىيەسى يوق دىيەرلىك بولۇپ كېتىۋاتماقتا  ! بۇنىڭ كاساپىتى بىلەن ئاتا- ئانىلاردىكى پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ئۇسوللىرى ئوخشىمىغا دەرىجىدە غەرىپلىشىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە پەرزەنتىنى  دىندىن بىرە سۆرە ئۆگۈتىشنىڭ ئورنىغا ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرى ياكى شۇلارنىڭ مودا كىيىم كىچەكلىرىنى كىيىشلەرنى ئۆگۈتىپ تەربىيەلىمەكتە ! كىچىكىدىن ئىسلام دىنىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن سەبىيلەر چوڭايغانسىرى جەمىيەتنىڭ ھەر خىل مۇھىتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭماقتا.
      دىندىن ئازراقلا بىلىمى بار كىشىلەر ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ دىننىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ، نىمىنىلا قىلسا يامان بولىدۇ ، ۋاي ئۇنداق ئەمەس دەپ جار سېلىپ ،كىشىلەرگە  قىيىنلىق تۇغدۇرۇپ ، دىندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرماقتا . بىز دىنىمىزنى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن تۇلۇق چۈشەنسەك ، ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ، دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز ، شۇ ئاساستا كىچىكىدىن باشلاپ پەرزەنتلەرگە شەرمىي -ھايا ، ئۆرۈپ- ئادەت ، ئېسىل ئەنئەنىلەرنى سىڭدۈرەلەيمىز ، چىن ئىخلاسىمىز بىلەن سىڭىپ كىرسەك، چۈشەنسەك ، مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز . ئۈستىمىزدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلايلي .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
3342
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
710
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 12:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن  !!! ئىسلام دىننى توغرا چۈشىنەيلى

ئاتامان

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 13:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم جىن!كۆرۈشمگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! سىزگە ۋە باشقا ئەزىز مۇنبەرداشلارغا سېغىنىپ سالام!
تېمىڭىزنى ھاياجان بىلەن، قايىللىق بىلەن ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتىم؛ نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرغا، بىلىمگەئېرىشتىم. بۇ پىكىرنىڭ ھۇزۇرىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. سەۋەب شۇكى، سىز گويا مېنىڭ قەلبىمدىكىنى ۋە ئازابلىنىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرىنى بىلۋالغاندەكلا ھەمممىز، جۈملىدىن زىالىيلىرىمىز چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بىرى بولغان ئەقىل بىلەن ئىسلامنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشپىسز.ئابدۇقادىر داموللام، چىنگىزخان داموللام، تۆرەم، ئابدۇلئەزىز داموللام،ئەھمەت زىيائى، مۇھەممەت سالىھ داموللام قاتارلىق ساناقلىق ئىلىم ئۆلىمالىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىىغاندا، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر زىياللىرلىنىڭ كۆپى، جۈملىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممتئىمىن، قېقىىنۇس، ئىسلامجان شېرىپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنىڭ چولتىلىقىغا باقماي، ئىسلام دىنى ئەھكاملارنى،  ئىديە سىستېمىلىرىنى يا ياراتماسلىق، يا ھاقارەتلەش، يا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى ئاشكارلىغانىدى. بۇ جەرياندا  زىيالىلار بىلەن ئىلىم ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەندى. بۇ ئۈزۈكچلىك ھېلىھەم ساقلانماقتا.
      ئەمدى ياش ئىزدەنگۈچىلەر مۇنداى بىھۇدە  يۈزلىنشىكە خاتىمە بېرىشى لازىم. بۇ ئىشتا داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمدەك، ئادىل تۇنيازدەك، سىزدەك، ھەبىبۇللا توختىدەك، ئاۋاردەك بالىلار بىلەن پىكىرلشىپ، ھەمكارلىشىپ، دىئالوگلىشىپ قىلدىغان ئىشلار جىق. مەن بۇ تېمىڭىزنى ئەنە شۇنداق باشلىنىشنىڭ بىر مۇقەددىمسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     خەۋىرىڭىزدا بولغنىدەك(ئەرەب ھېكمەتلىرىدە ئېيىتلغاندەك)، "ئادەم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىنىڭ دۈشمىنى".ھەقنى تونۇمىساق قەلبمىىزنىڭ قارڭغۇلشىدىغانلىقى، ئەقىل تاپمىساق، بىلىم ئۆگەنمىسەك كاللىمىزنىڭ ھەر قاچان زىندانغا ئايلنىدىغالىقى ئېنىق. ئەمما، مەيلى ئسلامىي بىلىملەر بولسۇن ۋە ياكى پەننىي بىلىملەر نۇقتىسىدىن بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھلىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن، ئاشۇ دېڭىزدنىڭ چوڭقۇرىدىكى سىرلارنى بىلشىكە قادىر بولالمايۋاتقان سەيياھلارمىز. بىرىمىز بىلگەننى يەنە بىرىمىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇڭا بىز ھەمكارلىشىايلى، دىئالگلىشايلى، ئۆزەڭگە سوقاشتۇرىدىغان، قارشى تەرەپنىڭ ئەمگىكىنى سوغۇق نەزەردە كۆزىتىدىغان، بىلمىىگەن نەرسىمىزگە قارا-قويۇق تون پىچىدىغان ناچار ئىلىم ئەھلىلىرىنى دورىمايلى(ئەلۋەتتە سىز ۋە مەن ئىسمىنى تىلغا ئالغانلار ئۇنداق ئەمەس).
      گەپنى قىسقارتاي، تېما ئۇچۇرغا، بىلمىگە تويۇنۇپتۇ. نەپ ئالدىم. سىزگە قايلىققىمنى يوشۇرماستىن ئېيتىشىم كېرەك. بۇ جەھەتتە سىزدىن ئۆگىندىغان يەرلىرىم جىق.
      مەن "ئۇيغۇرزادەنى ئەسلەپ قالدىم"دېگەن تېمىدا ئىپادە بىلدۈرگەندەك، ئالدراشلىقىمنى 11-دىكابرغىچە تۈگىتىپ 12-چېسلا ئەتراپىدا كىرمەكچى. ئەمما بۈگۈن تاسادپىي پۇرسەتتە بۇ تېمىڭىزىنى بايقىدىم ۋە ئىرادەم ھەم پىلانىمغا خىلاپ ھالدا بۇ قۇرلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن يېزىپ تۇردۇم.تېمىڭىزغا بولغان قايىلىققمنى ھازىرچە مۇشۇنداق ئاددىي ئىپادىلەپ تۇراي.
مۇنبەرگە رەسمىي كىرگەندە چوڭقۇرلاپ پىكىر قاتناشتۇرىمەن.كۆرۈشكىچە ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن!

باھا سۆز

tayanq  ئاللامۇ بەزىدە ئۆزى ياراتقان بەندىگە ھورمەت قىلىدۇ . ئۇ مىھرىباندۇر.  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:52:18
tayanq  مەن ياراتقان بەندە تۇرۇپ مەن ياراتقان بەندىنى ياراتماسلىققا نىمە ھەددىڭ›  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:49:52
http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
2104
يازما
118
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3758
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 17:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، لېكىن  قانچە قىلىپمۇ تۆۋەندىكى قۇرلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم .

<11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - تەپەككۇر، ھېس - تۇيغۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < ئەڭ ئۇلۇغ ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن بىرى بىز ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئېتىقادىنىڭ تەتۈرسىگە بىرخىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ياكى بۇ خىل كۆز قاراش يالغان نەقىل قىلىنغان دەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالمىغان تەقدىردە، سېنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭ، ئەقىل- تەپەككۇرىڭ يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئىتقادىغا قارشى ھالدا ئۇنىڭ كۆزقارشىغا ئىشەنمە! >
---------
ئەقىل اللەنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ نىئمىتى، لېكىن ئەقىل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەقىلغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك، چۈنكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقىل بىلەن ئىسپاتلاشقا ئاجىزمىز.

باھا سۆز

altunbarmak  مۇشۇنداق يىڭى مەزمۇنلار بۇلسا يۇللاپ تۇرسىڭز ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەرسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 21:38:20
bihlan-0903  ناھايىتى ياخشىكەن .............  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 20:14:34
كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش