- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 457
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15898
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-28
- UID
- 2517
- يازما
- 457
- تېما
- 24
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15898
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-28
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 10قەۋەتتىكىakattrgvl يوللىغان 2010-11-29 10:41 غا قارتىلغان :
مانا ئەمەسمۇ ،مەن تېخى تۇنۈگۈنلا بىر تېما يوللىسام مۇنبەرگە چىقمىدى ،باش بەتتىلا يېڭى يوللانغان تېمىلار قاتاردا شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپ كېتىپتۇ بىراق ئاچسام ساندان ئوقوش خاتا ياكى ئۆچۈرۈلگەن .........دەمدۇ بىر نەرسىلەر چىقۋالدى .مەنمۇ شۇ ئۇ تېمنى ئەلكۈيى باش بەتتىن ئالغان .يا بىر قانۇنسىز تېما ئەمەستى ئۇ .ئەسلىدە مەن بىرەر باشقۇرغىچىغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقاي دەپ ئەتتىگەندىلا كىرگەنتىم ،ماۋۇ ئاتەش ئەپەندى مېنىڭ يۈرەك سۆزۈمنىلا دەپتۇ ،شۇنىڭغا مۇشۇ تېمىغىلا ئىنكاس قالدۇراي .  _____________
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن!
مەن تېما تەستىقلاش سۇپىسىغا چىقىپ كۆپلىگەن تېمىلارنىڭ قاتار تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، كىرىپ تەستىقلاپ قوياي دېسەم، مېنىڭ ھوقۇق دائىرەمدىكى تېمىلار ئەمەسكەن، يانا چىقىپ كەتتىم، ئەتىسى كىرسەم يەنە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەستىقلاپ قوياي دېسەم «سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ» دېگەن خەت چىقىپ تەستىقلىيالمىدىم، بولۇپمۇ ئاق ئەتتىرگۈل يوللىغان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىنى تەستىقلاپ، ئۆزۈم تۇنجى ئوبزورنى يازاي دەپ تەستىقلىسام بولماي قالدى، چۈنكى مەن شېئىر، قەلەمداشلار سەيناسى، نەسىر ئوبزور دېگەندەك تېمىلارغا مەسئۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلىرىنى تەستىقلىيالمايدىكەنمەن.
مەن مۇنبەر قۇرغۇچى ئالدىدىمۇ، ئەزالار ئالدىدىمۇ تىل قىسىنچىلىقىم يوق، چۈنكى، مەن ماڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلدىم، ئۇنىڭدىن سىرت مۇنبەرگە كىرىشىمگە كەينى كەينىدىن كېلىۋاتقان بىر پاتمان ئەرز ئۇچۇرلىرىغا، مۇنبەر قۇرغۇچى بولمىساممۇ سەمىمىي جاۋاب بېرىپ ئۇلارغا چۈشەندۈرىمەن. ھەرگىز ئىتىبارسىز قارىمايمەن. لېكىن بەزى تېمىلارغا سەمىمىي تەكلىپ ئىنكاس بېرىش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلارنى تەستىقلاپ قويۇش ھەم مۇنبەر ۋە باشقۇرغۇچىلار ئۈستىدىن بېرىلگەن ئىنكاسلارغا سەمىمىي جاۋاب بېرىش سەۋەبلىك، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇمغۇ دەيمەن، مەن ئۇنى پەرۋايىمغا ئېلىپ قويمايمەن، چۈنكى مەن بۇ مۇنبەرگە ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كىرگەن، كەڭ ئەزالارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۈمۈتۋار ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى بىلەن باشقۇرغۇچى بولدۇم ھەم ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ كەلدىم.
ئەمدى جىددىي ئىشلىرىم چىقىشقا باشلىدى، شۇڭلاشقا مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمەسلىكىم، ئەزالارنىڭ ئۈمۈدىنى، ئىشەنچىنى يەردە قويۇشۇم مۇمكىن، لېكىن ۋاقتىم چىقسىلا كىرىپ تۇرىمەن. تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىمەن. چۈنكى يۈرەك ئۆزۈمنىڭ، تىلىم ئۆزۈمنىڭ. ئۈمۈتۋار ئەپەندىمنىڭ كەڭ مۇنبەرداشلار ئۈچۈن، جاپا چەككەن ئەجرى ئۈچۈن مەن ئەلكۈيىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىمەن، شۇڭلاشقا مېنىڭ ئەلكۈيىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇمدىن بىزار بولغان ئايرىم باشقۇرغۇچىلار خاتىرجەم بولۇڭلار ئەلكۈيى مەۋجۇت ئىكەن نازى ۋاقتى بولسىلا بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ھەممىڭلارغا ئامان ئېسەنلىك تىلەيمەن. |
|