- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 374
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12580
- تىزىملاتقان
- 2008-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-18
- UID
- 405
- يازما
- 374
- تېما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12580
- تىزىملاتقان
- 2008-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-18
- توردا
- 0 سائەت
|
باشقۇرغۇچى قارىماققا ئاساندەك ، تورداشلار تىمىنى يوللاپ قويسىلا باشقۇرغۇچىلار شۇ تىمىنىڭ قانۇنسىز ياكى ئەمەسلىكىگە ، كۆچۈرۈلگەن ياكى تەكرار تىما ئەمەسلىكىگە قاراپلا تەستىقلاپ قويىدىغان ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس . تورداشلار تىما يوللسا باشقۇرغۇچى شۇ تىمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر خەتنىڭ ئىملاسى ، توغرا خاتالىقى دىگەندەكلەرنى بىرمۇ - بىر توغۇرلاپ ماڭىدۇ . لىكىن ھازىر باشقۇرغۇچىلار ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل ئەمەس ( بىر قانچە باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا )
ئۆتكەندە يىڭىدىن باشقۇرغۇچىلارنى تەڭشەش ئىلىپ بارغاندا ئۈمۈتۋار قانداق تىمىلارنىڭ تەستىقلىنىدىغان ، قانداق تىمىلارنىڭ تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا تورداشلارغا ۋە باشقۇرغۇچىلارغا قارىتا تىما يوللاش ۋە تىما تەستىقلاش توغرىسىدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويغان . شۇنداقتىمۇ يەنە بىر قىسىم تورداشلار شۇ بويىچە تىما يوللىدى ، لىكىن يەنە بىر قىسىم تورداشلار ئۆزى بىلگەنچە يوللىدى . باشقۇرغۇچىلارمۇ دەسلەپ شۇنداق ئاكتىپ تىما تەستىقلاپ ، ھەر بىر تىمىنڭ ئىملا خاتالىقى بولسۇن ياكى باشقا خاتالىقلار بولسۇن ھەممىنى جايى - جايىدا ئوڭشاپ ماڭدى . لىكىن يىقىندىن بىرى تىمىلارنىڭ تەستىقلىنىش سۈرىتىمۇ ئاستا ، تەستىقلانغان بەزى تىمىلار ، تورداشلار قانداق يوللىغان بولسا شۇ پىتى تەستىقلىنىۋاتىدۇ . مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىقمۇ ئۆزگىچىلىكنى ۋە يوشۇرۇن قابىلىيەتنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ماھارەت . تورداشلار تىما يوللىسا ، ئۇنىڭغا ھەر خىل شەكىللەرنى ، ماس رەسىملەرنى ، مۇزىكىلارنى كىرگۈزۈپ تەستىقلىسا ، تىمىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ ھوزۇر بىغىشلايدۇ . ئەڭ موھىمى تىما يوللىغۇچىغا مەدەت ۋە ئىلھام بولىدۇ - دە ، تىما يوللاش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
تىمىلار سەۋەپسىزلا ئۈچۈرلۈپ ، تەستىقلانماسلىق سەۋەبى نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىزنىڭ رايىنى ياندۇردى . شۇنچە تىما يوللىغۇسى بولسىمۇ ، ئەنە شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇنبەرنى كۆرۈپلا چىقىپ كىتىدىغان ، تىما يولىمىسىمۇ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇ سەۋەپتىن مۇنبەرنىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭدى . |
|