بۇ 18قەۋەتتىكىkokasman يوللىغان 2010-11-28 15:42 غا قارتىلغان :
سىز بەلكىم بىلمىسىڭىز كېرەك، قومۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوغۇل بالىلارنى <ئەر بالا> دەپ ئاتايدۇ، قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىمۇ ئەنە شۇ قومۇل تاغلىق رايونلىرىدىكى<ئەر>لەردىن باشلانغان، خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغاندەك تاغلىرىنىڭ ئۈستى قىش - ياز قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى.<ئىز >ناملىق شېئىردا ئېيتىلغاندەك سانسىزلىغان ئەرلەر دەشت چۆللەردە قەبرىسىز قالغان، خەلقنىڭ دەرت- ئەلەملىرىنى سىڭدۈرگەن بۇ ناخشا قانداقتۇر ھاززىرقى ئىشىق - مۇھەببەت ناخشىلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمىغان! ناخشا تېكىستىنى قايتا بىر ئوقۇپ بېقىڭ قېرىندىشىم! 
بۇ ئىنكاسقا 20 تەڭگە مۇكاپات بېرىلسۇن. بولۇپمۇ <قومۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوغۇل بالىلارنى <ئەر بالا> دەپ ئاتايدۇ،> بۇ سۆز قۇمۇلدىن باشقا يۇرتلىقلار ئۈچۈن يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ ....مۇبارەك سىڭلىم قېنى سىزززززززز؟ بۇ ئىنكاسنى مۇكاپاتلاڭ .