بىر كۈنى مۇشۇ يالغۇز بوۋاي خۇپتەندىن يېنىپ ئۆيىگە كېتىۋاتسا ، يول بويىدىكى بىر ئۆينىڭ ئارقا دەرىزىسىدىن بىر ئايالنىڭ يېقىملىق ئاۋازدا :
- ھىم ئەجەپ خوشياقتا ! ھە ...سەل ئۈستىگەرەك ... سەل سول تەرەپكە ، سول تەرەپكە...ھىم ... - دىگەن ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. شۇ ئەسنادا يالغۇز بوۋاي قىزىقسىنىپ بۇلار زادى نىمىش قىلىۋاتقاندا دەپ ئۆزىچە قاراپ باققۇسى كەپتۇ ... لېكىن دەرىزە ئىگىز بولغاچقا بويى يەتمەي شۇ كېچىدە تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ، ئۇ يەر -بۇ يەردىن پارچە - پۇرات خىش، كىسەكلەرنى يىغىپ كېلىپ ئۇستى -ئۈستىلەپ تىزىپ ئاندىن ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ قارىغۇدەك بولسا ئۆزىگە ئوخشاش بىر يالغۇز موماي 7 ياشلىق قىز نەۋرىسىگە دۈمبە قاشلىتىۋاتقان ئىكەن ...
