
قېرىلارنى شاش قىلىۋېتەمسىلەر قانداق يامان باللا جۇمۇ سىلەر،ئەمىسە مەنمۇ يانمىدىم.
بارچۇق بەگ ئايالىنىڭ توردىكى ئاياللاردىن كۈنلىشى بىلەن مۇنبەرگە ئانچە كىرمەپتۇ . بۇنىڭدىن غەلىيتىلىك ھىس قىلغان نەفىسە خاپا بولۇپ يۈرگەندە - تۇپراق بەگ بىلەن غالىبىيەت كوچىسىدىكى لەڭمەنخانىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ ؛
ھوي -بارچۇق بەگ ، يېقىندىن بۇيان مۇنبەرگە ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالدىڭىزغۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ نەفىسە قىززىق ئاش سۈيىنى بىر ئوتلىغاچ .
- ھە ، شۇ يېقىندا ئايالىم تۇغۇت ئۈچۈن بىر نەچچە كېچە ئازاپ چەكتى - دەپتۇ تۇپراق بەگ يۈزى سەل قىزىرىپ .
.......ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ئۇلار يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ :
- ھەي بالاڭزا ، تېمىللىرىڭ يەنىلا كۆرۈنمەيدىغۇ مۇنبەردە ، باشقىلار سېنى سېغىنىپ قالدى ، ئايالىڭ توشقان ئەمەستۇ - تۇغۇۋېرىدىغان ؟
زۇۋانى ئۆچكەن تۇپراق بەگ ئارانلا - سەن بىلمەپسەندە ، ئايالىم تۇغۇت دوختۇرى ئىدى .... - دىيەلەپتۇ.......
ئاھۇ كۈندە باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ يەنە خوشنىسىنىڭ بالىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيگە كىرىپ ئۇ بالىنى ئۇرىۋەتكەنلىكىنى خوشال بولۇپ ئانىسىغا دەپتىكەن. ئانىسى:
--سەن كۈندە باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن نىمىدەپ ئۇرۇشىسەن؟--دەپ تەستەك بىلەن بىرنى قۇيۇپتۇ.
ئاھۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ دادىسىغا «دادا، ئاپام مېنى ئۇردى» دەپتىكەن. دادىسى:
--ئۇرۇشما دىسەم ئۇرۇشساڭ، ئاپاڭ ئۇرىدۇ شۇ،--دەپلا دادىسىمۇ بىرنى ئۇرۇپتۇ.
ئاھۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، دادىسىغا بىرنى ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن دەپتىغۇ:
--نوچى بولساڭ، بىرگە بىر كېلە، ئەر-خوتۇن كەلمەي ......
بىر ئولتۇرۇشتا مەلەك ئۆزىنى تانسىغا تارتىدىغان ئادەم يوق زىرىكىپ ئولتۇرۇپتىكەن. ئۈرۈكجان ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ:
تانسا ئوينامسىز؟
مەلەك خۇشال بولغان ھالدا ئەلۋەتتە ئوينايمەن.
ئەمسە سىز ئوينىغاچ تۇرۇڭ مەن ئورنىڭىزدا بىردەم ئولتۇراي.
بىركۈنى باتىستا سەتراچخانىغا چاچ ئالدۇرغىلى كىرىپتۇ.
ئۇستام قانچە پۇل؟
10كوي
نىمە قىلغانغا شۇنداق جىق ئالىسىز؟
3كوي چاچ ياساش ھەققى7كوي چاچ ئىزدەش ھەققى.
مىھرىناز بىركۈنى ئۇكىسىغا نەسھەت قىپتۇ
ھەي ئۇكام ئادەم دىگەن كىچىكىدە دۆت چوڭ بولغانسىرى ئەقىللىق بولىدۇ شۇڭا سەن تىخىمۇ ئەقىللىق بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئوقۇ.
ئۇكىسى بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن:
-- ئەمسە سەن كىچىكىڭدە بەك ئەقىللىقكەنسەندە؟
بىركۈنى بىگانە مۇنبەر ئارىلاپ كىتىپ بارسا ئۇيغۇر بەگ ئاغزىدىن كۆك ئىس چىقىرىپ تاماكا چىكىپ تۇرغان شۇنىڭ بىىلەن بېگانە ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىشقا باشلاپتۇ:
-- ئاداش تاماكا چەكمە.ئۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق......................
ئۇيغۇربەگ ئۇنىڭ گىپىگە ئۇناپ تاماكا چەكمەيدىغان بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەن بىللە مۇنبەردىكىلەرگە تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن مىڭىپتۇ.
شۇنداق بىر تىمىغا كىرسە نىمجان دېگەن ئەر گوتونى تىكلەپ تازا ئىچىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن بېگانە ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپتۇ:
-- بوۋا يېرىم جان ئادام ھاراق ئىچسە بولمايدۇ، ھاراق ئادەمگە پايدىسىز....................
نىمجاننىمۇ قايىل قىلغاندىن كىيىن بۇئۈچ بۇرادەر يەنە بىرگە مىڭىپتۇ.........
مىڭىپ-مىڭىپ باشقۇرغىچىلار رايونىغا كىرسە لۈكچەك ھەدەپ ئاقنى ئۇكۇل قىلىۋاتقان ئۇيغۇربەگ ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ:
-- ئاداش ئاق چەكسەڭ..........................
لۈكچەك ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ كىتىپتۇ
بۇنى كۆرگەن نىمجان بىلەنبېگانە ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپتۇ.
نىمىگە يىغلايسەن بۇدا قىلمىساڭلا بولدى كىچىكمەيسەن...................
سىلەر بىلمەيسىلەر بۇ ئۇيغۇربەگ دىگەن دائىم نەشە چىكىۋاسىلا مۇشۇنداق قىلىدۇ.
تىلتۇمار ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ ئىستامبولغا بېرىپ قاپتۇ ، ئۇيەردە ئىشىكىنى يۇقۇتۇپ قويۇپ شۇنچە ئىزلەپمۇ تاپالماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر سارايغا چۈشۈپتۇ ، قوشنا ياتاققا بىر جۈپ ياش ئۇرۇنلاشقانىكەن ، تىلتۇمار ئەمدى
ياتاق ئالدىغا چىقسا قوشنا ياتاقتىكى ئەر ئايالىنى ئەركىلىتىپ :" شەھلا كۆزلىرىڭدىن پۈتۈن ئىستامبولنى كۈرىۋاتىمەن "
دەۋاتقۇدەك تىلتۇمار دەرھال قوشنا ياتاققا بېشىنى تىقىپ : ئۇنداقتا مىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئىشىكىمنى كۆردىڭىزمۇ ؟--
دەپ سوراپتۇ .
ئەسلى دىدار،لەيلى ...ئىشقىلىپ مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغا جاۋاب يازماقچى ئىدىم،ئەمما ئايەم كىلىۋاتىدۇ،ئۆيگە نەرۋىلەر كىلىدۇ ، ياخشىسى تەييارلىق قىلاي.