ئىبنى قۇتەيبىنىڭ< قىزىقارلىق تەمسىللەر> دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار،
بىر پادىشاھنىڭ ۋەزىرى ھەجگە كېتىپتۇ مۇقەددەس ماكاندا نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىپتۇ،نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپتۇ ، بىر كۈنى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا بىر بەدەۋى( سەھرادىن كەلگەن ساۋاتسىز ) زەمزەمگە قارىتىپ سىيگىل تۇرۇپتۇ، ۋەزىر ياقىسنى چىشلەپ ئۇنى تۇسۇپتۇ ، لىكىن بەدەۋى مەن چۇقۇم بىر يەرگە تاھارەت قىلىشىم كېرەك دەپتۇ ، ئەسلى ئۇ سىيىدىغان يەرنى تاپالمىغان ئىكەن، ۋەزىر ھەجدىن قايتىپ كەپتۇ پادىشاھ ۋەزىرىم ھەج سەپىرىدە نېمنى كۆرلە؟ دەپ سوراپتۇ ۋەزىر نېمىسىنى دەيلا بىز چوڭ بىلىدىغان زەمزەمگە ئۇ تاھارەت قىلدى دەپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي شۇنىلا سۆزلەپتۇ ،ئەسلى ۋەزىرگە ئۇ ئىش بەك ھار كەلگەن، بەك تەسىر قىلغان ئىكەن ، ۋەزىرچە بولغاندا ئۇ بەدەۋى كىشى چوقوم زەمزەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ تاھارەت قىلىدىغان ماكاننى تېپىپ تاھارەت قىلىشى كىرەككەن ،
(بۇ كىتاپتا مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئىككى خېل ۋاريانتى بۇلۇپ بىرنىلا قالدۇردۇم)
ھاياتىمىزدا شۇنداق مىساللار كۆپ بۇ بىر ئۆگۈنۈش سورۇنى ھەممىمىز باشقىلارغا سەمىمى تەكلىپ بەرگەندە تەكلىپىم ئۇرۇنلۇقمۇ؟ مەن قانداق گەپ قىلىۋاتىمەن ؟ دېگەنلەرنى ئويلىشىپراق سۆزلىسەك بىز كۈتكەن ئەڭ ياخشى مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتالايمىز ،ئاخىردا سۆزلىرىمنى ئېغىر ئالماڭ سىزگە تازىم قىلىپ سالام قىلىۋاتىمەن ، مۇنازىرە قانداق بۇلۇش كىرەك ؟ دېگەن تېمىنى قالدۇردۇم ،
/viewthread.php?tid=6017