شائىرنىڭ نېنى
شائىرنىڭ نېنى
تېتىپ كەتتى مېغىزدەك ،
شېئرسىمان خېمىردا
ياققان چېغى بۇ ناننى
چېقىپتۇ شۇنداق تاتلىق
تۇنۇردىكى شئىردەك،
ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرغان نان
پەشمەت، ئۈزۈم، ھەر خىل دان
تۇمۇرىمىز بىر تۇتاش
خىياللىرمىز سەرگەردان,
كەلگەندە ئەلچى نېنىڭ كەلدى دەپ
خوش-خەۋەر بەرگەندە شائىر نېنى دەپ .
يۈرەكلەر ئۇسۇلغا چۈشتى شۇ زامان
شائىر قانداق تۇردى ؟ ساقمۇ تېنى ؟دەپ .
خىزىردەك قېيىن ئاتىسى سالام دەپتۇ ؛
ئۇقۇشى قانداق بولدىكىن ؟ دەپ غەم يەپتۇ .
تېىلفۇن نۇمۇرىمنى بىرىپ
ئەھۋال سۇراپ كەل دەپتۇ !
نان، شائىر ،خىزىردەك ئاتا ،
سىموۋۇل ئۇ بىزدەك مىللەتكە .
يىراقتا تۇرۇپ شائىر نېنىنى يىيىش
ئەمەسمۇ ئۇ زادى قىممەتكە ؟
تارىخ ياراتقان خىزىر ،
ئەلنى ئويغانقان شائىر .
كىچە دۈم يېتىپ ئەسەر يازغان ،
خىزىرغا ئايلانغان ئالىم ،
سىلەرگە خەۋەر كەتتى ئەي ئۇستازلار .
تاپشۇرۇپ ئېلىڭلار!
بەك ئۇبدان ،بەكمۇ ياخشى مىنىڭ ھالىم ،
نان يىدۇق دىمەك ،
تۇز يىدۇق دېمەكتۇر
تۇز قەسەمگە ئۆرنەكتۇر .
ئۆمرىدە تۇز يېيىشكەن كىشلەر ،
ۋاپادارلىق ئىلكىدە
دوسلۇق تولپارىغا مىنىپ
بىر-بىرىنى سۆيمەكتۇر .
يا قۇچاقلاپ ئۆلمەكتۇر،
يا ئۇتىدا كۆيمەكتۇر
ئەگەر تۇزغا داغ چۈشسە
دۆسلۇق چىرايدىكى سۆزنەكتۇر
تۇز، دۆسلۇقتا ئەينەكتۇر ،
نېنىڭنى يىدىم ئەي شائىر ،
شئىرلىرڭنى يىگەندەك .
ساڭا تىچلىق تىلەيمەن ،
ئامانلىقىڭغا كۆيگەندەك.
2010-10-30
ئاپتۇرى: جىن