مۇبارەك يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 14:10 
تۆمۈر خەلپىنىڭ خاتالىقىنى خوجىنىيازھاجىم يەنە بىر قېت ...
ئەگەر........بولسا دېگەن فورمىلاغا سالىدىغان بولساق دۇنيا تارىخىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر ئوسمان بۇغرا قاراخان قاراخانىيلار خانلىقىنى تىرىلدۈرەلىگەن بولسا.....
ئەگەر سەئىدخان تىبەتكە قىلغان يۈرۈشىدە ۋاپات بولمىغان بولسا....
ئەگەر ئىسمايىلخان سەئىدىيە خانلىقىنى تىرىلدۈرەلىگەن بولسا....
ئەگەر ناپالىئون ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان بولسا....
ئەگەر كوردوۋا خەلىپىلىكى 1492- يىلى مۇنقەرىز بولمىغان بولسا...
ئەگەر ھېتلىر موسكىۋانى ئالالىغان بولسا..........
ئەگەر ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان بولسا...
........................................................................................
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىممۇ، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېنىدىكى پىدائىيلارمۇ شۇنداق. مەن جەڭدە قۇربان بولغان پىدائىيلارنىڭ ئائىلىسىگە قانداق ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇلارمۇ شۇنچىلىك جەڭگىۋارلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئويغانغان زىمىن» رومانىدىكى بايانلارغا قارىغاندا خوجىنىياز ھاجىم ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا قورال بولمىغانلىقتىن 80 قويغا بىر تالدىن مىلتىق تېگىشىپ ئۇرۇش قىلغان ئىكەن. 80 قويغا بىر مىلتىق تېگىشكەن. قايسىڭلار دۇنيا تارىخىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر سودىنى بىلىسىلەر؟
مېنىڭچە، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.