ھەر يۇرتلۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەلكۈيىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسى. شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈمىد - ئارمانلىرىمىزنىڭ ئورتاقلىغىغا بولغان سۇلماس روھىدىن سۆيۈنۈپ، سۇئاللار دۇنياسغا سىزلەرنى باشلىدىم!
ئىلى
ئەخمەتجانىم ئامانمۇ
دەر چەككەنمۇ پىغانمۇ،
چىن تۈمۈر ھەم سادىرنىڭ
مۇشتى تاشمۇ، بازغانمۇ؟
قارا شەھەر.
تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ
ۋامۇق بىلەن ھۆزرەنىڭ،
قەبرىسىگە قاراپ باق
گۈل ئۈنگەنمۇ، ئازغانمۇ؟
ئاقسۇ
موللا مۇسا، نىم شېھىت
ھەم لۇتپۇللا مۇتەللىپ،
يىللار قالدى جاۋاپسىز
رەقىپ ئورا قازغانمۇ؟
قەشقەر
مەھمۇت ئۇستاز، يۈسۈپ خاس
ئاماننىسا چېلىپ ساز،
سېيىت ئەركەك ئۈزىگە
ئۈلۈم خېتى يازغانمۇ؟
خوتەن
ئابدۇرەھمان خان غۇجا
شېھىت كەتتى ئەلۋىدا!
شا مەمەتنىڭ راۋابى
راس سۆزلەمدۇ، يالغانمۇ؟
قۇمۇل
تۈمۈر خەلپە تۇغ بۇلۇپ
غۇجىنىياز چوغ بۇلۇپ،
ئابدۇخالىق تۇرپاندا
زەپەر سازى چالغانمۇ؟