- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 95
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3315
- تىزىملاتقان
- 2010-10-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-23
- UID
- 6629
- يازما
- 95
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3315
- تىزىملاتقان
- 2010-10-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-23
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 15قەۋەتتىكىyalghuz يوللىغان 2010-10-29 14:49 غا قارتىلغان :
ئالايلۇق:
ناۋادا تېڭشۈن ياكى بەيدۇ ئۆزىنىڭ دىتالىنى، تور بېتىنى 360 قاچىلانغان كومپيۇتېردا ئېچىلماس قىلىپ قويسا ، لىللا گەپ قىلىپ بېقىڭ،سىز 360نى داۋاملىق ئىشلىتىشنى تاللامسىز ؟ ياكى بولسا 360نى يۇيىۋېتىپ باشقا ۋىروسخور قاچىلاپ<<ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان >> QQ رىڭىزنى ئىشلىتەمسىز؟ ئەلۋەتتە بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. چوڭ بىلىق بىلەن كىچىك بىلىق ئېلىشقاندا زادى كىم يېڭىدۇ؟ كىچىك بىلىق قانداق قىلغاندا چوڭ بىلىقنى يىڭەلەيدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ پىكىر - ئويلىرىنى بىلىپ بېقىشقا قىززىقىۋاتىمىز ئەلۋەتتە. 
ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ 360 بىلەن قىيالمىغان ھالەتتە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ پويىز ئىستانسىسىدا ئەڭ ئامراق ئادىمىنى ئۇزىتىپ قويغاندەك خوشلىشىپ QQ نى داۋاملىق ئىشلىتىپ باشقا ۋىرۇسخور قاچىلاپ ئىشلەتسىمۇ بىراق تىڭشۇن يەنىلا يىقىنقى 10 يىلدىن بىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئابونتىلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ ئەلۋەتتە ، ئاۋامنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەرقانداق بىر تىجارەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەرگىزمۇ ئاۋامنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن ۋاقىتلاردىكىدەك تىز بولمايدۇ ، ئەگەر تىڭشۈن بەيدۇلار راستىنلا سىز دىگەندەك قىلسا ھازىرقى ئورنىنى ساقلاپ قىلىشىمۇ خىرىسقا ئۇچرايدۇ ، بۇنى ماخۇاتىڭ ، لى يەنخۇڭ لار بىزدىنمۇ ئېنىق بىلىدۇ ئەلۋەتتە . شۇڭا مىنىڭچە ئۇلار بۇنداق ئوچۇق ئاشكارا چەتكە قىقىش ۋاستىسىنى قوللانمايدۇ چۈنكى ھازىر 360 شىركىتى qqنىڭ مەخپىيەتلىك ئوغۇرلىغانلىقىغا ئىسپات قىلىپ، بىر تىزىملىكنى ئوتتۇرغا چىقاردى ھەمدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن تېڭشۈندىن تېخى خەۋەر يوق...
ئەگەر مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇلار بۇ خىل ۋاستىنى قوللانسا بىر جەھەتتە ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكىنىنى 360 نى ئاشكارلىدى دەپ ئۇنىڭدىن ئوچۇق ئاشكارا ئۆچ ئالغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ دە قاراشقا 360 بۇ ئىككى چوڭامنىڭ پەشۋاسىغا بەرداشلىق بىرەلمەي زىيان تارتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمىليەتتە بۇ چوڭاملارنىڭ تارتىدىغان زىيىنى تىخىمۇ چوڭ بولىدۇ ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭسىزمۇ رىقابىتى ھەرقانداق بىر ساھەدىن كەسكىن بولىدىغان جوڭگۇچىلىقتىكى IT ساھەسىدە 360 ، تىڭشۈن ، بەيدۇ قاتارلىق بۇ ئالدىنقى قاتاردىكى يىتەكچى كارخانىلاردىن قايسىسى زىيان تارتسۇن دەرھاللا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يىڭى يىڭى شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ شۇڭا نەتىجىنىڭ سىز دىگەندەك بولىشى ناتايىن خاتالاشمىسام ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 3- بىر تەرەپ كىلىشتۈرگەن ئاساستا 360 نىڭ زىيان تارتقىنى تارتقان بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ ، لىكىن بىزلەرنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى شۇڭا بۇ بىر قانچە شىركەتلەر ئۆز - ئارا مۇنازىرە جەريانىدا بىر - بىرىنىڭ كۆتىنى كولاپ تورداشلار خەۋەرسىز نۇرغۇن ئىشلار ئاشكارلانماقتا ،،،،،،قىنى قاراپ باقمايلىمۇ بۇ قىتىمقى دەۋا قانچىلىك داۋاملىشىدۇ . بۇلار مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋەرسە بىزلەرنىڭ چۈشىنىدىغىنىمىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ھەمدە قايتىدىن ئويلىشىپ تاللاشقا دۇچ كىلىشىمىزنىمۇ بىر نىمە دەپ بولمايدۇ ، بىر ھىساپتا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇشمۇ ئاقىلانىلىك ھە . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 20
باھا خاتىرىسى
|