بۇ 8قەۋەتتىكىbulbulgoya يوللىغان 2010-10-25 23:07 غا قارتىلغان :
مۇنۇ ئىنكاسىڭىز،يەركەنلىك ئىككى جۈپ قىززىقچىلارنىڭ :ئاماننىساخاننى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئوردىغا ئەكىرمىسە،ئاماننىساخان جاڭگالدا مۇقام ئىجاد قىلالامتى ؟ دىگەن جۈملىلىرىنى ئىسىمگە سېلىپ قويدى .
توغرا ئۇلارنىڭ گېپىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار
ماھىيەتتە ھەر قانداق بىر دەۋردە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خاراب بۇلىشى شۇ دەۋر سىياسىتى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن ئابباسىلار دەۋرى(بولۇپمۇ ھارۇن رەشىد دەۋرى) دە ئەرەب ئەدەبىياتى مىسلىسىز گۈللەنگەن،
يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان بابۇر ۋە ئوغلى ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر زامانىدا ھىندىستان مەدەنىيەت ئوچىقىغا ئايلانغان،
ئەمىر تىمور دەۋرىدە سەمەرقەنت شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان شەھەرگە ئايلانغان
شۇنداقلا مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان دىيارىمىزدىمۇ قاراخانىيلار ۋە سەئىدىيەلەر دەۋرى دانا سىياسىيونلارنىڭ
دانا سىياسىتىدە زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىگە كۆز يۇمساق تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز،
ئەقەللىيسى مەدەنىيەت ئىنقىلابى بىلەن ھازىرقى ۋاقىتنى سېلىشتۇرغان ئادەم مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي تېپىشىدا
سىياسەتنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ