خانلىق قۇرغۇچىسى سەئىدخان
مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سەئىدىخان موغۇل خانلىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئاق كىگىزدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ خان بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ياركەنت، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت بۇ زىمىنغا خانلىق سەلتەنەتىنى تىكلەپ، ياركەنتنى پايتەخىت قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. خانلىق سەلتەنەتىنىڭ نامىنى ئۆز ئىسمى بىلەن سەئىدىيە خانلىقى دەپ ئاتىدى . ................. ئۇ ئەلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن غەلبىلىك ھەربىي يۈرۈشلەرنى قىلىپ پامىر ئىگىزلىكى، بەدەخشان، كۇچارنىڭ غەربى، قارا قۇرۇم، تالاس، نارىن دەريا بويلىرى، ئىسسىق كۆل ۋە پەرغانە ئويمانلىقى، كەشمىر قاتارلىق جايلارنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالدى. يەتتە سۇ ئەتراپىدا ياشايدىغان قازاق قەبىلىلىرىمۇ ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا بىقىندى. تەڭىرتېغىنىڭ شىمالىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ مىلادىيە 1516-يىلى 2-ئايدا ئاكىسى سۇلتان مەنسۇرخان بىلەن ياراشتى. مەنسۇرخان سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىگە رەسمىي ئۆتتى . شۇنىڭ بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زىمىن تېرتۇرىيىسى تېخىمۇ كېڭەيدى.
سۇلتان ئابدۇرەشىتخان
سۇلتان ئابدۇرىشىتخان-1514-يىلى قۇرۇلغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-خانى بولۇپ، 1533-يىلى سەئىدىيە خانلىقى تەختىگە چىقىپ،1570-يىلى يەكەندە قازا قىلغان ھەم ئالتۇنلۇققا دەپىن قىلىنغان.
ئاماننىساخان
ئاماننىساخان ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىرە ، مەرىپەتچى ۋە ئىستېداتلىق مۇزىكانت . ئاماننىساخان 1534-يىلى دولاننىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى مەھمۈد ئىسىملىك ئوقۇمۇشلۇق سازەندە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . دادىسىنىڭ كۆڭۇل قويۇپ تەربىيلىشى بىلەن كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ، ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتىنى ۋە مۇزىكا ئىلمىنى ئۆگىنىپ شىئىرى ئىجادىيتىنى باشلىغان . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ، ئۆزى يازغان شىئىرلارنى مۇقام ئاھاڭلىرىغا سىلىپ ئوقۇغان . ئاماننىساخان يەنە خەتتاتلىقتىمۇ كامالەتكە يەتكەن . ئاماننىساخاننىڭ ھۆسن-جامالى ، ئەقىل-پاراسىتىگە مەھلىيا بولغان ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلات پادىشاھى ئابدۈرەشىدخان ئۇنى نىكاھىغا ئالغان .
ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئەدەبىي ۋە مۇزىكا ئىجاددىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئاماننىساخان 12 مۇقامنى رەتكە سىلىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىگە تۇتۇش قىلغان ۋە يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدىكى 12 مۇقامنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرغان . ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا << دىۋانى نەفىسى >> ، << ئەخلاق جەمىلە ( گۈزەل ئەخلاق ) >> ، << سۇرۇھۇل قۇلۇب ( قەلىبلەر شادلىقى ) >> ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . يەنە << ئىشرەت ئەنگىز ( شادلىق قوزغىغۇچى ) >> ناملىق يېڭى مۇقام ئىجاد قىلغان . ئاماننىساخان 1567-يىلى 33 يىشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىشىنى ئاماننىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
قىدىرخان يەركەندى .... سەئىدىيە دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر مۇقانشۇناس ،مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ،شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى . ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئىنىق مەلۇمات يوق ،لىكىن يەكەندە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا تىرىشىپ ئۇگۇنۇپ ئەتراپلىق بىلىم ئالغان . ئەدەبىيات ، مۇزىكا ، لوگىكا ،پەلسەپە ،تارىخ پەنلىرىدە ئۆز دەۋرىنىڭ تالانتلىق كىشىسىگە ئايلانغان . ئۇ ياش ۋاقتىدا ئاماننىساخاننىڭ تەكلىپ بىرىشى ۋە ئابدۇرېشىتخاننىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئوردىغا كىلىپ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا ئابدۇرېشىتخانغا ئىلىم - پەن ،مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى بويىچە ۋەزىرلىك قىلىش ۋە مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۇزگەن .خانلىقنىڭ بىرلىكى ،تەرەققىياتى ،مەدەنىيەت ،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جانلىنىش يولىدا ئابدۇرېشىتخانغا پايدىلىق مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن . جەمائەت قۇرۇلىشى ، خەلق تۇرمۇشى ،قانۇن - تۇزۇمگە دائىر ئىشلارنىڭ كۆپۇنچىسى قىدىرخاننىڭ تەكلىپى بويىنچە يۇرگۇزۇلگەن .ئۇ مۇزىكا ئىلمىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولۇپ ،ئۇنىڭ داڭقى چەتئەللەرگىمۇ تارقالغان . سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا قۇرۇلغان مۇزىكا مەكتىپى ئۇنىڭ داڭقى ۋە شۆھرىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇنغا ئايلانغان ،ئىراق ،ئىران ،تەبرىز ،خارازىم ،سەمەرقەنت ،ئەنجان ، ئىستامبۇل ، كەشمىر ، بەلخ ، شېراز قاتارلىق جايلاردىن مۇزىكا ئۇگىنىشكە كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىمى بىلەن ئەمىلىي ئىقتىدارىنى پۇتۇن شەرىق ئالىمىگە تاراتقان. ئۇ< ۋىسال > ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ ئۆز شاگىرىتلىرىغا ئۇگەتكەن . ئۇ يەنە مۇزىكا ئوقۇتۇشنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن مۇزىكا پىنى ھەققىدە بىر قانچە نەزىرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان .قىدىرخان ئابدۇرېشىتخاننىڭ شەرت - شارائىت يارىتىپ بىرىشى بىلەن ئاماننىساخان ۋە ئۇنىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكا ھەمدە ئۆز شاگىرىتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلقك مەنىۋى بايلىقى بولغان <12 مۇقام > نى رەتلەپ نوتىغا ئالغان .ئۇنىڭ تېكىسلىرىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىپ ،ناۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلار توپلىمى بولغان <چاھار دىۋان >دىكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئەڭ يارقىن ۋە نەپىس شېئىرلىرى بىلەن بىيىتقان .بۇنىڭ بىلەن ناۋايىنىڭ ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرىنىڭ داڭقىنى جاھانغا تونۇتۇش،<12 مۇقام > نى زامانىمىزغىچە يەتكۇزىشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ،خەلق ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئىرىشكەن .ئۇنىڭ يەنە <دىۋان قىدىرى > دېگەن شېئىرى توپلامنى تۇزگىنى مەلۇم .قىدىرخان سەئىدىيە دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى ،مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئۆچمەس تۆپىلەرنى قوشقان ئالىم ،مائارىپچى ،دۆلەت ئەربابى . ئۇ 1572 - يىلى يەكەندە ۋاپات بولغان .
بابۇر
سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىستېداتلىق ئالىم، مۇتەپپەككۇر شائىر، ئۇلۇغ ھەربىي سەركەردە، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى زەھرىدىن مۇھەممەت بابۇر 1482-يىلى خان جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1530-يىلى قىرىق سەككىز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىننىڭ شۇ ناملىق كىتابىدا مۇشۇنچىلىك سۆزلەنگەن.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم نامايەندىلىردىن بىرى بولغان تارىخىچى ئالىم شاھ مەھمۇد ئىبىن مىرزا فازىل چۇراس سەئىدىيە خانلىقىدا يېتىلگەن پاراسەت ئىگىسى، داڭلىق تارىخشۇناس ۋە ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر بىن مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان (1500-1551) كېيىن مەيدانغا كەلگەن تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ <تەۋارىخ> ناملىق نادىر ئەسىرى، <ئەنىسۇتتالىبىن> (ئىلىم ھەۋەسكارلىرى دوستى) ناملىق ئىككى پارچە مەشھۇر ئەسىرى زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن.
ئاتاقلىق تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر كۆرەگاننىڭ <تارىخى رەشىدى> ناملىق ئەسىرى <شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇغلۇق تۈمۈرخاندىن تارتىپ تاكى ئابدۇرېشىتخان دەرۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى 200 يىللىق تارىخنى يۇرۇتۇپ بەرگەن، ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىبلىنامە، باھاسىز ماتېرىيال> دېيىلگەنتى. ئەمما، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە مىلادىيە 1546-يىلدىن كېيىن تاكى 1682-يىللارغىچە بولغان يەكەن خانلىقىنىڭ ئۇزۇن تارىخى دەۋرىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە تارىخىشۇناسلار ئالدىدا ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولغان ئىدى. مەيلى ئۇيغۇرچە قوليازما مەنبە ياكى خەنزۇچە قوليازما مەنبەلەردە بولسۇن بۇ ئارىلىق ئاق قىلىپ كىلىۋاتاتتى. ئەنە شۇ ئارىلىقنى تولدۇرۇشتا شاھ مەھمۇد چۇرۇسنىڭ <تەۋارىخ> ناملىق ئەسىرى بىزنى مول تارىخى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشتە زور تەتقىقات قىممىتى ۋە رىئال تارىخى قىممەتكە ئىگە.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى يوللانمىسى