بۇ 6قەۋەتتىكىalip28 يوللىغان 2010-10-23 03:20 غا قارتىلغان :
ئەگەر yalghuz نىڭ باش سۈرىتىدە بوۋاق بالىنىڭ رەسىمى بولغان بولسا ، بوۋاقلارمۇ تورغا چىقالايدىكەن دەپ ھەيران قېلىپ شېئىردىن بىرنى يازاتتىڭىزكەن ھە ؟
تازا چۈشىنەلمىدىممۇ ئىشقىلىپ بۇ شېئىردا نېمە دىيىلمەكچى بولغىنىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.... 
مەن ئانچە ھەيران قالمايمەن. چۈنكى بەزى بوۋاق سۆرەتلىك تورداشلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئېۋۇ بوۋايدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قاراڭە، ساقالنى قويىۋېلىپ تەنتەكلىك قىلۋاتقىنىنى. بىز <تەكلىپ ۋە تەنقىد> ھەققىدە ئون نەچچە كۈندىن بۇيان <ياقتۇرۇش ۋە ياقتۇرماسلىق> ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلمىدۇق، بەلكى شۇ تەنقىدقە سەۋەپ بولغۇدەك < دەلىل ۋە ئىسپات>.
ئۇيغۇرزادىنىڭ ، جىن ئەپەندى ۋە لۈكچەكنىڭ <مۇنازىرە> ھەققىدىكى ئەدەبىي ئوبزۇرلىرىنى كۆردىڭىزمۇ بىلمىدىم.
ئۇلاردا تەكىتلەنگەن مەركىزى ئىدىيە شۇكى < تەكلىپ ۋە تەنقىد -دەلىل- ئىسپات ۋە ئەملىي پاكىتتىن ئايرىلالمايدۇ > دىگەن قىممەتلىك يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
مەن < يالغۇز >دىن ئاغرىنمىدىم. بەلكى ئۇنتۇپ قالغان ئاشۇ بىر جۈملە ئەقەلىي ساۋاتنى ئېسىگە سېپ قويماقچى.
تەنقىد بەرسۇن، توتېم ئەپەندىدەك دەلىل كەلتۈرسۇن. مەن قۇبۇل قىلىمەن. چۈنكى ، بىز تېخى <ئەدەبىياتنى چۈشىنىش >نىڭ <بوسۇغىسىدا > يۈرگەن <مۇساپىر مىز>.
ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە تالاي جەريان ۋە تىرىشچانلىقلار كېتىشى مۇمكىن.
ئەمدى سىزنىڭ <بۇ شېئىردا نىمە دىيىلمەكچى بولغىنىنى پەقەت چۈشەنمىدىم >. دىگەن مۆتىۋەر تەكلىپىڭىزگە كەلسەك،
بەزى نەرسىلەرنى <بەك چۈشىنىپ > كەتكەندىن ...<چۈشەنمەيلا> قويغان تۈزۈك.
مەسلەن: لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرىنى بىلەمسىز؟
ئۇنىڭدا بىر غەلىتە مەخلۇق بار ئىمىش. ئەمما ، بىچارە ئارخېلوگ ئالىملار ئاشۇ لوپنۇر كۆلىنى <چۈشىنىپ > چىقىمىز دەپ 1987- يىلى 6- ئاينىڭ 22-كۈنى بىر ئالىم شەرەپلىك قازا قىلدى.
1998- يەنە 6-ئاينىڭ 22 -كۈنى شاڭخەيدىن كەلگەن داڭلىق بىئولوگ دېڭ ئەپەندىمۇ بۇ سىرنى <چۈشىنىپ> بولالماي، شەرەپلىك ھالدا لوپنۇر سازلىقىدا ۋاپات بولدى.
مەن ئۇشبۇ ئالىملارنىڭ ۋاپاتىغا پۈتۈن جۇڭگولۇقلارغا ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. رەھمەتلىكلەر ياخشى كىشىلەر ئىدى.
شۇنىڭدىن بۇيان جۇڭگو تەبىئەتشۇناسلىرى <لوپنۇر كۆلىگە 6- ئاينىڭ 22-كۈنى <چۈشىنىش> تىن ئېھتىيات قىلغان ۋە <قەتئىي كىرمەسلىك> كە ئاگاھلاندۇرغان.
ھۆرمەتلىك ئالىپ ئەپەندى، ئۇشبۇ ئىككى جۈملە ئىنكاسىڭىزغا بىر مۇنچە <چۆچەك>لەرنى قالدۇرغنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
يەنە باشقا تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىز بولسا ئېۋۇ تەكىتلەپ ئۆتۈپ كەتكەن بىر جۈملە بايانات بىلەن تەكلىپ ۋە تەنقىد بەرسىڭىز سەمىمىي قۇبۇل قىلىمەن. ئەمما <يالغۇز > بوۋايدەك، ئۆزى <تەنتەك> تۇرۇپ < ساقال> تاقىۋالغان < رىياخور>لاردەك قىلمىشلارنى قەتئىي كەچۈرەلمەيمەن.
چۈنكى ،
<دادام -شۇنداق ئۆگەتكەن.>
ئۆرۈكجان.