- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1582
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- UID
- 2091
- يازما
- 1582
- تېما
- 53
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- توردا
- 84 سائەت
|
دىۋانە دىۋانە بولۇپ كۈتەيمەن
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە
كـۆزۈمنىڭ تەخـتىگـە قاراشلىرىڭنى،
سۆزۈمنىڭ بەختىگـە سۆيۈشلىرىڭنى.
روھىمنىڭ ئەۋجىگـە كېلىشلىرىڭنى،
بىر غېرىپ دىۋانە بولۇپ كۈتـەيــمـەن.
سـەھـەردە تـوزىـغـان پىـراقـلىرىڭـنى،
مېنى دەپ يـورىـغـان چىراقـلىرىڭنـى.
جېنىمدەك چىقىرىغـان بېلىقلىرىڭنى،
بىر ئاشـق دىـۋانـە بولـۇپ كۈتـەيـمـەن.
قەبرەمگـە تاشلىنـار كۆينەكلىرىـڭنى،
ئىسمـىـم يـوق ئوقـۇلار دۇئالىـرىڭـنى.
بۇ مەندەك باغرى قـان يۇلتۇزلىرىڭنى،
بىر تـەنـھـا دىۋانـە بولـۇپ كۈتەيـمـەن.
كۈلبەم يوق، گۈلۈم يوق مەنزىللىرىڭنى،
كـۆزۈمـدە نەملەنگـەن نـەزمىللىرىڭنى.
بـۇ ماڭـا بىـمـەنسـۇپ بـەزمىللىرىڭنى،
بىر مەھبۇس دىۋانە بولـۇپ كـۈتـەيـمـەن.
پىشىـڭـدە ئـوقـۇي دەپ نامـازلىرىـمنى،
چىـڭ تۇتتـۇم ئىچىمـدە پـەرزلىرىڭـنى.
ھېچكىمـگـە ئېيتـالمـاي ئـەرزلىرىمنى،
دىـۋانـە، دىـۋانـە بـولـۇپ كـۈتـەيــمـــەن.
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx ... cID=4615&Page=3
|
|