- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 450
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14701
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- UID
- 2029
- يازما
- 450
- تېما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14701
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- توردا
- 3 سائەت
|
كۆيىۋاتقان گۇناھ
ئەكبەر ئىمام
ئىشەندىم گۈللەرنىڭ ساختىلىقىغا ،
ئىشەندىم سۆزلەرنىڭ ساتقىنلىقىغا .
تەقدىرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قولۇمنى ،
ئىشەندىم يار سېنىڭ ئازابلىرىڭغا .
گۈللەرنى باغرىمغا بېسىپ سەھەردە ، .
ئايلاندىم توزىغان گۈلگە شەھەردە .
بىر مىسكىن يۈرەكتىن تامچىغان قان بوپ ،
كۆكسۈمگە ئېسىلىپ سېرىلدىڭ يەرگە .
يالغانكەن يۇلتۇزنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە ،
بىر گۈزەل ھېكايەت شىۋىرلاشلىرى .
يالغانكەن سۇلارنىڭ سېنىڭ كۆزۈڭدەك ،
ھاياجان ئىچىدە دولقۇنلاشلىرى .
يالغانكەن سەھەرنىڭ سېنىڭ قولۇڭ بوپ ،
بۇ يۇمشاق چۈشۈمنى قۇچاقلاشلىرى .
يالغانكەن لىۋىڭنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىپ ،
تېنىمدە روھ كەبئىي لەپىلدەشلىرى .
ھېس قىلدىم مەن بۈگۈن سۆيگۈ دېگەننى ،
يۈرەكگە سانجىلغان گۆشلۈك خەنجەردەك .
يېرىلغان يۈرەكتىن ئىشىق ئاقىدۇ ،
بىر تامچە قان ياكى لەززەتلىك جاندەك .
2
كېچىنىڭ شېخىغا سەھەر قونغاندا ،
سۆزلەرنىڭ تېنىدىن نەملىك قاچقاندا .
مەن سېنى تەسەۋۇر قىلدىم يىلاندەك ،
تۇپراقنىڭ پوستىدىن گۇناھ ئاققاندا .
گۈرۈلدەپ كۆيىدۇ لەززەتلىك گۇناھ ،
جەننەتنىڭ نۇرىغا چۆمگەن بۇغدايدەك .
ئېسەدەپ تۇرىدۇ كۆكسى كېچىنىڭ ،
بۇ مېنىڭ ئېغىر ھەم ئىسسىق نەپسىمدەك .
قۇرۇشقان باشلىدى قولۇمدىكى گۈل ،
كۆرگۈم يوق يار سېنىڭ سۇلغۇن كۆزۈڭنى .
چاچلىرىڭ تۆكۈلدى بارماقلىرىمدىن ،
سۆيگۈم يوق چاچلارنىڭ ھالاكىتىنى .
لىۋىڭدە كۆرىمەن قاقاس بىر چۆلنى ،
بۇ مېنىڭ شەكلىمدە ھۇۋلايدۇ ئۇ چۆل .
قۇچاقلاپ سۆيگۈنىڭ سوغۇق تېنىنى ،
بىر تامچە كۆز ياشتا بولۇپ كەتتىم ھۆل .
يۇلتۇز يوق بۇ مېنىڭ تەنھا كېچەمدە ،
كۆكلەيمەن قوي كۆزلۈك قاراڭغۇلۇقتا .
ھېجراننىڭ تېمىغا يۆلىنىپ غەمكىن ،
چۆكىمەن ئۆزۈمنىڭ چوڭقۇرلىقىغا .
(3)
ئوت كەتكەن دېڭىزنى كۆرگەن كۆز بارمۇ؟
ئىچىمدە كۆيىدۇ بىر تامچە دېڭىز .
سۆڭىكى سۇنمىغان يۇمران سۆز بارمۇ؟
لىۋىمدە ياتىدۇ جاراھەتلىك سۆز . "
بىر پارچە قەغەزگە ئايلاندىم جېنىم ،
ئارقىدىن تاشلاندىم ئۈزۈلگەن چاچتەك .
سەن گويا روھىمدا ئۆلىۋاتقان قۇش ،
زەھەرگە مىلەنگەن بىر ئوتلام جاندەك .
ئىلكىمدە قالغىنى رېئاللىق بولۇپ ،
سەن ماڭا قالدۇرغان شېرىن ئەسلىمە .
بىلمەيتىم بەختنىڭ بىردەملىكىنى ،
بەختگە بەرگىچە ئۆزۈڭ خاتىمە .
كۆيىدۇ بەرباتلىق ، توزۇيدۇ يوللار ،
ئۆچىدۇ كۆزۈمدىن يېقىملىق شەپەڭ .
چاچلىرى بۇزۇلغان غېرىب مەجنۇنتال ،
تۇپراققا قول سوزۇپ ، كۆلدەك ئۇرار لەڭ .
سەن گويا بىر دەستە گۈزەل گۇناھتىڭ ،
مەن ئاققان باغرىڭغا بولۇپ ئىسسىق قان .
ئوت كەتتى گۇناھقا ، گۈرۈلدەپ گۇناھ
كۆيۈشكە باشلىدى قىينالدى بۇ جان .
بىر سىقىم كۈل قالدى گۇناھ ئوتىدىن ،
بەرگى يوق گۈل قالدى سېنىڭ شەكلىڭدىن .
بىر يىلان جان ئۈزدى بۇغداي ئۈستىدە ،
سەن ئۆتتۈڭ ئەرۋاھ بوپ مېنىڭ ئۈستۈمدىن .
مەنبە:چوغلان مۇنبېرى |
|