توختىماستىن يېغىۋەردى يامغۇرمۇ ،
دەتلىرىمنى يۇيۇپ كېتەي دەمدۇيا .
نە كېتىشكەن ! دەتلەر قايتا كۈچۈيۈپ،
سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەكلا بولدۇميا .
تۈنۈگۈندىن ياقى يېغىۋاتقان يامغۇردىن ئالغان ئىلھاملىرىڭىز ئىكەندە ؟ ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم ، ئاز ھەم ساز ~
يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ....
سېنىڭ يامغۇر شاماللىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن ئاھاڭىڭنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم ، قۇلاق تۈۋۈمدە سېنىڭ شېرىرلاپ ئېيىتقان <مېنى كەچۈرگىن ، ۋاقتىنچە يېنىڭدا بولالمىغىنىم بىلەن ھامان قايتىپ كېلىمەن ، سېنى سېغىندىم > دىگەن يۈرەك سادايىڭ ، سېنى تېخىمۇ سېغىندۇردى .شۇنداقلا سېغىنىشىم تېخىمۇ كۈچۈيۈشكە باشلىدى ....
يامغۇر سېنىڭ ھېدىڭنى ، سېنىڭ تەبەسسۇمىڭنى ، سېنىڭ ئاشىق يۈرۈكىڭنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى ....
شۇ تاپ خىيالىمدا مەن سەن بىلەن يەنە ئۇچراشتىم ، سېنىڭ كۆزۈڭگە قاراپ تۇرۇپ ،سېنىڭ ھېدىڭنى پۇراپ تۇرۇپ ،مۇلايىم پىچىرلاشلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە سېغىنۋاتاتتىم .....
سېغىنىشتىن پۇچىلانغان يۈرىكىمنى يامغۇرغا تۇتۇپ تۇرۇپ يامغۇر تېلىدا سۆزلەۋاتاتتىم : يېغىۋەر يامغۇر ، سېنىڭ خىسلىتىڭ بىلەن ، تەبىئەتمۇ ، دىللارمۇ بەركەت تاپسۇن !
|