- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1054
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
 
- UID
- 1929
- يازما
- 1054
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 166 سائەت
|
ھالۋا پۈتۈپ قالار دەپ بىز غورىدىن،
ئۇزۇن يىللار كۈتۈش بىلەن ياشىدۇق،
پۇت تىترىدى،بەل ئىگىلدى يايسىمان،
بىراق كۆڭۈل ئىكراندا بىز ئۇز ئىدۇق.
تالاي غورا مەي باغلىدى،پىشمىدى،
بىزگە نېسىپ بولغان غورا ئەزەلدىن.
پىنھانلاردا قاراق ئىچرە تولغاندى،
قەلەم بىرلە يۈرەك تۆككەن غەزەلدىن.
غېرىپ ھېسلار تىلغاۋەرمە يۈرەكنى،
شۇنچە يىلدىن بىر ئاراملىق بەرمىدىڭ.
سەن ئۇ ياقتا مەن بۇ ياقتا ئىھ گۈلۈم،
بىراق تەغدىر كاجلىقىڭنى ئۈزمىدىڭ.
مەن دەردىمنى يەنە تۆكتۈم دىلرەبا،
بارمىكىنتاڭ بۇ دۇنيادا بىر داۋا. |
|