تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5171|ئىنكاس: 28

يالغۇز چىنار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
666
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
22251
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 19:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈلباھار ئەزىز


تەتىل كۈنىم توشۇشى بىلەن ،نىمە ئۈچۈندۇر  ئۇدۇللا ئۈيىمگە ئەمەس ,بەلكى مېنى  بېقىپ چوڭ قىلغان  مەرھۇم مومام تۇرغان يېزىغا ، مومام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئىجارىگە بېرىلگەن  ھويللىلارغا  ئالدى بىلەن بېرىۋىتىپ ،ئاندىن ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ قالدىم.

  يىراقتىن  ئىشىك ئالدىدا تۇرغان يالغۇز چىنارنى كۈرۈشۈم بىلەن  ۋۇجۇدۇمنى سېغىنىشقا ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر  خىل ھاياجان ئىگەللىدى ،مومامنىڭ  ئۇچتەك ئاقارغان چاچلىرى  ، ئاپپاق لىچەكلەرنى تاقاپ جەيناماز ئۈستىدە  يىغلاپ تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ تىلەۋاتقاندىكى مىسكىن ،ئىلاجسىز قالغاندەك تۇرقى كۆز ئالدىمغا كەلدى .

چىنار يەنە ئاۋالقىدەكلا تۇراتتى . بۇ چىنارنى سۈيەمدىم ياكى بۇ چىنارغا باغلانغان خىياللىرىم ماڭا  قىلىشنى خالايدىغان ۋە خالىمايدىغان خىياللىرىمنى ئەسلەتكىنى ئۈچۈن ئۇنى دائىم ئەسلەپ قالامدىم بىلمەيتىم .
چىنار يەنىلا مەزمۇت قەت كۈتۈرىپ تۇراتتى ،ئەمما ئۇنىڭ قاسراقلىرىدىن سىرغىپ تۇرغان دەرت ئەلەملەرنى ،مۇڭلىرىنى ،نۇرغۇن  كېسەل ۋە مۇدھىشلىقلارنىڭ سىڭىپ كەتكەن مەنبىينى  مەنلا كۈرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.

-كۆچ ،كۆچ ،كۆچ ،مېنىڭ بولسىمۇ كۆچ ،ئاناڭنىڭ بولسىمۇ كۈچ ،غايىپتىن بولساڭمۇ كۆچ . ئۇچۇقتىن بولساقمۇ كۆچ .قوقاقتىن بولساڭمۇ كۆچ ،غېرىپنىڭ بولساڭمۇ كۆچ . يالغۇز چىنارغا بار ،ئەسكى تۈگمەنگە بار ، كۆچسەڭ كۆچتىڭ كۆچمىسەڭ قۇڭاڭدىن بورىغا يۆگەپ ئوت قۇيىمەن ....... بۇ مومامنىڭ ئاخشىمىسى يىغلاپ  ئارام بەرمەيدىغان بالىلارنى ئايەتلەر بىلەن نىمىلەرنىدۇ دەپ ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاخىرىدا دەيدىغان گەپلىرى ئىدى ،  راسلا مومامنىڭ بۇ ھۈرىگەن ئايەتلىرى بىلەن مەۋھۇم بىرىگە قىلغان تەھتىدى  ئۈزىنى كۆرسەتتىمۇ ،ئۇزىمايلا  بالىلار كۆپ يىغلىمايدىغان بۇلۇپ قالاتتى ،شۇڭا يىقىن ئەتراپتىكىلەردىن تارتىپ بىز تۇرغان ناھىيە ئىچىدىكى ياشلارغىچە ، يىغلاڭغۇ باللىرىدىن ئەنسىرەپ يامان خىياللار بىلەن ئۆزلىرىنى قورقۇتۇشۇپ ،  بۇ يالغۇز چىنارنىڭ يېنىغا جايلاشقان قورويىمىزغا  كېلىپ تۇراتتى . مومام شۇ قەدەر مۇنايىم ھەم سۈيۈملۈك،ئاق كۈڭۈل  ئىدى ،خۇددى پەرىشتىلەردەك. ئۇ كۈندىزى شۇنچە چەبدەس ،تېتىك ،خىرامان كۈرىنەتتى ، ئەمما  تاڭ سۈزىلگەندە مەن كۈزىمنى يىتىپ ئېچىپ  مومامنى جەيناماز ئۈستىدە  ياشىنىپ يۈز ياشقا كىرىپ قالغاندەك ، ئاجايىپ مۇڭلۇق ھالدا كۈرەتتىم ، ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى دەل شۇ ۋاقىتتا كۈرۈپ  يۈرۈكۈم پاتمان ئازاپلار بىلەن قىسىلغاندەك تۇياتتىم .

-بالام ياخشى ئۇقىغىن ،خۇددى ئاناڭدەك ،ئۇمۇ مەكتەپتە مۇنەۋەر ئۇقۇغۇچى ئىدى ، ئاخىردىمۇ ياخشى مەكتەپكە ئۆتتى ، بوۋاڭ ئىككىمىزنىڭ ھاردۇقىنىمۇ چىقاردى ..... مومام ھەر دائىم  ئانامغا مۇناسۋەتلىك گەپلەر بولسا مۇشۇنداق سۈيۈنىش ئىچىدە باشلايتى-دە ، ئاخىردا چېھرىنى مەيۈسلىك قاپلايتى ، گەرچە  بۇ ئازاپنىڭ بىر ئۇچىنىڭ دادام بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ  ،مومامنىڭ ماڭا نىمىلەرنىدۇ دەپ بىرىشىنى خالاپ قالاتتىم ...

‹‹ئاناڭ مۇشۇ چىنارغىلا ئوخشايدۇ  ››.......مومامنىڭ بۇ ئوخشىتىشى  بىلەن قەد كۈتۈرىپ تۇردىغان بۇ يالغۇز چىنارغا بۇرۇن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا قاراپ قويغان بولسام ،ئاستا ئاستا يىللارنىڭ ئۈتىشى بىلەن  بۇ چىنار  ئاشۇ تىمتاس  مۇڭلۇقلىغى  بىلەن راسلا ئانامغا ئوخشاپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم .

-ئاپا جېنىم ئاپا ،ماڭا رۇخسەت قىلىڭ  ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتەي ،ئۇنىڭغا بەك كۆپ پۇرسەت بەردىم ،ئەمما ئۇ تۈزەلمىگىدەك ،جېنىم قىينىلىپ كەتتى ..... بۇ  ئانامنىڭ  مومامدىن ئۈتۈنىشلىرى ئىدى ، ئەمما مومام  مېنىڭ باشلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ ، دادامغا ئىنساپ ،ئېتىقاد تېلەش ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پىكرىدە چىڭ تۇراتتى ، شۇنىڭ بىلەن  ئانام مېنى باغرىغا بېسىپ بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يىغلاپ ،ماڭا ھەم مومامغا قىيالمىغان ھالدا ، يەنىلا ئاۋالقىدەكلا  قەدەملىرىنى ئېغىر ئېغىر يۆتكەپ ،مۇڭلانغان ھالدا كىتىپ قالاتتى ، ئانامنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن مومامنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، كۈزىمگە بىراقلا مىڭ ياشقا كىرىپ قالغاندەك بىلىنىپ كىتەتتى ۋە ،‹‹جېنىم قىزىم  ئاللا سېنىڭ سەبرەڭنى سىناۋاتقاندۇ ،ۋە ياكى پىشانەڭگە پۈتۈلگىنى شۇدۇ ....››دەپ  سۇس پىچىرلىغىننى ئاڭلاپ قالاتتىم .

  ئانام ئۇقۇتقۇچى ئىدى ،ئۇ خىزمىتىنى بەكمۇ سۈيەتتى  ، مەن مەكتەپ يېشىغا توشقاندا  مومامنىڭ تەلىپى بۇيىچە  بۇ يالغۇز چىنار يېنىدىكى قورادا مومام بىلەن بىرگە تۇردۇم ، مەكتەپنىمۇ مۇشۇ يەردە ئۇقۇدۇم ، دەرستە ياخشى ،ئالدىنقى قاتاردا كىتىپ بارغىنىم ئۈچۈنلا   ئانام  مېنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتى ، يالغۇز قالغان مومامغا ھەمرا بۇلالىغىنىم ئۈچۈن بولسا كېرەك ،خاتىرجەملىك ھىس قىلاتتى .、ئۇنىڭسىزمۇ  دادامنىڭ مىھىرسىز چىرايىنى ، ھاراقتىن كېيىنكى ئەسەبىيلەشكەن ھالتىنى زادىلا كۆرگۈم يوق ئىدى ، دادام ئېسىمگە كېلىشى بىلەن ئۇ ھاراق سورىنىدا  دەبدەبىلىك سۆزلەۋاتقاندەك ۋە ياكى  ئاران  مېڭىپ ،ئىگىز پەس ۋاقىرىغانچە ئۆيگە كېلىپ ،بىزنى  ئويغۇتۇپ ئاۋارە قىلىۋاتقاندەك ھالەتتە  كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ، ئۇنداق چاغلارداچاشقان تۈشىكى كۈزىمىزگە ساراي كۈرۈنەتتى ،مۇشۇلارنى ئويلىسام  ئانامنىڭ ئازاپ بىلەن تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز  تاڭغا ئۇلايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ  ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى ، دادامغا بەزىدە نەپرەتلىنىپمۇ قالاتتىم ، ئۇنىڭ بىرەر قېتىم مىھىر بىلەن باشلىرىمنى سىلىغىنىنى ،مېنى سېغىنىپ ئىزلەپ كەلگىنىنى بىلمەيتىم .گويا  دادام ئۈچۈن مەن بولساممۇ بولمىساممۇ بۇلىۋىردىغاندەك . ئۇ دۆلەت كادىرى ئىدى ، خىزمەت قىلغاندا باش چۈكۈرۈپ قىلاتتى ، ئەمما ئازراق بوش ۋاقتى بولسىلا ھاراق بىلەن كۈنىنى كەچ قىلاتتى . كىيىنكى كېلىشمەسلىكلەرمۇ دەل شۇ ھاراقنىڭ كاساپىتى ئىدى .

ھويلىلار ئاۋالقىدەكلا پاكىز تازلانغان بۇلۇپ ، ھېچنىمە ئۆزگەرمىگەن پەقەتلا  ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ،پۇتىدىن چۈشۈپ قالغىلى تاس قالىدىغان كالىچىغا قارىماي  مەن تامام پەرىشتىلەردەك ئۇچۇپ كېلىدىغان موماملا  بۇ قورادا يوق ئىدى ، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ كۈزۈمگە ياش كەلدى ، مومامنى سېغىنغان ئىدىم . يەنە  يالغۇز چىنارغامۇ ئۇزاقتىن ئۇزاق قارىدىم ،ئىلگىرىلەردە ، ئاخشاملىرى نىمە ئۈچۈندۇر بۇ چىنارغا قارىسام قورققۇم كېلەتتى ، خۇددى مومام قوغلىغان  كۈزىممىزگە كۈرۈنمەس  جىنشاياتۇنلار دەل شۇ  يالغۇز چىنار  ئۈستىدە يىغىلىپ ئولتۇرغاندەك ،ۋە ياكى  مومام ئۇقۇغان ئايەتلەرنىڭ خاسىيتى بىلەن ئاشۇ يالغۇز چىنارغا باغلىنىپ ،قىر -زارلىق ئاۋاز ئىچىدە جازالىنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى .شۇڭا بۇ چىنار بەزىدە كۈزۈمگە مۇڭغۇللارنىڭ تىكىلىخانلىرىدا  ئۇلار ئارتىپ قويغان نۇرغۇن  لاتا-پىتىلارنى يۈتكىنىچە تۇرغان  تېرەكلەرگە ئوخشاش ،نۇرغۇن ئازاپلارنى، قورقاقلارنى  ھاپاشلىغىنىچە تۇرغاندەك ، قوۋزاقلىرىدىن ئاجراپ چىققان سۇيۇقلۇق بولسا ،نۇرغۇن  قىيا-چىيا ،نالە پەرياتلارنىڭ شاھىدى  بولغان كۆزلىرىدىن سىېرغىپ چىققان ياشلاردەك بىلىنەتتى ،پات-پات شۇنداق قاباھەتلىك بىر كېچىلەرنىمۇ ئەسلەپ قالاتتىم. مېنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا بارغان تۇنجى يىلىمدىكى يازلىق تەتىل ئىدى ،بىر كۈنى تۈن كېچىدە ئويغۇنۇپ ،بىر ئايالنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، ئۇ دەل ئاشۇ يالغۇز چىنار بار تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان پىغانلىق يىغا ئاۋازى ئىدى ، قورۇققىنىمدىن ياتقاننى بېشىمغا چىڭ پۈركۈپ ،ئەنسىزچىلىكتە تاڭنى ئاتقۇزۇپ ،  سەھەردە  ئىشىكتىن ئاستا مارلاپ چىنارغا قاراپ باقتىم ، يالغۇز چىنار  يەنىلا شۇنداق مۇڭلۇق ھالتىدە تۇراتتى ،ئەمما  ئۇنىڭ شېخىغا بىر ئاق لاتىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغۇنىنى كۆردۈم ،گەرچە قورقاپ تىترەپ تۇرساممۇ ، يىگىتلەرگە خاس بىر جەسۇرلۇق بىلەن ئۈزۈمنى پەدەزلاپ  ئاستا ،يالغۇز چىنارغا يىقىنلاشتىم، چىنارنىڭ تۈۋىدە  ئاياق ئىزى تۇراتتى ، ئاياقنىڭ ئىز شەكلىدىن ،بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئايالنىڭ  تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلدىم ، ئەمما  چىنارغا ئېسىلغان قول ياغلىقتا  ھېچنىمە يوق ئىدى ، قول ياغلىققا قول ئۇزۇتۇشتىنمۇ شۈركۈنۈپ ،ئاستا ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرىشىمغا ، ئۈيىمىزگە يىقىن دەريانىڭ  تۆۋەنكى ئېقىنى تەرەپتىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇزاق ئۆتمەي  خوشنىمىز ،-

-مەسچىتتىن چىقىشىمىزغا  تۆۋەنكى داۋۇزدىكى رۇزاخۇننىڭ قىزىنىڭ  دەرياغا ئۈزىنى تاشلىۋاپتۇ ، جەسەت قاش مەھەللىگە قايرىلدىغان ئۆستەڭنىڭ تۇغانىدا  سۈزىلىپ  لەيلەپ قاپتۇ دىگەن خەۋەر كەلدى ، قارىغاندا پىشىم نامىزىغا ئاچىقىدىغان ئوخشايمىز ،- دىگىنىچە  مەيۈسقىنا ئۇھسىنىپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتى. ئارقىمغا بۇرۇلۇپ يالغۇز چىنارغا قايتا قاراپ ، كېچىدىن بۇ يەردە يىغلىغان دەل شۇ قىزدەك ھىس قىلدىم ، قول ياغلىقنى نىمىشكە بۇ يەرگە چىگىپ قويدىكىنە؟ ھاياتقا چىقارغان ئاق بايرىقىمۇ بۇ؟  بۇ راسلا شۇ قىزنىڭ قولياغلىقىمىدۇ؟  تەگسىز خىياللارغا قورقۇش، ئەجەپلىنىش،  ئېسەنكىرەش ئىچىدە جاۋاپ ئىزلەيتىم .ئۇ قىز نىمىشكە ئۈلىۋالدى ؟ قايسى ئىش كاللىسىدىن ئۆتمەي ئۈلۈمنى تاللىدىكىنە؟  مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سۇئالىمغا  مەھەللىدە  قىزنىڭ ئۈلىمى بىلەن مۇناسۋەتلىك سۇئاللار  جاۋاپ بولدى .

‹‹بىر ئەر تەرپىدىن دەپسەندە قىلىشقا ئۇچراپتۇ››  بۇ گەپتىن بىرى خۇددى يۈرۈكىمنى ئىلمەك بىلەن يۇلىۋالغاندەك  تۇيغۇدا بولدۇم-يۇ ئەمما قىزنىڭ ئۈلىمى چىققان تەرەپكە خۇددى قەھرىمانلىق قىسسىسى پۈتۈپ چىقىلغاندەك قاراپ قويدۇم . ئەمدى خىيال قىلسام ئۇ تۇيغۇم ، گويا  ھازىرقى مۇھىتىمدا  دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردىغان  قىزلاردىن ئاللا بۇرۇن بىرسىمۇ قالمىغاندەك ، ئۇ مېنىڭ  سۈيۈنۈپ ئەسلەيدىغان ئاخىرقى ئەڭ پاكىز تۇيغۇمغا ئۈمۈت ئاتا قىلغاندەك  تۇيغۇ ئىكەن . شۇندىن كېيىن ئۇ قول ياغلىقنى يىشىۋىلىپ ،چىرايلىق قاتلاپ  خاتىرەم ئارسىغا سېلىپ قويدۇم . ئۇنىڭدا  ھاياتقا ئاق بايراق چىقارغان ئۇ قىزنىڭ  داستانى پۈتۈلگەن ئىدى . مەن ئۇنى  بىر چاغلاردا  قايسىدۇر بىر ژورنالدا ئۇقۇپ ئۆتكەن ھەمزەنىڭ ‹‹ ژۇلغۇن تايىغىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيەسى›› ناملىق  ئەسىرىنى ئۇقۇغاندىكى ھاياجىنىم بىلەن  ئۇقۇيتۇم .

ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شۇنداق بىر كېچىدە ، ئاۋالقىغا ئوخشاپراق كىتىدىغان  ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ پىغانلىق ،ئۇنىڭدىنمۇ ھەسرەتلىك بىر يىغا ئاۋازى  يەنە ئاڭلاندى ، ئاستا ئۆرىلىپ چوڭ ئانامنىڭ سۇس تىنغىنىچە خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقانلىقىنى  تۇيۇدۇم-دە ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ، قايسى جاسارەتنىڭ مېنى سىرتقا چىقىپ بېقىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتىم ،ئاستا ھويلىغا چىقتىم ،ئاي تولغان نىگاھى بىلەن ھەممە ياققا تەكشى نەزەر تاشلاۋاتقان بۇ كېچە ،ماڭا تېخىمۇ زور  قەيسەرلىك ئاتا قىلدى ،شۇڭا ئىككىلەنمەي يىغا ئاۋازى كېلىۋاتقان ،يالغۇز چىنار تەرەپكە قاراپ ئاستا سۈرۈلدۈم ، يىغا ئاۋازى بارغانچە ئېنىق ئاڭلاندى ، ئايال بىرسىگە گەپ قىلىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى ، مەن ئاستا دەرۋازىنىڭ  تۈۋىگە كەلدىم-دە ،سىرتقا قارىدىم ، دەرۋەقە  بۇ بىر ئايال ئىدى ، ئەجەپلىنەرلىكى بۇ گەۋدە ماڭا شۇ قەدەر تۇنۇش ئىدى .چۈنكى ئۇ گەۋدىدىن مەن تامام تۇنۇش بولغان سۈتنىڭ،مەن قېنىپ قېنىپ ئەمگەن ئۇغۇزنىڭ ھىدى كېلەتتى . يۈرۈكۈمنىڭ  كۈزۈمدىنمۇ نەچچە ھەسسە سەزگۈرلىشىپ  كەتكەنلىكىگە ،بۇرنۇمنىڭ نەچچە ھەسسە ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكىگە شۇ تاپ گەپ كەتمەيتى . چۈنكى بۇ ھىد تۈمەن مىڭ ھىدلار ئارسىدىن يازنىڭ سەلكىن شاماللىرىغا ئەگىشىپ مېنىڭ دىماقلىرىمغا ئۇرۇلىدىغان  ‹‹ئانام›› نىڭ ھىدى ئىدى .

توغرا ئانام يىغلاۋاتاتتى ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ، خۇددى ئاي بايامقى ئۇچۇق ،ئىللىق نىگاھىغا  تىقىلغان  كۈرۈنىشلەرنى  بۇلۇتلار ئارسىغا سۇقۇپ قويغىلى كىرىپ كەتكەندەك ، يۈرۈكۈم ئەنسىز دۈپۈلدەيتى ،گويا ئاناممۇ ھاياتقا  چىقارغان ئاق بايراقنى ،مۇشۇ يالغۇز چىنارغا چىگىپ قويغىلى  كەلگەندەك .  پۈتكۈل سەزگۈمنى قۇلاقلىرىمغا يىغىپ دىققەتتە تۇردۇم .

-مېنىڭ دەرت ئەلىمىمنى تۈكىدىغان سېنىڭدىن باشقا ھېچ كىشىم يوق ؟  سەن يەنىلا سەۋرە قىلىپ ئاڭلىغىن . بۇ قېتىم  ئىلگىركىدەك ئۇ مەس كېلىپ مېنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن  بۇ يەرگە قېچىپ كەلگىنىم  يوق ، ئەمما ئوخشاش بىرلا تەرىپى  ئانام ئويغانغىچە بۇ يەردىن كىتىپ بۇلىمەن .  ساڭا دىۋالاي چىنار ، ھەسرەتلىرىمنى ساڭا بولسىمۇ دەۋىتەي ،  شۇنىڭ بىلەن مەن سەل يىنىكلەپ ياشاپ قالىمەن ،ھاياتقا ئاق بايراق چىقارمايمەن . ........مەن نىمىشكە ئۇ قاباھەتنى تۇسۇپ قالالمىدىم ، سىز  ئۈلۈمنى تاللىغىچە قانچىلىك كۆپ غەيرەتكە كەلگەنسىز سىڭلىم ،ئەمما مەن ئانام ھەم بالام ئۈچۈن بولسامۇ ياشىشىم كېرەك،مەن بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ، دەپسەندە بولغان غۇرۇرىمىز  بىزگە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدۇ ،بىزگە تۈرگۈنلىك ،ئادىمىيلىك  بىرىدۇ .،--ئانامنىڭ بەزى سۆزلىرى ئۈزۈلۈپ ئۈزۈلىپ ئاڭلىناتتى ، ئۈزىنى ئۆلتىرۋالغان ئۇ قىز بىلەن ئانامنىڭ نىمە مۇناسۋىتى بار؟ نىمىشكە بۇ قاباھەتنى  تۇسۇۋالالمىدىم دەيدىغاندۇ ؟ قارىغاندا ئانام  بۇ يەرگە پات-پات كېلىدىغان ئوخشايدۇ ؟ توغرا بۇ خىيال بىلەن  بىر يىل ئىلگىرى دادام غەرق مەس قايتىپ كېلىپ قىلغان جودارىدىن كېيىن ،ئانام دادامنىڭ مىجەزىنى بىلگەشكە ،مېنى ئالغانچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى ، بىز ماشىنا تۇسۇپ چوڭ ئانامنىڭ ئىشكىدە چۈشكەن بولساقمۇ ،ئۆيگە كىرمەي يالغۇز چىنار تۈۋىدىكى كۈتەكتە ئولتۇرۇپ ،باش ئەزان بىلەن تەڭ يەنە ئۆيگە قايتىپ كەتكەن ئىدۇق ، ئۇ ۋاقىتتا دادام ئۇخلاپ قالىدىغان بۇلۇپ ،ئاخشىمى بىزگە سالىدىغان جەۋىرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئەسلىيەلمەس ھالدا بىخارامان ئۇيقۇغا كېتىپ بۇلاتتى . تۇيۇقسىز بۇيۇمغا يىغا ئولاشتى ،ئانامغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى . ئەمما ئاشۇ كۈنكى سۇئال كاللامدا ھازىرغىچە سۇئال پېتىچە قېلىپ قالغان ئىدى . شۇڭا يالغۇز چىنارغا  پىغانىم تۇتقان ھالدا قاراپ قويدۇم .
ھويلا ئارامنى يوقلاپ ، ئاندىن  تۇپراق بېشىغا باردىم ،  يانچۇقۇمغا قاتلاپ سېلىۋالغان  ئاپپاق دوپپپامنى كىيىپ ،  مومامنىڭ قەبرىسى بېشىدا ئۇزاق ئولتۇردۇم ،  ئۈزۈم بىلىدىغان  ئايەتلەرنى ئۇقۇپ ، مومامنى سېغىنغانلىقىمنى  تەكرارلاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم . مەن  ئورنۇمدىن تۇرغاندا ،قەبرە بېشىدا كۆكلەشكە باشلىغان  بىر چىنار دەرخى كۈزىمگە چېلىقتى . چىنار خۇددى ماڭا  مومامدەك ، ئۇ گويا ئاشۇ چىنار ھالتىدە ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك بىلىندى  . قەبرە بېشىدىكى  ئوتلارنى يۇلۇپ ،يىقىنلا جايدا  سۇ سىڭمەس قىلىپ ياسالغان ئېرىقتىن كېلىۋاتقان سۇ بىلەن چىنارنى سۇغۇرۇپ قويدۇم .

ئانامنىڭ  مۇڭلۇق  كۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ھارغىنلىق ئىگەنلىگەن ئىدى . ئۇ چارچايتى ، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئارسىدا توختىماستىن  قاتراپ يۈرۈپ بەكلا چارچايتى ، يەنە كارۋاتتا  كىچىك بالىلاردەك جىدەل قىلىپ ياتقان دادامنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئىدى .

-نىمانچە ئادەمنى ئەنسىرتىسەن ، يۇلىڭغا قاراپ كۈزىم تېشىلدى ،- ئىشىكتىن كىرىشىمگە  ئانامنىڭ دىگەنلىرى شۇ بولدى ، دىمىسىمۇ  مومامنىڭ  تۇرالغۇسىنى  يوقلاپ ،تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئاندىن ئۆيگە كېلىشنى ئانامغا خەۋەر قىلمىغان ئىدىم ، شۇڭا  نەچچە سائەت كېچىكىپ كەتكىنىم ئۈچۈن ئانام جىددىلىشىپ قالغان ئىدى .

-خەۋەر قىلىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپتىمەن ئانا ، چوڭ ئۆينى يوقلىغاش، ئالدىدا تۇپراق بېشىغا بېرىپ كەلدىم .- ئانامنىڭ  باغرى شۇقەدەر ئىللىق ئىدى ، ئۇ ماڭا شۇ قەدەر مۇستەھكەم ھەم كۈچلۈك بىلىنەتتى ،  مومامنىڭ تۇپراق بېشىنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن ،ئانامنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ سېلكىنىۋاتقانلىقىنى ، باشلىرىمغا سۇزۇلغان  ئۇرۇق ئەمما كۈچىنى يۇقاتمىغان بارماقلىرىنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىنى تۇيۇپ قالدىم .

-ياخشى قىپسەن ئوغلۇم ، ئەتىيازدا مەن بىر تۈپ چىنار دەرىخى تىكىپ قويغان ،كىيىن بارسام تۇتۇپتىكەن ،بىر قېتىم سۇ قۇيۇپ كەلگەنچە ،قايتا بېرىشمۇ نىسىپ بولمىدى . ھازىر قانداق بولدىكىن ؟

-تۇتۇپتۇ  ئانا ، شۇنداق ئىگىزلەپ كىتىپتۇ ،ئۇزاق ئۆتمەيلا  بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى چىنار دەرخىگىلا ئوخشاپ يۇغناپ كەتكىدەك ، -سۈزىمىز تۈگەپ  دادام ياتقان ھۇجۇرغا قارىدىم ،ئانام دادامنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى دىۋىدى ،پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ ،ئۇنىڭغا ئۇزاق سەپ سالدىم ، بىر چاغلاردىكى سۇمباتلىق دادام ، مانا ئەمدى كارۋاتقا بەنت قىلىنغان  مەڭگۈلىك مەھبۇسلاردەك  ياتاتتى ،ھەتتا تەرەتلىرىمۇ جايىدا بولغاچ ،ئانامغا دادامغا قاراش ئىشلىرى بەكمۇ قىيىن ئىدى ، ئۆيدە ھازىر نۇرغۇن ئىشلار پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى ، ئانام  خېتىمنى ئالىمەن دىمەيتى ، دادام كېچىلەردە كېلىپ ، نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ ،ئانامنى ھاقارەتلەپ  ، خورلىمايتى ، سىرتلاردىكى ئۇيۇنلىرى ئۈچۈن كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ  يۈرمەيتى .ئەمما ئانامنىڭ چېھرىدە ھارغىنىنلىق ئارىسىدا  تەمكىنلىك، ئۈزىنى توختاتقان ئاياللاردىلا بۇلىدىغان  ئېسىللىك  تەنتەنە قىلاتتى . ئۇ خىزمەتتنى يەنىلا ئاۋالقىدەكلا ياخشى ئىشلەيتى ،ئۇقۇغۇچىللىرىغا  مەسئۇل بۇلاتتى ، دادامغا قاراش ،ئۆي ئىشلىرىنى دەپ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىپ قويمايتى ، دادام يېڭى ھادىسىگە ئۇچۇرغاندا ، ئانام  ئۈنلەپ ئۈنلەپ يىغلىغان ئىدى ،خۇددى دەمدەردەك. ھاراق سورىنىدىن  مەس ھالدا موتو سېكىلىت بىلەن كېلىۋىتىپ ھادىسىگە ئۇچۇرغىنى ئۈچۈن ،بار بولغۇلۇق دادامنىڭ ئۈزىگە بولغان ئىدى ، دادامنى سۇقۇۋەتكەن ماشىنا قېچىپ كەتكەنچە ،ئىز دېرىكىمۇ بولمىدى ، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۇقۇشتا ئىدىم ، مومام  تۈگەپ كىتىپ ئانام تېخى مۇسىبەت ئىچىدە  ئىدى .بار دەرتنى ئۈزىلا تارتىپ ئۈگەنگەن  ئانام مېنىڭ ئۈگۈنىشىمگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇ ھادىسە توغۇرلۇق ماڭا ھېچنىمە دىمەپتۇ ،پەقەتلا  قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كېلىپ ئاندىن ئۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم . دادامغا ئىچ ئاغرىش ھەم  نەرقىنى بىكىتكىلى بولماس بىر ئازاپ بىلەن قاراپ ،لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم ، ئانامنى بۇ دەرتلەرنى قانداقمۇ كۈتۈرەر دەپ ئەنسىردىم ، ئەمما ئىشلار مەن ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولدى .

-دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە  ھەركەت قىلىۋاتىدۇ ، بەزىدە جىلە بۇلۇپ قالىدۇ ،خۇددى ھاياتتىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەندەك ،ئەمما ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى  قىلىمەن ، مەيلى خالىغاي خالىمىغاي .  دوستلىرى بۇرۇنلاردا ئارلاپ ئارلاپ كېرەتتى، ھازىر ھېچكىم كىرمەيدۇ ، دەسلەپ  ئۇ بەكلا ئۈمۈتسىزلەندى ،ھازىر ئۇنداق ئەمەس ، نۇرغۇن كىتاپلارنى  ئۇقۇدى ، تاماق يىيىشنى رەت قىلىپ تۈكۈۋەتسە قايتا ئەكەلدىم،مەجبۇر يىگۈزدىم ، كىتاپلارنى ئۇقۇماي چۆرىۋەتسە ،يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دەپ قايىل قىلىپ ئۇقۇشقا مەجبۇرلىدىم ، ئاستا-ئاستا چۇس مىجەزلىرى ئوڭشالدى ،ئەملىيەتتە مەن ئۇ ئىشلارنى ئېغىر ئېلىپ كەتمىدىم ، بىر ئوبدان تۇرغان ئادەم ،تۇيۇقسىز مۇشۇنداق مەجرۇھ بۇلۇپ قالسا ،قىلىمەن دىگەننى قىلالمىسا ،بارىمەن دىگەن يەرگە بارالماس بۇلۇپ قالسا ئەلۋەتتە ئازاپلىنىدۇ-دە ،شۇڭا مەن ھەممە تەييارلىق بىلەن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ماسلىششىم كېرەكتى. -  ئانامنىڭ كىيىنكى گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى ، دەرۋەقە ئانام شۇنداق قىيىن كۈنلەرنى تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆتكۈزىۋەتتى ،ئۇ شۇقەدەر  ئۈمۈتۋار ،شۇ قەدەر تىرىشچان ئىدى . دادامنىڭ نارازىلىق قاپلىغان چىرايلىرىمۇ ئۇنى مەيۈسلەندۈرەلمەيتى ، ئۇ ھارماس چارچىماس گىگانت ئادەم ئىدى . تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ، ئانام قەھرىمانلىق ئوردىنى ئېلىشقا بەكمۇ مۇناسىپتەك ، چارچاش ،روھى بېسىم .....نىمانچە  پۈكۈلمەس قەد بۇ ، مەن بۇرۇن ئانامنىڭ قەلبىدىكى مۇھابەت  ئۇزاق مەزگىللىك ئازاپتىن كېيىن نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەندەك ، دادامنىڭ دەرتلىرىنى تارتقۇچىلىكى قالمىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم .ئەپسۇس خاتالاشقان ئىكەنمەن ، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن دادامنىڭ ۋىجدان ،غۇرۇر تۇيغۇلىرىمۇ سەگەكلىشىپ كەتتىمۇ ، ئانامغا  ،-

- رەيھان بولدى ئاجرىشىپ كىتەيلى ، سىزگە يۈك بۇلۇپ قالدىم ، -دەيتى  ، كىيىن  ،-

-رەيھان  مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن ، سىز ھەم ھايات ماڭا نۇرمال ياشايدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى بىرىپسىلەر ،ئەمما مەن تۇيالماپتىمەن ، بۇ كۈنلەر  ماڭا ھەق ، ئەمما بۇ دەرتلىرىمگە سىزنى شېرىك قىلىۋالسام بولمايدۇ .-دەيتى ،ئانام بولسا بىرخىللا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تەمكىنلىك بىلەن  دادامنىڭ  ۋۇجۇدىنى يەنە بىر  قېتىم ھاياجان بىلەن تىترىتەتتى .ئانام رازى ئىدى ، بۇ ئېغىرچىلىقلارنى تارتىشقا ئۇ رازى ئىدى .چېھرايىنى نەچچە كۈنلەپ كۆرگىلىمۇ بولمايدىغان ،دوسلىرى ئۈچۈنلا پاي پېتەك بۇلۇپ، ئۇيۇن بىلەن ئۇچۇپ يۈردىغان دادامنىڭ قاناتلىرى سۇنغان ئىدى ، ئەمما ئانام  سۇنغان قاناتلارنى  ئۈزى بىر چاغلاردا ،غەزەپ بىلەن چۆرىپ تاشلىماقچى بولغان مۇھابىتىنى قايتا يىغىپ كېلىپ  پەرۋىش قىلىۋاتتا ،بۇ چارچاش ،بۇ بېغىشلاشلار ئۈچۈن  ئانامنىڭ بىرەر قېتىم تاپا تەنە قىلىپ باقمىغانلىقىغا ئىمانىم گۇۋاھ ئىدى . ئانامنىڭ ئاشۇ ھارغىن چېھرىدىن  ساداقەت تۇيغۇسىغا يامىشىپ رازىمەنلىك جىلۋە قىلاتتى ،چۈنكى دادامنىڭ ئادىمىيلىك سېزىمى بىلەن ھاياتقا بولغان ئىشەنچلىرى  يېڭىدىن تەۋەللۇت بولغان ئىدى . ماڭامۇ دادام بۇرۇنقىدەك خىيال سۈرگەندەك جىم-جىت ياتقىنىدا  ،-

-ئېسىت  قانداق ئەر ئىدىم ،بۇ ماڭا نىمە تارتقۇلۇق ئۈلۈپلا تۈگەشسەمچۇ ...دىگەندەك چۈشكۈن خىياللار بىلەن ئەمەس بەلكى ،-

-ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر كىم ؟ ھاياتنىڭ ھەقىقى گۈزەل تەرپىنى ھەجەپ تۇيالمىغان ئىكەنمەن ، مەن چۇقۇم ئورنىمدىن تۇرالايمەن .... دىگەن ئۈمۈتۋار تۇيغۇدا  ياتقاندەك ھېس قىلاتتىم .

ھېلىمۇ ئېسىمدە ،بىر چاغلاردا ئانام يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا مۇنداق دىگەن ئىدى ،-

-ئوغلۇم  ،ئەر كىشىگە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ داستارخان ئۈستىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ باھا بەرسە ھەرگىز خاتالاشمايدۇ ، ‹‹ ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن ،ئىمان بار يەردە ئىنساپ بار  ››دەيدۇ چوڭلىرىمىزمۇ ،   سەھەر تۇرۇپ  ،ئايالى ئىجتىھات بىلەن تەييارلىغان ناشتىلىققا باللىرىنى  ئەتراپىغا يىغىپ ئولتاراپ بىرگە تاماقلىنىپ ، تائامنىڭ ھۆرمىتىگە شۈكرىلەرنى ئېيتىپ ، ئىشقا چىرايلىقچە  يول ئالغان ئەردە ئائىلىگە ،خۇتۇن باللىرىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت بار  ئوغلۇم ، -دەيتى ،بۇ سۆزلەرگە ئانامنىڭ قانچىلىك ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكىنىنى ھىس قىلالايتىم ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن ،چۈشلىك ھەتتا كەچلەرگىچە ئانام ئىككىمىز  تاماق ئۈستىلىدە يالغۇز  ئولتۇراتتۇق ، سەھەردە دادام  ئىشقا ئۈلگۈرۈپلا قوپاتتى –دە ،ئالدىراپ سالدىراپ يۈز كۈزىنى يۇيۇپ ،چىقىپ كېتەتتى ،دادام ئۈچۈن تەييارلانغان ناشتىلىققا ،ئانامنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى دادامدا ھىس قىلغۇدەكمۇ  سەزگۈ يوقتەك بىلىنەتتى . ئانام بۇ توغرىسىدا ماڭا جىق ۋەز نەسىھەت قىلمىسىمۇ  ،كاللامدا  ئاستا ئاستا  بىر ئائىلە قارىشى ، مەسئۇليەت يىتىلىشكە باشلىغان ئىدى .مانا ئەمدى  چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتورغۇزۇلۇپ ،رەتلىك ،پاكىز كىيىندۈرۈلگەن دادام  ،سەھەردە بىز بىلەن  ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىرگە بۇلاتتى ، ئانام  قانچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ ،دادامنى يۈلەپ تۇرغۇزۇپ ، كىيملىرىنى رەتلەپ ،ئورۇندۇققا ئولتارغۇزۇپ ،ناشتا  قىلغۇزاتتى ، بۇ ھەركەتلەرگە ئاستا –ئاستا كۈنىككەن دادامنىڭ چېھرايىدا  ئائىلىنىڭ ئىللىقلىغىنى ھىس قىلغاندىكى مەمنۇنيەت ھۈكۈم سۈرەتتى ، ئانامنىڭ  نىگاھىدىمۇ  مەن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان  تەبەسسۈم  جىلۋە  قىلاتتى .

كېچە  ئۇخلاۋىتىپ  قورويىمىز ئالدىدىكى يالغۇز چىنارنى چۈشەپتىمەن ، ئۇ يەنىلا  شۇنداق قەت كۈتۈرەپ تۇراتتى ،ئاشۇ  قەدلىرىنى رۇسلىغانچە ھامان بىر كۈنى كۆككە تاقاشماقچىدەك ، ئۇنىڭ تارالمىغان چاچلاردەك  چېچىلىپ تۇرغان تىك-تىك شاخلىرىدىكى ياپيېشىل ياپراقلار شۇ تاپ  ئالتۇن رەڭگىدە نۇر چاچاتتى .يەنە مومامننىمۇ چۈشەپتىمەن ، مومامنىڭ  پۇتلىرىغا بېشىنى قۇيۇپ ياتقان ئانام  خاتىرجەملىك  ئىچىدە ئۇخلاۋاتقانمىش ، مومام مەمنۇنلۇق ئىچىدە ئانامنىڭ بېشىنى مېھىر بىلەن سىلايمىش .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 50 ئىلغار تىما
bargiya + 30 ئىجادىي ئېسى ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 80   باھا خاتىرىسى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
963
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
42686
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
11 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 21:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلا مومام ھايات. تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا شۇنداق تېمەن، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىدىغان مومىلىرىم تۇيۇقسىزلا ئاجىزلاپ كەتتى، بۇ تەتىلدە كەلسەم بىر مومام ھاسسىغا تايىنىپ ئاران-ئاران ماڭىدىغان، تەرىتىنى بەزىدە تۇتالماي قالىدىغان؛ يەنە بىر مومامنىڭ قۇلىقى ئاجىزلاپ، بىرى يۆلىمىسە ماڭالمايدىغانلا بولۇپ قاپتۇ...قاراپ شۇنچىلىك ئىچىم سېيرىلىپ كەتتى. دىدارىغا قېنىپ-قېنىۋالاي، ئازراق بولسىمۇ ھاجىتىدىن چىقاي دەپ كۈندىلا قېشىدا يۈردۈم، كىچىكىمدە خۇددى ئاپتورنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلغان بولسا مېنىمۇ شۇ مومىلىرىم شۇنداق باققان، بولۇپمۇ دادامنىڭ ئانىسى، نەگە بارسا شۇ يەرگە مېنى تەڭ ئاپىراتتى.

ئاۋۇ ...كۆچ-كۆچ، دىگەن قۇرلارنى ئوقىۋېتىپ خاسىيەت قۇربان ئىتوت كېچىلىكى يادىمغا كەلدى، "يىغلىماڭ قوزام" دا مۇشۇنداق بىر يەرلىرى بولىدىغان. لېكىن بۇ كېچىلىك ياخشى چىقىپتۇ. سۈرەت ئېلىش، تەكلىپ قىلىنغان ئارتىسلار، ئورۇنلانغان نومۇرلار...بەلكىم خاسىيەت قۇربان ئۆزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان رېژىسسور بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئوماق بالىسىمۇ ناخشىچىكەن.

"ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم" دىگەن گەپنى باشلانغۇچمۇ ياكى ئوتتىرا مەكتەپتىمۇ...ئىشقىلىپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە سۆزلىگەن، ئامرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشىيەنگە ياردەم بەرگەن قەھرىمانلىرىمىز، بىزنىڭ خەلق جەڭچىلىرىمىز ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، دەپ. يوقىرىدىكى تېمىدىكى نادان دادىمۇ بۇ گەپنى دەيدىكەن، لېكىن قارىتىلغان كىشى ئوخشىمايدۇ. توغرىغۇ، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز كۆپ، ئەگەر "ئەڭ"نى دىگىن، دىگەن تەغدىردىمۇ بىز يەنىلا بىر نەچچىنى دىيىشىمىز مۇمكىن، ئەسلى شۇنداق بولىشى كېرەك.

قوشنىمىز ئاپاش ماڭا بەك ئامراق بولىدىغان(دادام بىلەن تەڭ دېمەتلىك).3يىلنىڭ ئالدىدا، بىر قېتىم ئامراقلىق قىلىپ چاقچاق قىلسا نازۇكلىقىم تۇتۇپ گەپ قىلماي تەتۈر قاراپ يۈرگەنتىم بالىلىق قىلىپ. مىڭ ئەپسۇس! شۇ تەتىلدە چىقسام كىسەل بىلەن تۈگەپ كىتىپتۇ...كۆزلىرىمگە لىق ياش كىلىپ، ئازاپتىن پۇچۇلىنىپ كەتتىم.

مەتبۇئاتلاردا كۆرگەنغۇ،دەيمەن، گۈلباھار ئەزىز دىگەن ئىسىم شۇنداق تونۇش...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 10 ئىلغار ئىنكا ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 10   باھا خاتىرىسى

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
468
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
4740
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 03:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك گۈلباھار، ئوتلۇق قەلبىڭىزنىڭ نازۇك يەرلىرىدىن داۋاملىق مۇشۇنداق يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئىبارىلەر ئوخچۇپ چىقىپ، كىشىنى تەبىئىيلا ئۆزىگە باغلىۋالىدۇ. نەسىرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمەن.
قەدىرلىك گۈلباھار، ئالدى بىلەن تېنىڭىز سالامەت بولسۇن، تاتلىق، چىرايلىق قىزىڭىزغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن، ئاندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
520
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
18106
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 08:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلباھارنىڭ  تىلى بەك راۋان ئەسەرلىرى شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ  ۋەقەلىكنى ئۇقۇپ قانماي قالىمەن  قەلەم تولپارىڭز  توختىمغاي گۇلباھار،

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

ئاكتىپ ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
797
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
34754
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 10:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا-قايتا ئوقۇۋەتتىم.....

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
531
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
5580
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 13:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى، بۇلۇپمۇ ئانىنىڭ كەڭ قۇرساقلىقى، سەۋرىچانلىقى، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن سەھرا!
بۇ قۇرلار ماڭ بەك يارىدى:
-ئوغلۇم  ،ئەر كىشىگە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ داستارخان ئۈستىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ باھا بەرسە ھەرگىز خاتالاشمايدۇ ، ‹‹ ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن ،ئىمان بار يەردە ئىنساپ بار  ››دەيدۇ چوڭلىرىمىزمۇ ،   سەھەر تۇرۇپ  ،ئايالى ئىجتىھات بىلەن تەييارلىغان ناشتىلىققا باللىرىنى  ئەتراپىغا يىغىپ ئولتاراپ بىرگە تاماقلىنىپ ، تائامنىڭ ھۆرمىتىگە شۈكرىلەرنى ئېيتىپ ، ئىشقا چىرايلىقچە  يول ئالغان ئەردە ئائىلىگە ،خۇتۇن باللىرىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت بار  ئوغلۇم.

http://bidar.blogbus.com

UID
2304
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 14:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

UID
2630
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
652
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-13 19:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ھارمىغايسىز

UID
2091
يازما
1536
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50490
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-14 13:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىز  مېنى قانداقتۇر بېشىدىن شۇنداك كۆپ ئىسسىق سوغاقلارنى ئۆتكۈزگەن بىر دوستۇمنى ئەسلەتتى . سىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرىشكەنلىكى ئۈچۈن بەك خوش بولدۇم ... دوستۇم نەسىرلەر توپلىمىڭىزنىڭ پات يېقىندا بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىغانلىقىدىن  تولىمۇ خۇرسەن بولىۋاتىمەن ، سىزدىن پەخىرلىنىمەن ...

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
666
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
22251
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-14 13:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  زاكىرە ، بىتاقەتلىك ئىچىدە كۈتكەن كۈنلىرىممۇ مەن تامان يىقىنلاپ قالدى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش