- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 197
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 197
- تىزىملاتقان
- 2014-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 60891
- يازما
- 197
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 197
- تىزىملاتقان
- 2014-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 51 سائەت
|
ئادەم ئەمەس ئىتنىڭ باللىرىدە ئۇ. شىئەن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارلىقى بىر رېلىسلىق يول. كىم بىلىدۇ بۇ ئىتنىڭ باللىرى دىيارىمىزغىمۇ ساتتىمۇ تېخى. دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيا ئەھلىنىڭ غەزەپ نەپرىتىگە ئۇچرىغان بىر ئۆلكە بار- ئۇ بولسېمۇ خېنەن ئۆلكىسى.
2- ئورۇندا تۇرېدىغىنى سۇپەتسىز يىمەكلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىر ئۆلكە با-ئۇ بولسېمۇ سىچۈئەن ئۆلكىسى.شۇڭا ئەخلەت يىمەكلىك بولغان زىخلىق خوگو يەيدىغان دوسلىرىمىزنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. دېڭىز مەھسۇلاتىغا ئامراق دوسلىرىمىزنىڭ پۇرسىتى بولسا ئىچكىردېكى دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە بېرىپ شۇ يەردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا دېڭىز مەھسۇلاتىنى توپ تارقىتىدىغان بازارلارغا بېرىپ كۈرۈپ كەلسە ھەممىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ۋاقتى ئۈتۈپ سېسىپ كىتەي دەپ قالغان راك، بېلىقلارنى يۇقىرى قۇيۇقلىقتىكى سېرىق ھاراق،( بىز ئادەتتە لىياۋجۇ دەپ ئاتايمىز، ئاشخانا، رېستۇرانلاردا كۆپ ئىشلىتىلدۇ)، كۆپ مىقتاردا مۇز ئارلاشتۇرۇلغان تۇزلارغا سېلىپ قۇيۇپ يېڭى ھالەتتە كۆرسىتىپ سېتىپ چىقىردىغان ئىشنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ ھازىر پەقەت يىمەس بولدۇم. بۇ گەپلەرگە كۆرمىگەن دوسلىرىمىز بەلكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئىچكىردىكى شۇ بازارلاردا ھەتتا بەزى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا قارايدىغان بولسا چىۋىنلەر ئولىشىپ كەتكەن، سېسىق پۇرىقى
200 مېتىر يىراقلىقتا تۇرسېڭىزمۇ پۇرايدۇ. بەزىلىرىنى خوجايىنلارنىڭ ئەرمەك ئىتلىرى يالاپ قويىدىغانلىرىمۇ ، ئۈستىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويىدىغانلىرىمۇ بار. ئۇ تەرەپلەردە سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ، يىمەكلەك تازلىق سۈپىتىنى باھالاپ، ئۆلچەش پونكىتلىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ تەكشۈرۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر تەكشۈرۈش بولسا ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ ئوڭ- تەتۈر، ياخشى-يامان ئىشلىرى بولسا يىغىشتۇرۋېلىشنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ھۆكىمىتىمىزنىڭ بۇ خىل ناچار خىزمەت ئۇسۇلى بۇلارغا قورىقمىسىمۇ بولىدىغان، چوڭ ئىش ھېساپلانمايدىغان مەسئۇليەتسىز تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ قويغان. ئىققچكىردىلا ئەمەس، دىيارىمىز شىنجاڭدىمۇ بۇنداق ئىشلار بار. ئەسلى تەكشۈرۈش دېگەن قاتتىق مەخپى ۋە تۇيۇقسىز بولسا ياخشى بولاتتى. شۇنداق بولغاندا جەمىيەتتە ساقلىنىۋاتقان يۇشۇرۇن، ئېغىر مەسىللەر، ئىدارە- ئورگانلاردىكى ساختا، مەسئۇليەتسىز قىلمىشلار بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا چىقاتتى. بىز تەكشۈرۈشكە چىقىمىز. قەشقەر بىلەن ئاقسۇنى، ئاشلىق ئىدارىسى بىلەن پاختا زاۋۇتنى، ئەمىتىكام بىلەن مەمىتىكامنى تەكشۈرىمىز، بىز يىتىپ بارغۇچە ئىش -پىشلىرىڭلىنى ئوڭشاپ، ئۈزەڭلىنى تۈزەشتۇرۋېلىڭلار دەپ ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاچقا بىزدە ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئاساسى قاتلاملارغا چۈشسە بۇ ئىشلار تېخىمۇ ئاشكارە. تەكشۈرۈشكە چىقىدىغانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى تېلفن قىلىۋېتىدىكەن . بۈگۈن سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرلۇشى خىزمىتىنى نۇقتلىق تەكشۈردىكەن. سىلەرنىڭ ناھىيەنىڭ مەلۇم يېزىسى ئاساسلىق نۇقتا بولىدىكەن، دىققەت قىلىڭلار ھە؟
ناھىيە شۈجىسى قولىغا تېلفۇننى ئالىدۇ-دە ھاكىمغا تېلفۇن قىلىدۇ. ئىش چاتاق، يۇقىردىن تەكشۈرۈشكە كىلىدىكەن ھەر قايسى ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ، بەك دىققەت قىلسۇن، كىچىككىنە خاتالىق سېزىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ تەكشۈرشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۈتۈپلا كەتسەك ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا دەپ ئۇلار كىتىدۇ ئىشلار يەنىلە بۇرۇنقىدەك بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقىنى ياخشى تويغۇزىشىمىز كىرەك. خىزمەتلەرنى تەكشۈرمىز دېگىنى بىقلەن ئەمىليەتتە قورسىقىغا يىگىلى كىلىدۇ. قولىغا قەلەم ئالماي ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتېۋېلىپ مۇنداقلا قاراپ قويۇپ نىمىنى تەكشۈردۇ- دەيسىز.
ھاكىم شۇ ھامان تەشكىلات بۆلۈمىگە تېلفۇن قىلىدۇ- دە بۇيرۇقنى سوقىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارغا دەپ قۇيۇڭ ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈشكە كىلىدىكەن ئىشلاردىن چاتاق چىقمىسۇن، بېسىلىپ قالغان پىلانلار، ئەمىللەشمىگەن خىزمەتلەر، ئورۇندالمىغان ۋەزىپىلەرگە بىر ئامال قىلىڭلار، يۇقۇردىكىلەر سېزىپ قالمىسۇن.
تەشكىلات بۆلۈمىدىكىلەر يىراق- يېقىنغا چاپىدۇ- دە دادۈيجاڭ، شىياۋدۈيجاڭلارنى ئىزدەيدۇ. ئەمىتىكامنىڭ تۇرمۇشى ناچار، قوشنىسې مەمىتىكامنىڭ ئۈيىدىن 6-7 قوي بىرە تال ئېشەك ئۆتنە سوراپ ئەمىتىكامنىڭ ئېغىلىغا ئەكىرىپ قۇيۇڭلار، پاتەمخىچامدىن بىرە تال گىلەم ئۆتنە ئېلىپ ئەمىتىكامنىڭ كارۋىتىغا سېلىپ قۇيۇڭلار، يېزىدا نامراتلار بارمۇ دېسە ھەممەيلەن يوق ، ھەممەيلەن قاتتىق بېيىپ كەتتى، قازان قۇمۇچى ماي بولۇپ كەتتى دېسۇن. چۈشەندىڭلارمۇ.
ھە راسىت، ساۋۇت سامسىپەزگە دەپ قۇيۇڭلار توي قىلمىغان ئوغلاقنىڭ گۆشىدە سامسىدىن 100 نى،
مامۇت مانتىپەزگە دەپ قۇيۇڭلار ئەرگە تەگمىگەن پاقلاننىڭ گۆشىدە مانتىدىن 50 نى،
بارات بېلىقچىغا دەپ قۇيۇڭلار بېدىدە باققان ئامبارنىڭ بېلىقىدىن 10 نى،
كامىل كاۋاپچىغا دەپ قۇيۇڭلار يۇلغۇن زىق تەييارلاپ كاۋاپتىن 100 زىق، مۇھەببەتلەشمىگەن چىش قوينىڭ گۆشىدە تۇنۇر كاۋاپ قىلىپ ھەممىنى تەل قىلىپ قويسۇن.
باشلانغۇچ مەكتەپكە يەتكۈزۈپ قۇيۇڭلار 5 سىنىپ بالىلىرىنى ئاجىرتىپ يوللارنى سۈپۈرۈپ ، سۇ چېچىپ قاتتۇرۇپ تۇرسۇن،يۇقۇردىن كەلگەنلەرنىڭ كىيىملىرىگە، ئايىقىغا توپا قونۇپ قالمىسۇن.
ئوتتۇرا مەكتەپكە يەتكۈزۈپ قۇيۇڭلار 5 سىنىپ باللرىنى ئاجىرتىپ داقا- دۇمباق چېلىپ، گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، چاۋاك چېلىپ يولنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرۇپ قارشى ئېلىشغا چىقسۇن.
ساقچىلارغا دەپ قۇيۇڭلار، قاتناشنى كوچىلارغا كىرگۈزمىسۇن، قويلارنىڭ مەرىشىگە، كالىلارنىڭ مۆرىشىگە، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مۇشۇنداق ياسالما، ساختىپەزلىك قاپلاپ كەتكەن خىزمەت ئۇسۇلى بىزدە ئومۇملىشىپ كەتكەچكە جەمىيەتتە ساختىلىق، خىزمەتتە مەسئۇليەتسىزلىك، ئەمەلدارلاردا چىرىكلىك، پارىخورلۇق، بىزلەردە شەكىلۋازلىق، سۆلەتۋازلىق، ھىيلىگەرلىك، كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. ھەممە ئىشلار مەخپى، تۇيۇقسىز ، تەكشۈرۈشلەر قاتتىق ، ئۈنۈملىك بولسىدى جەمىيەت بۇنچە قالايمىقانچىلىققا، ساختىلىققا تولۇپ كەتمىگەن بولاتتى.
|
|