- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- UID
- 29745
- يازما
- 10
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- توردا
- 17 سائەت
|
شىئەندە چوشقا گۆشىدىن ئىشلەنگەن ساختا كالا گۆشى قولغا چۈشۈرۈلدى
بىر نەچچە چوڭ قازاندىكى قاپقارا سۇيۇقلۇقتا گۆش قايناۋاتقان، پىشىپ بولغان گۆشلەر يەرگە دۈۋىلەپ قويۇلغان، گۆشكە چىۋىنلار ئۇلاشقان كۆرۈنۈش شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يەنتا شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى شەھەر جەنۇبىدىكى دۇچېڭ كەنتىدە بىر قانۇنسىز پىششىقلاش ئۇۋىسىنى تەكشۈرگەندە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ساقچىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، يەتتە كېچە – كۈندۈز تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساختا گۆش پىششىقلايدىغان قانۇنسىز ئۇۋىدىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ھەم 17 توننا ساختا كالا گۆشىنى قولغا چۈشۈرگەن.
2013 – يىل 2 – سېنتەبىر ئامما يانتا شۆبە ساقچى ئىدارىسىغا يەنتا رايونىدىكى جۇچې توپ تارقىتىش بازىدىدا بەزىلەرنىڭ چوشقا گۆشىنىدىن «ساختا كالا گۆشى» ياساۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەنتا ج خ شۆبە ئىدارىسى دەرھال 100 قابىل ساقچىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يەتتە كېچە – كۈندۈز ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ساقچى دائىرىلىرى 9 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇچېڭ كەنتى، گاۋجياۋباۋ، جۇچۆ توپ تارقىتىش بازىرى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىكى ساختا گۆش پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.
10 – سېنتەبىر ئەتىگەت ئۈچتە، ساقچىلار يۇقىرىقى ئۈچ ئورۇندىكى ئالتە ساختا گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش ئوۋىسىنى پىتچىت قىلىپ، 45گۇماندارنى قولغا ئالدى ھەم دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 13 ئاپتوموبىل ۋە چوشقا گۆشىدىن پىششىقلانغان، يېرىم پىششىقلانغان 17 توننا ساختا كالا گۆشىنى تۇتۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېلودىكى ئاساسلىق گۇماندارلار خېنەننىڭ شاڭچيۇ ۋە جياۋزۇ دېگەن يەرلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ساختا كالا گۆشى پىشىشىقلىغان ھەم ساتقان، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنلۇق تىجارەت كىنىشكىسى يوق ئىكەن.
جىنايەت گۇماندارى جاڭ X مۇنداق دېدى : «چوشقا گۆشىنىڭ كىلوسىنى 12 يۈەندىن توپ باھادا سېتىۋېلىپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن كالا گۆشى دەپ ساتىمىز.»
ـــ بۇ قارا ئۇۋىلاردا ھەر كۈنى 1500 – 2000 كىلوگىرام ئەتراپىدا ساختا كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسى بازارغا ئاپىرىپ سېتىلغان، ـــ دېدى يەنتا ج خ شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىدكا ئەترىتىنىڭ سىياسىي تەربىيەچىسى ۋاڭ فېي چۈشەندۈرۈپ، ــ جىنايەت گۇماندارلىرى باشقا جايلاردىن ئەرزان باھادا چوشقا گۆشى ئەكىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن كالا گۆشى دەپ كىلوسىنى 25 يۈەندىن 33 يۈەنگىچە ساتقان.
ساقچىلار يەنە گۆش پىششىقلاش ئۇۋىلىرىدا كۆپ مىقدارىدا پاراففىن، سانائەتكە ئىشلىتىدىلىغان تۇز قاتارلىق دۆلەت ئىشلىتىشنى ئېنىق چەكلىگەن خۇرۇچلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
يەنتا ج خ شۆبەر ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى:«ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساختا كالا گۆشى پىششىقلايدىغان ئۇۋىدىن ئالتىنى ئېنىقلىدى، بۇنىڭ تۆتى دۇچېڭ كەنتىدە، ئىككىسى گاۋجيابوۋ كەنتىدە، بۇ ساختا كالا گۆشى پىششىقلايدىغان ئۇۋىدىكىلەر ئەتىگەن سائەت بىردە ئىشقا كىرىشىپ، ئەتىگەن سائەت بەش ئەتراپىدا تەييار بولغان مەھسۇلاتلارنى جۇچۆ توپ تارقىتىش بازىرىغا ئاپىرىپ ساتقان. نۆۋەتتە، سۈپەت نازارەتلىك تارماقلىرى ساختا كالا گۆشىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەن ھالدا باھالاۋاتىدۇ، ساقچى تەرەپ 28 ئاساسلىق گۇماندارنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.»
مەنبە: تېڭشۈن تورى
[
|
|