قارىسام مەنلا قاپتىمەن ئۇشبۇ تېمىغا قېتىلمىغان. ئۇنداقتا مەنمۇ بىر كەلتۈرەي... يېقىپ قالسا ئېۋۇ باش بەتكە چىقىپ قالامدۇ تېخى ..ھې..ھې..ھې...
يا ، بىسمىللاھ...
چوڭ ئەيساغا :
ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىز <ئوسمان داڭگال> دەپ قويساق،
بىرى دەيدۇ < چوڭ ئەيسا> نان ياقارمىش تونۇرغا.
<تۇنجى قار>دا لاغايلاپ <ئايپاتەم>گە يولۇقۇپ،
<مېھمان>لىقتىن زېرىكىپ ، چىقتىڭىزمۇ <يۇمۇر> غا؟
دىلنار ئابدۇللاغا
<سۆيگۈ >بىلەن تونۇلۇپ <ئەسقەر>بايغا جۆر بولۇپ،
تالاي تالاي لەپەرنى بىزگە تەقدىم ئەتتىڭىز.
مەنسەپ دىگەن خوپ كەلسە، چېكىنەمدۇ ئېيتىڭا،
تاشلىۋېتىپ سەھنىنى ، سىز قەيەرگە كەتتىڭىز؟