ئەسكەرتىش : مەزكۇر شېئرىي چاقچاق جەمئىي 20 كۇبلىت قىلىپ جەملەندى ، مۇشۇ تېما ئاستىغا يېزىلغان ، ئەتىراپلىق سەمىمىي تۈستىكى شېئىرىي چاقچاقلار ئەسلى ئاپتۇرى بىلەن بىرگە بېرىلدى .  
 
بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە شېئىرىي چاقچاق  
 
رادىل ئابلاغا   
 
ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى پايدا قىلغاچ يۈرەككە  
سەھەر - كەچتە ماختايدۇ سىزنى بوۋام رادىلكا .  
گۇرۇھ بوپتۇ ئاڭلىساق << ئارمان >> يەنە زورىيىپ  
سالمىسىڭىز بولمامدۇ ماگىزىنغا تاماكا ؟   
 
نۇرتاي ھاجىمغا   
 
ئاۋام دىلدىن شاد بولدى سىز مەكتەپنى سالغاندا  
يېتىملەرنىڭ قەلبىدە ياندى ئۆچمەس بىر قۇياش .  
كەڭرى ئىكەن كۆكسىڭىز خۇددى چەكسىز دەريادەك 
ئۇدۇم بولسۇن بىزلەرگە سىزدەك سېخى ، مەرد ياشاش .   
 
ئالىم ئەھەتكە   
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى سىزنى ئەلگە تونۇتتى  
يول ئالدىڭىز شۇندىلا ئەلنىڭ قەلب تۆرىگە .  
توختاپ قالماڭ بىر ئىزدا ، زەپەر قۇچۇپ ھەرزامان 
ھەتتا مىكروسوفتنى چۆرۈۋېتىپ كەينىگە .   
 
ئابدۇللا ئابدىرېھىم ئاكىغا   
( ئۇستاز )  
<<ئۇزاق يولنى>> باستىڭىز، گاھ قەلەندەر شاھ  بولۇپ،  
<<رەنجىمە>> دەپ قويۇپلا چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ.  
شىركەتنىمۇ باشقۇرۇڭ، ناخشىڭىزنى تاشلىماڭ، 
ناخشىڭىزنى ئەل - ئاۋام ئاڭلىماقتا ياقتۇرۇپ.  
 
 
مەمتىمىن ھوشۇرغا   
<< ئالتۇن چىشلىق ئىت >> بىزگە تونۇش خۇددى سىز كەبى  
كۆرۈنمەيلا كەتتىڭىز دىلنى زار قىپ بۇ دەمدە .  
تەرجىمىگە كۈچەپلا ، يازمىدىڭىز ھېكايە  
سودا ئوتى ياندىمۇ چىقىش ئۈچۈن چەتئەلگە ؟   
 
غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدكە  
خوتەن دەشتى چۆلىدە شىر ، بۆرىگە ئايلىنىپ  
شېئىر يېزىپ قان بىلەن ، جۇۋان ئىزدەپ يۈرەمسىز ؟  
گۇگۇم باسقان بۇ دەمدە ياندى << ئەرنىڭ ئىپپىتى >>  
يار چېچىدىن دار ياساپ ، ئۆلىمەن دەپ يۈرەمسىز ؟   
 
ئادىل تۇنىيازغا   
<< مەن كەلدىم >> دەپ ياڭرىغان ناخشىڭىزنى ئاڭلىدۇق  
ئامانمۇ سىز ، ساقمىدۇ ئائىلىڭىز ئادىلكا ؟  
خورما يېغى ئىپكەپسىز سەئۇدىدىن قايتقاندا 
بېرەرسىزمۇ بىز بارساق بىرەر باك ياغ بىكارغا ؟  
 
مۇھەممەدجان راشىدىنغا   
شېئىرىڭىز بەك بەلەن ، ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ  
<< ھايات دېگەن مانا شۇ >> قەلبلەردە ياڭرايدۇ .  
يېزىڭ يەنە توختىماي ، ئىگىلسىمۇ قەددىڭىز  
ئەلنىڭ ئوغلى ھەر ۋاقىت ئەل قەلبىدە ياشنايدۇ .   
 
چىمەنگۈل ئاۋۇتقا   
<< بارسا كەلمەس يول >> بىلەن كەتمىگەنسىز يىراققا  
تاشلاپ قويۇپ يالغۇزلا بىزنى بۇندا پىراققا .  
ئەدەبىيات بېغىدا پورەكلىگەن بىر گۈلسىز  
ئۆتۈڭ ، ھەدە ناۋادا سەپەر بولسا بۇياققا .   
 
ئۆمەر  مۇھەممەتئىمىن  كرورانغا :  
( ئەنۋەر ھىدايەت ) شېئىر يېزىپ كىچىچە، ئىشقا بېرىپ ئەتتىگەن ، 
ناشتا قىلماي چۈشكىچە، دائىم ئەسەر كۈرەمسىز . 
< ئىسسىق > دەيدۇ كورلىنى ،چىقىۋېلىپ تاغلارغا ، 
< قىرىق ياشلىق ئەر بىز > دەپ مەيدە كېرىپ يۈرەمسىز .   
 
يالقۇن روزىغا   
 
 
خەت يازدىڭىز ئوچۇقلا ھوشۇر قارى ئاكىغا  
مەقسەت نېمە زادىلا بىلەلمىدۇق بىز بۇنى .  
ئادەم ھايۋان ئەمەسقۇ ، يەنە ئاڭغا ئىگە ھەم  
ئارتۇق كۆرسەك بولامدۇ بىر ئادەمدىن ئېشەكنى ؟!!!  
 
پەرھات تۇرسۇنغا  
 
<< ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى >> يەر تەۋرەتتى دىياردا  
سەنئەت ھامان ئۆلۈمنى ئايرىپ چىقار بىر كۈنى .  
دوكتۇر بوپسىز ئاڭلىساق ، قالپاق ئەمدى چوڭ بوپتۇ ،  
ئوبزور يازسا جىم تۇرماڭ ، ھەيدەپ سۈرۈپ ھەممىنى .   
 
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈككە   
غەزەللەردىن سۇ ئىچتى چاك يىرىلغان قەلبىمىز  
بوز ئېتىڭىز چاپچىيدۇ تۈن نىسبىدە ، زۇلمەتتە .  
تۈرۈكلەرنىڭ بېگى سىز ، بەردەم ئېلىڭ قەدەمنى  
مەلھەم بولۇڭ دىللارغا يۈرىۋەرمەي ھەسرەتتە .   
 
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى  
ئەزىزانە قەشقەردە گۇگۇم ماراپ تۇرغاندا  
چاتقاللاردا مۆكۈنۈپ توشقان ئوۋلاپ يۈرەمسىز ؟  
ئۆرۈم چاچلار ئايلانسا جادۇگەرنىڭ قولىغا  
خۇددى بەردەم پەرھاتتەك تاغنى تالقان قىلامسىز ؟  
 
 
( 2 )  
 
ئادىل مىجىتكە   
<< مەن ساقچى >>نى ۋايىغا يەتكۈزدىڭىز بىلىمىز  
ئەمما يەنە سەھنىدە لىپتىك تاقاپ يۈردىڭىز .  
قايتسىڭىز گەر شۇ پىتى ئۆيىڭىزگە ئادىلكا  
نېمە دەپمۇ چاقىرار شۇ ئەسنادا قىزىڭىز .   
 
ئابدۇكېرەم ئابلىزغا   
ئىتوت ئويناپ سەھنىدە ، ئەل - ئاۋامنى كۈلدۈرۈپ  
<< چولپان >> دېگەن بۇ نامنى قان تەر بىلەن ئالدىڭىز .  
نېمە دەيمىز بىز يەنە كۈپكۈندۈزدە كوچىدا  
بىر ئېشەكنى دادا دەپ ماتەم تۇتۇپ يۈرسىڭىز ؟!  
 
ئايشىگۈل مۇھەممەدكە  
<< ئاق بېلىق >> نى ئېيتتىڭىز ئاق دەريادا ئۈزگەندەك 
چىشلەپ قالدۇق لەۋلەرنى دىللار شۇتاپ لال بولۇپ .  
شادلىناتتۇق سىزدىن بىز يۈرسىڭىز گەر مۇبادا  
قىسقا چاچنىڭ ئورنىغا ئۆرۈم - ئۆرۈم چاچ قويۇپ.  
 
ئابلەت ئابلىكىمگە   
<<مەن دولان >> نى ئېيتتىڭىز كۆيۈپ خۇددى گۈلخاندەك ، 
<< ئۇيغۇرنىسا >> قەلبتە مۇڭ تۆكىدۇ ھېلىمۇ . 
مىللىي روھقا تويۇنغان ئىجادىڭىز ھەر زامان 
مۇزىكىدەك چىڭ بولسۇن ناخشىڭىزنىڭ بېلىمۇ .  
 
مەمەتجان روزى سايىتقا : 
  
( ئەنۋەر ھىدايەت )  
كىلىشتۇرۇپ دورايسىز   ئارتىسلارنى سەھنىدە ، 
ئۈگەنگەنمۇ بۇ ئىشنى كىچىك چاغدا-يەسلىدە . 
دوراش بىلەن ئىش پۈتمەس،سىزمۇ كۈيلەڭ دېھقاننى ، 
بىلىپ قېلىڭ مەمەتجان سىزمۇ شائىر نەسلىدە!  
 
 
مۆمىنجان ئابلىكىمگە   
<< چۈشۈمدە سەن >> قالغانتى مۇقاملاردىن يىراقتا  
<< سېغىنىمەن >>  تونۇتتى سىزنى رەسمىي ئاۋامغا . 
پۇتلاشتىڭىز خىلى ۋاق ئۆزگە يولدا ئېزىقىپ  
ئالدىڭىزدا تاغ تولا ، سەل قارىماڭ داۋانغا .  
 
ئەسكەرتىش : مەزكۇر تېمىنى ئەلكۈيىدىن باشقا ھەرقانداق توربېكەتكە چىقىرىشقا بولمايدۇ .  |