ئىگىسى: gvzal3.8

مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

«سىلەرگە ئەقىل ك

UID
11099
يازما
33
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
903
تىزىملاتقان
2011-5-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 19:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 39قەۋەتتىكىkoygandengiz يوللىغان 2011-05-09 03:14 غا قارتىلغان :
    شۇنداق گۈزەل بىر تارىخنىڭ ئىزىنىمۇ قويماي ئۆچۈرۈپ تاشلىدى . ئەڭ ئاخرىدا قالدۇرۇپ قويۇلغان زاۋۇت تۇرخىنىمۇ  ئىپلاسلارچە چېقىپ تاشلاندى ! ئەگەر بۇ يەر پۇل ئۈچۈن سېتىلدى دىيىلسە ، زىيارەتگاھ قىلىپ ئېچىلغان بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلالايتتى . دېمەك ، " جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا "........
    ........  
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! يۇقىردىكى زادى نىمە ئىشلار،قاچان نىمە سەۋەپتىن چىقىۋىتىلدى؟؟؟ مەن تىخى ئۆزۈمچە ۋاقىت تىپىپ غۇلجىغا بىرىپ كۆرۈپ كىلەرمەن دەپ يۈرگەن. ئىسىت ئۇيغۇرۇمنىڭ تارخ يالدامىسى، ئەپسۇس....   شۇچاغدا بىرەرسىمۇ توسۇپ قالماپتۇ دىسە،مايۇرتتا 1950دىن كىيىن سالغان ئىمارەتلەرنىمۇ"قوغدىلىدىغان ئىمارەت"دەپ ئەسلىچە ساقلايدۇ. ئۇ دىگەن بىر رايوننىڭ سانائىتىنىڭ شاھىدى تۇرسا بىرەر ئىغىز ھەق سۆزلەيدىغانلار چىقماپتۇ... خەيىر، ھىلىمۇ ئۈمۈدۋارمەن،چۈنكى بۇخىل روھىيەتنى "چىقىش" بىلەن يوقالدى دىگىلى بولمايدۇدە،ھازىرمۇ ھەم بۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ يولىنى بىسىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
(بۇ مىنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يازغان تۇنجى سۆزلىرىم،قىرىنداشلارغا" كۆك دىڭىز"دىن ئوتلۇق سالام!!!)

گەپ قىلمىسىڭىز ھىچكىم سىزنى گاچىكەن دىمەيدۇ

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 00:13:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى روھىيەت بىناكارلىغىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،نۇقۇل تىجارەت بىناكارلىغىغا مەبلەغ سېلىش ،ھازىرقى ۋەزىيەتتە خۇددى يانارتاغ ئاغزىغا ،كەلكۈۈن توسمىسى باغرىغا ،ھەشەمەت ئالتۇن قەسىر سالغاندەكلا بىر ئىش !...

UID
2473
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 19:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىللانىڭ ‹بىر مىللەتنىڭ كاپىتالىستلىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇ مىللەت كىشىگە كۆپ بوزەك بولمايدۇ ھەم تەرەققىياتى ئارقىدا قالمايدۇ...›دېگەن سۆزىگە بارىكاللا.

كىرىموللا

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 02:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 42قەۋەتتىكىkirmolla يوللىغان 2011-05-15 19:02 غا قارتىلغان  :
ئاتىللانىڭ ‹بىر مىللەتنىڭ كاپىتالىستلىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇ مىللەت كىشىگە كۆپ بوزەك بولمايدۇ ھەم تەرەققىياتى ئارقىدا قالمايدۇ...›دېگەن سۆزىگە بارىكاللا.
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق ،،،ئەمما ئاتتىللا زامانىدا كاپىتالىست دەيدىغان ئۇقۇم يوق ئىدى ....بەلكىم ئىسىمنى ئالماشتۇرۇپ قويغانسىز....
..

UID
4954
يازما
55
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 17:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 24قەۋەتتىكىayqiqak يوللىغان 2010-08-16 01:47 غا قارتىلغان  :
ئاكا- ئۇكا مۇسابايۇفلار بىر تالاي ئۈسكۈنىنى روسيە تەرەپنىڭ قاتتىق شەرتلىرىنى قۇيۇشى ۋە تۈرلۈك تۇسالغۇ پەيدا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ مىڭبىر مۇشەقەتتە غۇلجا شەھرىگە ئېلىپ كىرىپ زاۋۇت قۇرغان. روسيەدىن ئوتقا چىداملىق خىشلارنى سېتىۋىلىپ زور غەيرەت بىلەن زاۋۇت قۇرلۇشىنى پۈتكۈزگەن 25 مىتىر ئېگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇننى قۇپۇرۇپ يۇقىرى قىسمىغا 1909 دىگەن ساننى ئاق خىش ئارقىلىق نەقىشلەپ زاۋۇت قۇرۇلغان يىل كۈننى نامايەن قىلغان. چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن 48 ئورۇنغا كۆۋرۈك سالغان بولسا ، ئاكا ئۇكا مۇسابايۇفلار ياركەنت- قۇرغاس- غۇلجا ئارلىقىدا 200 ئارتۇق چوڭ كىچىك كۆۋرۈك ياساپ زاۋۇت ئۈسكۈنلىرىنى غۇلجا شەھرىگە ئىلىپ كەلگەن 1909 يىلى دېكابىردا زاۋۇتنڭ < ۋۇت! ۋۇت! > قىلىپ ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازى بىلەن ئىلى ئاسمىننى لەرزىگە سىلىپ شىنجاڭ مىللىي سانائىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان بۇ زاۋۇت شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىشىگە تاشلىغان تۇنجى زور قەدىمى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن 20 - ئەسىر شىنجاڭ تارىخدىكى ئەھمىيتى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېساپلانغان . ئەينى ۋاقىتتا بۇ زاۋۇتنىڭ قۇرلۇشى ئانا دىيارىمىز شىنجاڭغىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇتتۇرا ئاسياغا نىسبەتەنمۇ ھەيران قالارلىق بىر زور يىڭىلىق ھىساپلانغان. بۇ يىڭىلىقنى ئاكا- ئۇكا مۇسابايۇفلار ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جاسارەت ۋە مىڭلارچە ئاپىرىن ئۇقۇغۇدەك پاراسەت بىلەن تالاي مۇشەقەتلەرنى يىڭىپ تۈرلۈك دۆلەتتىكى نۇرغۇن سودا ، دىپلۇماتىيە ئورنىغا قاتراپ يەتتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن.كارخانا قىممىتى، كارخانچىلارنىڭ رولى ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ياپۇنلار
< 100 پروفېسور تەربىيلىگەندىن بىر كارخانىچى يېتىشتۈرگەن ئەلا > دەپ قارايدىكەن . دىمەك مىللىي كارخانىچىلار مىللەتنىڭ زور بايلىقى ھېساپلىنىدۇ.
بىر مۇتەپەككۈر ؛< خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان تارىخىي پائالىيەتلىرى ، ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك شانلىق پائالىيەتلىرى ، تىللاردا داستان بولغۇدەك مەشھور شەخىسلىرى تۇرۇپ ،خاتىرلەشنى ، ئەسلەشنى بىلمىگەن خەلىق ھاماقەت خەلىقتور !> دېگەنىكەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، بىر قۇلىدا مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنى، يەنە بىر قۇلىدا يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرگەن بۇ بۈيۈك ئەزمەتلەرنى ياد ئىتىپ ئەسلەش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز .
    يۇقارقى ئىنكاسىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىزغۇ  ئاپپاق ئاي چىچەك  . سىزنىڭ ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتمەي تېما ئوغۇرلاشتىن  باشقا يەنە ئىنكاس كۆچۈرىدىغان ئادىتىڭىزمۇ  بار  ئىكەن - ھە؟ سەت قىلىق ئۇ . ئۆزگەرتىۋالارسىز.

يۇرتىمىزنىڭ  قىزىل  گۈللىرى، شېھىتلارنىڭ  تۆككەن قانلىرى.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
233
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6804
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-28
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 17:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىش-ئىزلارنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا بىلىۋالدىم. ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا دائىر"بىر پارچە خىشنىڭ سىرى" ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئوقۇپ ،ھاياجاندىن كۆزلىرىمدىن ياش كەتكەن ،ئۇلارنىڭ شىركەت بەلگىسى بولغان ئاشۇ تۇرخۇن ئۆرىۋىتىلگەندە ،ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولغان،پىشقەدەم ،كونا ئىشچىلارنىڭ ئىلاجىسىز لىقى يۈرۈگۈمنى ئەزگەن ئىدى،مۇشۇنداق دۇنياغا يۈزلەنگەن،،ئىدىيىسى ئىلغار ،يۇرتىنى،يۇرتداشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بايلىرىرىمىز كۆپرەك بولغان بولسا مىللىتىمىز يەنە مۇشۇنداق بولارمىدى؟!

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 17:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا !
ئەرلەر بىرلا خوتۇنغا قاراپ قاممىسا،  مۇشتا چوڭ ئىشلانى قىلدىغان گەپ.....
يولۋاستەك بۇۋام.....

باھا سۆز

白绿光  ئەڭ نادىر ئىنكاس .  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 01:28:05

كۆيۈمچان ئەزا

دۇنياغا دوستلۇق

UID
10634
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3016
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى بىزنىڭ شىركەت ئاچقان خوجايىنلىرىمىزمۇ بىرلىشىپ گۇرۇھ تۈزەپ ئولۇغ بوۋىللىرىمىزنىڭ شان شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسىكەن

ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار،ئەتىنى بىلمەيمىز،تۇنۈگننى ئەكىللەلمەيمىز ،بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بۈگۈنلا بار،دىققەت قىلىڭلار،سىلەرگە ئىشىنىمەن

UID
17664
يازما
203
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
773
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 20:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ بىزنىڭ قىتىر -قىنىپ ئىزدىنىشىمىزگە ، ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ئادەم

UID
18210
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
224
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 19:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پارچە خىشنىڭ سىرىنى مەنمۇ ئوقىغان، شۇ ۋاقىتتا بەكمۇ ئازابلانغان ئىدىم. ئادۋۇكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن خەلىقئارا قانۇن بويىچە، غۇلجىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتە.........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش