شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتى 2013-يىللىق كاتتا يايلاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىپ 3-كۈنىدىكى مۇسابىقە ئەھۋالى
تەپسىلاتى بۇ يەردە
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=19052
ئەلكۈيى تورى تومۇز 15-كۈنى خەۋىرى:8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئايلانما مۇسابىقىدە سۈيدۈڭ يەنى غولجا كوماندىسى بىلەن كورلا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە غولجا كوماندىسى 2 توپ كىرگۈزۈپ،كورلا كوماندىسى 1 توپ كىرگۈزدى.غولجا كوماندىسى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى.
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە سۈيدۈڭ(غولجا ، گۇاڭخې ئۆي مۈلۈكچىلىكى)كوماندىسى بىلەن بىلەن كورلا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلدى
سۈيدۈڭ(غولجا ، گۇاڭخې ئۆي مۈلۈكچىلىكى)كوماندىسى ئالدىنقى يىرىم مەيداندا 2 توپ ئۇردى كىيىنكى يىرىم مەيداندا كورلا كوماندىسى جان جەھلى بىلەن ئويناپ بىرتوپ قايتۇرۋالدى
شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈڭ(غولجا ، گۇاڭخې ئۆي مۈلۈكچىلىكى)كوماندىسى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىككىنجى مەيداندا ئاتۇش كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى مەشرەپ كوماندىسى مۇسابىقە ئويناپ ئاتۇش كوماندىسى 3 توپ،مەشرەپ كوماندىسى 2 توپ كىرگۈزدى.مەشرەپ كوماندىسىدا ئالدىنقى يىلى تاشئالما كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان 5-نومۇرلۇق پەرھات چىرايلىق ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 2-2بولغاندا ئاتۇش كوماندىسىنىڭ ماھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ 3-2نەتىجە بىلەن ئاتۇش كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ئاتۇش كوماندىسى بىلەن مەشرەپ كوماندىسى ئوتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ ئاتۇش كوماندىسى ئالدىنقى يىرىم مەيداندا بىر توپ ئۇردى كىيىنكى يىرىم مەيداندا بىرتوپ ئۇرۇپ 0-2 نەتىجىگە ئېگە بولغانغا ئۇزاق قالماي مەشرەپ كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن 2 توپ ئۇرۇپ يىتىشىۋالدى ئاندىن ھەممىمىز گىپىنى قىلغان 8- نۇمۇرلۇق ئالىمجان ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن 18 مىتىرنىڭ ئىچىگە توپ ئېلىپ كىرىپ بىر توپ ئۇرۇپ مەشرەپ كوماندىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
بۈگۈنكى 3-ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى ھەرەمباغ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈپ ھەرەمباغ كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى.
ھەرەمباغ كوماندىسى بىلەن شىجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ھەرەمباغدىكى سول كىراي ئابلەتجان قايتقان توپنى ئۇرۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىغا بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە بولدى .