تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 17148|ئىنكاس: 26

دىيارىمىزدا كاتتا يايلاق پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
141
تېما
96
نادىر
11
جۇغلانما
5365
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-6
توردا
1366 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 10:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى  ئويۇشتۇرغان 2013-يىللىق «كاتتا يايلاق» لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى





ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئولۇغ ئاللاھتىن ساق  سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا ئامەت ۋە غەلبە نۇسرەت تىلەيمىز.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ئالدىنقى يىلى دىيارىمىزدا پۇتبول قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككەن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، مەيلى پۇتبول مەستانىلىرى سانى بولسۇن ،مەيلى مۇسابىقە قىزغىنلىقى بولسۇن ياكى پۇتبولچىلارنىڭ ماھارىتى بولسۇن ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى ، ئەھۋاللارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.بۇ يىل دىيارىمىزدا گەرچە ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتناشماسلىق، ياخشى پۇتبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ،پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ،ەجىر - مېھنىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ، پۇتبولسۈيەر ئوغلانىمىز يۈسۈپ ئىمىن ھاجى ئەپەندىمنىڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن  شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2013-يىللىق «كاتتا يايلاق» لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تۆنۈگۈن ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا رەسمىي باشلاندى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ماھىرلارنىڭ سەرخىللىقى،پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولىشى،ھەمدە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى قاندۇرۇلماي كېلىنىۋاتقان پۇتبول ئىشتىياقىغا يەنە بىر قېتىملىق مەنىۋى ئوزۇق بولدى.ئەلكۈيى تورى دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا يەنىمۇ مەدەت بىرىش  ۋە مۇسابىقە نەق مەيدانىغا بارالماي قالغان نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئارمانىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە نەق مەيدانىغا بېرىپ ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئارقىلىق مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تورداشلارغا بىلدۈرۈپ تۇردى ۋە بىر تەرەپتىن مۇسابىقە جەريانىنى سىنغا ئېلىپ ، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلەر،پۇتبول ئەزىمەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.








تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئاتۇش كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى ھەرەمباغ كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.گەرچە مۇسابىقە جەريانىدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ماھىرلارنىڭ كەيپىياتى يەنىلا تۇراقلىق ئىدى.كەسكىن ئېلىشىشلاردىن كېيىن يېڭىش يېڭىلىش بەلگىلىنىپ پۇتبول ماكانى ئاتۇشتىن كەلگەن ئەزىمەتلەر ھەرەمباغ كوماندىسى يەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توپ تىپىۋاتقان  ئەكرەم قاتارلىق چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان كوماندىنى  5كە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە كورلا كوماندىسى بىلەن قاراماي كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.ئەمما ئىككى تەرەپ كۈچ جەھەتتە تەڭ كېلىپ قېلىپ 4كە قارشى تۆت نەتىجىنى ساقلاپ قالدى.





ئۈچىنجى مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى پەرۋاز كوماندىسى بىلەن غۇلجا سۈيدۈڭ گۇاڭخې كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى كوماندىسىىنىڭ ئەزاسى،ئۆتكەن يىلى تاشئالما كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ماھىر نىزامىدىن سۈيدۈڭ كوماندىسىنىڭ ئارقا بېك ئورنىنىڭ بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپكە بىر توپ كىرگۈزدى.ئارقىدىن سۈيدۈڭ كوماندىسىمۇ بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ 20-نومۇرلۇق ماھىر قارشى تەرەپكە بىر توپ كىرگۈزدى.نەتىجە 1:1ھالىتىنى ساقلىدى.ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ 2:1نەتىجە بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشتى.كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىمۇ ئوخشاشلا جانلىق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.گەرچە غۇلجا سۈيدۈڭ كوماندىسىدا بىر تۈركۈم ئىچكىرىي ئۆلكىدىكى كۇلۇپلاردا توپ ئوينايدىغان بارى،ئەكرەم،يەھيا قاتارلىق ئەزالار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ تەشكىللىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى،ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىقى سەۋەپلىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتىۋەتتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن 6:1بولۇپ نەتىجىلەندى .

  شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2013-يىللىق «كاتتا يايلاق» لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تۆۋەندىكىچە:


8-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئاتۇش  كوماندىسى بىلەن ھەرەمباغ كوماندىسى
كورلا كوماندىسى بىلەن ئەزكا كوماندىسى
گۇاڭخى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كوماندىسى


8-ئاينىڭ 14-كۈنى
  كورلا كوماندىسى بىلەن ئاتۇش كوماندىسى
گۇاڭخى  كوماندىسى بىلەن ھەرەمباغ كوماندىسى
مەشرەپ كوماندىسى بىلەن ئەزكا كوماندىسى


8-ئاينىڭ15-كۈنى
گۇاڭخى  كوماندىسى بىلەن كورلا كوماندىسى
مەشرەپ كوماندىسى بىلەن ئاتۇش كوماندىسى
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كوماندىسى  بىلەن ھەرەمباغ كوماندىسى


  8-ئاينىڭ16-كۈنى

   مەشرەپ بىلەن گۇاڭخى

  شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىىتىتى بىلەن كورلا

  ئەزكا بىلەن ئاتۇش


8-ئاينىڭ17-كۈنى

شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى بىلەن مەشرەپ

ئەزكا بىلەن گۇاڭخى

ھەرەمباغ بىلەن كورلا


8-ئاينىڭ18-كۈنى

ئەزكا بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى

ھەرەمباغ بىلەن مەشرەپ

ئاتۇش بىلەن گۇاڭخى


8-ئاينىڭ19-كۈنى

ھەرەمباغ كوماندىسى  بىلەن ئەزكا كوماندىسى

ئاتۇش كوماندىسى  بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتتى كوماندىسى

كورلا كوماندىسى  بىلەن مەشرەپ كوماندىسى



ئەسكەرتىش :
ھەربىر كۈننىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 12:00دە باشلىنىدۇ،2-مەيدان مۇسابىقە 14:00 تە باشلىنىدۇ،3-مەيدان مۇسابىقە 16:00دە ئوينىلىدۇ .(مۇسابىقە ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى)


مۇسابىقە بۈگۈنمۇ داۋاملىق قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا داۋام قىلىدۇ.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ۋە ئىناقلىق روھىنى مەزمۇن قىلغان بۇ مۇسابىقىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى،پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارىتىنى مۇسابىقە جەريانىدا جارى قىلدۇرۇپ،دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان يۈسۈپ ئىمىن ھاجى ئەپەندىمگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

















































كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى تومۇز ئېينىڭ 13-كۈنى(8-ئاينىڭ 13-كۈنى)


سۈرەتلەرنى جۈپ قول كەسپىي سۈرەتخانىسىدىن مۇھەممەت ئەھمەد تەھۇر تارتقان.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31618
يازما
204
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
204
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-1
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 11:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ ياخشى ئۆتكۇزۇلۇشىگە تىلەكداشمەن ...

UID
46697
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-10-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 11:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ ياخشى ئۆتكۇزۇلۇشىگە تىلەكداشمەن ...

UID
52314
يازما
115
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
115
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-6
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورلا كوماندىسى بايىنعۇلىن بۇيىچە ئەڭ كۅچلۅك كوماندا ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئەگەر مۇمكىنىيەت بولعان بولسا نەق مەيداندا كۉرۅشنى ئۅمىد قىلاتتىم . ئىنتايىن ئەپسۇس . لكىن ماۋۇ قارماي بىلەن تۉتتە تۉت دگەن نەتىجىنى كۉرۅپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىم جۇما ، ئاپتۇنومدىن كورلىدىن بۇ يىللىق مۇسابىقىگە كوماندا چىقمايدۇ ، ئاۋارە بولماسلىنى ئيتىشىپتىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقى كەلگەن بۇ كوماندا يتەكلىگۅچىسى ۋە باشقىلار زادى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نەتىجە بىلەن قايتىشنى نىيەت قىلعان ئىدى .  بۇ نەتىجىگە قارىعاندا ئۇلاردىن حىلى ئۅمىد بار ئوحشايدۇ . مۇسابىقە ئەھۋالىدىن حەۋەردار قىلىپ تۇرعانلىقىڭلارعا ئىنتايىن تەشەككۅرلەر بولسۇن ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . كۅندىلىك نەتىجە ئەھۋالىدىن حەۋەردار بولسىمۇ بوپ تۇرىدىعان بولدۇق .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-14 12:42):
ئۅستىدىكى بىرىنچى سۅرەتتىكىسى شۇ . ئۇلار ئالدى بىلەن تەبىئىي بەرپا بولعان

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-14 12:43):
كىيىن بۇلبۇل رىستۇرانى ئۇلارنى كۅچلۅك قوللاپ بۅگۅنگە كەلگەن

تىرىشچان ئەزا

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-ئوغ

UID
10706
يازما
41
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2011-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-4
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاھاھا .

UID
11145
يازما
131
تېما
29
نادىر
2
جۇغلانما
1131
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-25
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 15:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇلچىلار جەميىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «كاتتايايلاق لوڭقىسى » پۇتبۇل مۇسابقىسى 13-ئاۋغوسىت باشلاندى
بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە :

  ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:00دە          ئاتۇش ياشلار پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ھەرەمباغ پۇتبۇل كاماندىسى
   ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00 دە          كورلا ياشلار كوماندىسى بىلەن قارماي ئەزكا پۇتبۇل كاماندىسى
  ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:00 تە          غۇلجا ياشلار پۇتبۇل كاماندىسى بىلەن شىنجاڭ ئونۋېرسېتى پۇتبۇل كاماندىسى

12:00دە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە
ئاتۇش پۇتبۇل كاماندىسىدا ئىچكىردە توپ تىپىۋاتقان پۇتبۇلچىلاردىن يوققۇ دەيمەن ، ئەمما بۇرۇن ھۇررا پۇتبۇل كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بالىلار باركەن(ھۇررانىڭ 2011-يىلدىكى باللىرىغۇ دەيمەن )
شاۋكەت ، پەرھات قاتارلىق توپچىلار بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاتۇش كاماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغان ( پەرھات مەشرەپ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينايدۇ )
ھەرەمباغ كوماندىسىدا ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان توپچىللىرىمىزدىن ئىلھام ، يەھيا ، ئەكرەم قاتارلىق توپچىلار يىغىلغان كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپىيون چىقىشى ئەڭ يۇقىرى دېيىلگەن كوماندا ئىدى
ئالدىنقى مەيداندىكى مۇسابىقىدە  ھەرەمباغ كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرى ئاتۇش كوماندىسىدىكى بالىلارنى تەمتىرىتىپ قويدى ، ( ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيە دىگەندەك ياخشى ئەمەس ) قاپقاقچىنىڭ مول تەجىربىسى بولغاچ نۇرغۇن خەتەرلىك توپلار توسۇپ قېلىندى ، بىراق يەنىلا ھەرەمباغ كوماندىسى ئىككى توپنى ئالدى بىلەن ئۇرۇپ ، تاماششىبىنلارنىڭ كۆڭلىدە ھەرەمباغ يېڭىپ كەتتى دىگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى  ، بىراق ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئوتتۇرا بولغاندا ئاتۇش كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ھۇجۇمنى ئۈنۈملۈك كۈچەيىتتى بولۇپمۇ 15-نۇمۇرلۇق ماھىر كەينى كەينىدىن 5مىنۇتنىڭ ئىچىدە 2توپ ئۇرۇپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۈردى
ئالدىنقى مەيدان 2:2نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى ، كېيىنكى مەيداندا ئاتۇش كوماندىسى ھەرەمباغ كوماندىسىغا پەقەتلا پۇرسەت بەرمىدى ، قاپقاقچىمۇ نۇرغۇن خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى ، تاماششىبىنلارنىڭ ھۇررا سادالىرى ئاتۇش كوماندىسىغا تېخىمۇ ئېلھام بېرىپ كەينى كەينىدىن 3 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 5:2 گە ئۆزگەرتىپ چىمپىيون كوماندا بولىدۇ دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ھەرەمباغ كوماندىسىنى يەڭدى ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاتۇش كوماندىسىدىكى ئەزمەتلەر ھەقىقەتەن تىرىشتى ھەم نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ نۇمۇر ئېلىۋالدى ، مەنچە ھەرەمباغ كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك كوماندا بىراق بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پەقەت تەلەي كەلمىدى ، تۈزۈك ماسلىشىش يوق . ئىككىلىي كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىللىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن




4:00تە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە كورلا كوماندىسى بىلەن قارماي ئەزكا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كورلا كوماندىسىدا ئىچكىردە توپ تېپىدىغان توپچىلار يوق ، قارماي ئەزكا كوماندىسىدا تەكلىپ قىلىنغان توپچىلار بار مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپتىلا كورلا كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىدى كېيىن قارماي ئەزكا كوماندىسى ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈپ 11-نۇمۇر ۋە 17-نۇمۇرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى بىلەن ئارقا -ئارقىدىن 2توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى يېرىم مەيداننى ئاخىرلاشتى ،  كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە كورلا كوماندىسى سەپنى تەڭشەپ قايتىدىن ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىغا ئۈمۈت ئاتا قىلدى ، ئارقىدىن قارماي ئەزكا كوماندىسىنىڭ قايتىدىن قوزغىغان ھۇجۇمى ئۈنۈم بېرىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:1 گە ئۆزگەرىتتى ،  كېيىن كورلا كوماندىسى ئۈزلۈكسىز قاتتىق ھۇجۇملارنى قوزغاپ ھېرىپ قالغان قارماي ئەزكا كوماندىسىنىڭ قاپقاقچىسىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 4:3 كە ئۆزگەرىتتى ، بۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىمىز دەپ ئويلىغان قارماي ئەزكا كوماندىسىدىكى ھۇجۇمچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ 18چەكنىڭ سىرتىدىن بىۋاستە قاپقاقچىغا تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4:4 نەتىجىگە ئۆزگەرتىپ بۇ مۇسابىقىنىڭ قىممەتلىك 1 نۇمۇرغا ئېرىشتى ، ئىككىلىي كوماندا غايەت زور تىرىشچانلىك كورسەتتى ، گەرچە قارماي ئەزكا كوماندىسى قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ باشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگلىگەن بولسىمۇ بىراق كېيىنكى مەيداندىكى ھارغۇنلۇق كورلا كوماندىسىغا ياخشى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى ، ئىككىلىي كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن


6:00دە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە غۇلجا ياشلىرىنى ئاساس قىلغان (بارىمۇ مۇشۇ كوماندىدا) گۇاڭخى ئۆي مۈلۈكچىلىكى  بىلەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتى پۇتبۇل كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى  ، شىنجاڭ ئونۋىرسىتى كوماندىسىدا شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ تەپكەن نىزامىدىن ، ئەسقەر قاتارلىق توپچىلار بولۇپ بۇلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرى بىلەن ئەسقەرنىڭ 2توپ ئۇرشى نىزامىدىننىڭ 4توپ ئۇرشى بىلەن مۇسابىقە نەتىجىسى 6:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى ، بۇ مۇسابىقىدە بارى تۈزۈك رولىنى جارىي قىلدۇرالمىدى ، كېيىنكى مەيداننىڭ يېرىمىدا مۇسابىقىدىن ئالماشتۇرۋىتىلدى ، بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئونۋىرسىتى كوماندىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىدى ھەممە ئەزا شۇنداق ماسلاشتى ، ھۇجۇمچىلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرى ئاستىدا قارشى تەرەپ سەپ شەكلىنى تاپالماي قالدى ، مەنچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئونۋىرسىتى پۇتبۇل كاماندىسى چىمپىيون چىقىدىغاندەك بىلىندى ، مەيلى قايسى كاماندا چىمپىيون چىقسۇن بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلغان كاتتايايلاق لوڭقىسى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن ، ھەرقايسى كاماندىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىللرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن


UID
11145
يازما
131
تېما
29
نادىر
2
جۇغلانما
1131
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-25
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 15:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يە ھەر يەلەگە چىچىلىپ كىتىپتىغۇ تاڭ.
ئامما مۇسابىقىنى كۆرۈپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۇيغۇرلىرىمىز
پۇتپۇلدا تۇغما تالانتىلقكەن راست گەپ. بىر ئىغز پو ياكى ساختا گەپ ئەمەس.
مىسسىدەك ئوتتىرا مەيدان قوشۇلغان ھۇجۇم ،كىرىستىيان ،بىلدەك تىز سۈرەتلىك كىراي
زىداننىدەك سول كىراي (كورلىنىڭ 5-نۇمۇر بەدەنمۇ باركەن توپنىمۇ ياخشى كونتىرول قىلدىكەن)توپ
كونتىرول قىلىشى زىداننى ئەسلەتتى .ئوتتىرا مەيدانمۇ شۇنداق بوپ قالدۇ. لىكىن بىرەر ياخشى بىك
تەسىر قىلمىدى تۈنۈگۈن.
ئۇيغۇردىن بىرمۇ سەۋەنلىك ئۇچراتمىدىم .
سەۋەنلىك ھۆكىمەتتە باركەن . پۇل شارائىت بولسا (لۇنىڭىدىكىدەك ،خېڭدادىكىدەك)
ئاسىيانىڭ غوجسى بولۇش 5- باشلانغۇچتىكى ئىنىلىرمىزگە ئوخشاش تەس ئەمەسكەن.
شۇڭا ئۇيغۇر پۇتپۇلچى ئانداق ،مانداق دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالسام، ئاغزىغا تۈكۈرۈپ قويىمەن .
بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا بىرەر باينىڭ قۇرغان پۇتپۇل مەكتىۋى ھەم كۇلۇبى بولۇپ
ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ئۇيغۇر ئانداق مانداق دىسەڭ بولىدۇ بولمىسا ماڭا ئۇنداق گەپنى قىپ بەرمە
مۇشۇ مۇنبەردىمۇ با بەزى لاتىلار ئانداق مانداق دەيدىغان

UID
25197
يازما
120
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-16
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 15:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىز ئىلگىرىمۇ ئوخشاش خاراكتېردىكى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ خېلى زور تەسىرلەرنى قوزغىغانىدى.بۇ قېتىم تىجارەت ئەھۋالى ياخشىلىنىپلا يەنە بىر قېتىم مۇسابىقە ئۇيۇشتۇردى.بۇنىڭدىن يۈسۈپ ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە بارلىقىنى بېغىشلىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ گەرچە بىر مۇسابىقە بولسىمۇ ئۇنىڭدىن بىز روھ تاۋلاپ چىقالايمىز،مەيلى تاماشىبىن ياكى پۇتبولچى بولسۇن ھەممىسى مۇسابىقە ئىشتىراكچىلىرى،ھەممىسى پۇتبول روھىنىڭ ئۆگەنگۈچىلىرى ھەم ھەمبەھىرلەنگۈچىلىرى ھېساپلىنىدۇ.
نەق مەيداندىن ئالغان تەسىراتىم،غۇلجا كوماندىسىدا گەرچە كۈچلۈك ئەزالار بولسىمۇ ئەمما ماسلىشىش ياخشى بولمىدى.ھۇجۇمچىلار پاسلىشىشتا ياخشى ماسلاشقان بولسا بىرقانچە توپنى كەتكۈزۈپ قويماسلىقى مۇمكىنتى.شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەسقەرنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى.

UID
32064
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 18:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىنتايىن ئېسىل ئىش بوپتۇ    بەلكىم مۇشۇ مۇسابىقە جەريانىدا نۇرغۇن تۇنۇلمىغان چولپانلار  چىقىشى مۈمكىن  ئاللا خالىسا چوقۇم دۇنياغا تونۇلۇغۇدەك توپچىلار چىقىدۇ .  بىزمۇ ئاشۇ چولپانلىرمىزدىن پەخىرلىنىپ يۇرمىز !!! تەشكىللىگەن جاپاكەشلەگە رەخمەت !!!

UID
32064
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 18:59:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىنتايىن ئېسىل ئىش بوپتۇ    بەلكىم مۇشۇ مۇسابىقە جەريانىدا نۇرغۇن تۇنۇلمىغان چولپانلار  چىقىشى مۈمكىن  ئاللا خالىسا چوقۇم دۇنياغا تونۇلۇغۇدەك توپچىلار چىقىدۇ .  بىزمۇ ئاشۇ چولپانلىرمىزدىن پەخىرلىنىپ يۇرمىز !!! تەشكىللىگەن جاپاكەشلەگە رەخمەت !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش